مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (8): مەشھۇر تاتار ئالىمى شەيخ مۇھەممەد مۇرات رەمزى بىلەن ئۇچرىشىش

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2022.05.10
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (8): مەشھۇر تاتار ئالىمى شەيخ مۇھەممەد مۇرات رەمزى بىلەن ئۇچرىشىش مەشھۇر تاتار ئالىمى شەيخ مۇھەممەد مۇراد رەمزى (1854-1934) نىڭ ئۈچ ئوغلى — فەھمى مۇراد، مۇنىر مۇراد ۋە ئەنۋەر مۇرادلار بىلەن بىللە 1927-يىلى چۆچەكتە چۈشكەن سۈرىتى.
RFA/Qutlan

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن پۈتۈن يۇرتۇمنى ئايلىنىپ چىقىش مەقسىتى بىلەن 1930-يىلى مەشھۇر تاتار ئالىملىرىدىن چۆچەكتە ئولتۇرۇشلۇق شەيخ مۇھەممەد مۇراد (رەمزى) ئەفەندىمنىڭ قېشىغا ھەدىس ۋە تەفسىر بىلىملىرىدىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن بارىمەن، دەپ خوتەندىن يولغا چىقتىم.»

دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا راستىنلا چۆچەككە بېرىپ مەشھۇر تاتار ئالىمى شەيخ مۇھەممەد مۇراد رەمزى بىلەن كۆرۈشكەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ھەدىس ۋە تەفسىر بىلىملىرىدىن دەرس ئالغانمۇ؟ بۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇلار كەلگۈسى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرغانمۇ؟

ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا، «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك كىتابچىسىدا ۋە ياكى باشقا ئەسەرلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە چۆچەكتە مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇراد رەمزى بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقى ھەمدە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيدۇ.

تۈركىيە چاناقەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش مۇساپىسىگە دائىر مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ چۆچەكتە تاتار ئالىمى مۇراد رەمزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە تۈرلۈك تېمىلار بويىچە ئۇزۇن سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىدىن ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇ ئابىدە ئەسىرىدە «1930-يىلى چۆچەكتىكى مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇراد رەمزىدىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن خوتەندىن يولغا چىقتىم» دەپ يازغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ۋاھالەنكى، يەنە بىر قىسىم بىلىم ئادەملىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1930-يىلىدىكى ۋەتەن ساياھىتىدە مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇراد رەمزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە سوئال قويىدۇ. ئۇلار يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قىسقىغىنە 6 ئايلىق ۋەتەن ساياھىتى مەزگىلىدە چۆچەكتە تاتار ئالىمى شەيخ مۇھەممەد مۇراد رەمزىدىن ھەدىس ۋە تەفسىر بىلىملىرى بويىچە دەرس ئالغانلىقى مۇمكىنسىز، دەپ قارايدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى دەل مۇشۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇنداقتا، شەيخ مۇھەممەد مۇراد رەمزى زادى كىم؟ قەلبىگە ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئىبارەت بۈيۈك ئاتەش تۇتاشقان ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا نېمە ئۈچۈن مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خوتەندىن يولغا چىقىپ، بۇ زات بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ؟

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇراد رەمزىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇبارەك نامى ھەققىدە بىزنى قىسقىچە مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي چۈشەنچىلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى داۋامىدا، مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇراد رەمزى ۋە ئۇنىڭ دىنىي ئىلىم ساھەسىدىكى ئەسەرلىرى بىلەن چوڭقۇر تونۇشۇپ چىققان. ئۇ مۇراد رەمزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى، تاتارىستاننىڭ ئۇفا ۋىلايىتىدە ئۆتكەن بالىلىق دەۋرى ۋە باشلانغۇچ تەھسىلى، ياشلىقىدىكى بۇخارا ساياھىتى، شۇنداقلا تاتار-قازاق يۇرتلىرىدىكى مۇدەررىسلىك ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، تاتار ئالىمى مۇراد رەمزى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە ئەرەبىستانغا بېرىپ، بىرقانچە يىللار مەككەدە تۇرۇپ قالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدىكى داۋالغۇشلار تۈپەيلى، تۈركىيەدە تۇرالماي رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى تۈركىستانغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ھالبۇكى، چار رۇسىيە ساقچىلىرىنىڭ بۇ مەزگىللەردە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا تونۇلغان بۇ ئالىمغا بولغان تەقىپى ۋە بېسىمى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن. بولشېۋىكلار ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەنى 1919-يىلى مۇراد رەمزى رۇسىيەدىن ئايرىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەك شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىدىكى چەكلىك ئۇچۇرلارغا تايىنىپ، ئۇنىڭ چۆچەكتە تاتار ئالىمى مۇراد رەمزى بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقى ۋە پىكرىي جەھەتتىن ئۇنىڭ تەسىرىگە قانداق ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەيخ مۇھەممەد مۇراد رەمزىنىڭ پىكرىي جەھەتتىن جەدىدچىلەر ئېقىمىغا ئەمەس، بەلكى قەدىمىيەتچىلەر (ئەنئەنىچىلەر) ئېقىمىغا تەۋە مەشھۇر دىنىي ئالىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان، مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇراد رەمزىنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىنى چۆچەكتە ئۆتكۈزگەنلىكىنى، شۇ دەۋرلەردە ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنىڭ پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ جاي-جايلىرىغا تارقالغانلىقىنى، ھەر يىلى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىش ۋە تەھسىل ئېلىش ئۈچۈن چۆچەككە كېلىدىغانلىقىنى، 1930-يىلى يازدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللامنىڭمۇ چۆچەكتە مۇھەممەد رەمزى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن غۇلجادا ئۆزئارا ئۇچراشقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.