مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (11): سابىت داموللامنىڭ خوتەنگە كېلىشى ۋە مىللىي ئىنقىلاب مەشئىلىنىڭ يېقىلىشى

0:00 / 0:00

1930-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا 6 ئايلىق ۋەتەن ساياھىتىگە ئاتلانغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ غۇلجادا سابىت داموللام بىلەن كۆرۈشۈشى، 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ۋەقە بولغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ جەنۇبتىكى تۇنجى مەشئىلىگە ئالدى بىلەن خوتەندە ئوت يېقىلىدىغانلىقى شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە بەلگىلەنگەن ئىدى. دېگەندەك، ئىسلام دۇنياسىدىكى 2 يىلدىن ئارتۇق سۈرگەن ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتقان سابىت داموللام، 1932-يىلىنىڭ ئاخىرى ھىندىستان ئارقىلىق بىۋاسىتە خوتەنگە يېتىپ كېلىدۇ.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەۋرە تۇغقانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» يېقىندا تۈركىيە «ئۆتۈكەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ يوقۇرىقى كىتابىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، سابىت داموللامنىڭ 1932-يىلىنىڭ شەئىبان ئېيىدا، يەنى نويابىر بىلەن دېكابىر ئارىلىقىدا خوتەنگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

سابىت داموللام مىللىي ئىنقىلاب يىللىرىدا. 1933-يىل.
سابىت داموللام مىللىي ئىنقىلاب يىللىرىدا. 1933-يىل. (RFA/Qutlan)

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆزىمۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1932-يىلى شەئىبان ئېيىدا (يەنى 11-ئايدا) سابىت داموللا ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، مىسىر ۋە ھىندىستان ساياھىتىدىن قايتىپ خوتەنگە كەلدى. ئۇ ساياھەت خاتىرىلىرىنى ۋە تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى. مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ھىندىستاندا بەزى سىياسىي كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا بىر مىللىي ئىنقىلاب قوزغالسا، قوشنا ئەللەرنىڭ مۇداخىلە قىلىش ئېھتىمالىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى؛ شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتچىلىك قانۇنلىرىغا قارىغاندا، بىر يۇرتنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش توغرا ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ، غۇلجادا كۆرۈشكەن چېغىمىزدىكى مەسلىھەتىمىز بويىچە، خوتەندە بىر مىللىي ئىنقىلاب تەشكىلاتى قۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەتىسى مەن سابىت داموللا ھاجىمغا تەشكىلاتىمىز ھەققىدە ۋە مەخپىيەتلىكىمىز ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردىم. داموللا ھاجىم بۇلارنى ئاڭلاپ بەك خۇرسەن بولدى ۋە دەرھال بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلدى. مەن تەشكىلاتىمىزنىڭ مەجلىسىنى چاقىردىم ۋە سابىت داموللا ھاجىمنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. پۈتۈن ئەزالار سابىت داموللا ھاجىمنىڭ خوتەن مىللىي ئىنقىلاب تەشكىلاتىغا ئەزالىققا ئېلىنىشىنى ماقۇللىدى.»

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، سابىت داموللامنىڭ چەت ئەل ساياھىتىدىن قايتىپ بىۋاسىتە خوتەنگە كېلىشى ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن قايتا باش قوشۇشى، خوتەندە قۇرۇلغان مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ يەر ئاستى پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشى، شۇنداقلا تەرغىپ-تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىپ خەلق ئارىسىدا ئاممىۋىي ئاساس يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

سابىت داموللامنىڭ 1933-يىلى مىسىردا چىقىدىغان «مېنار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» ناملىق ئەرەبچە ماقالىسى.
سابىت داموللامنىڭ 1933-يىلى مىسىردا چىقىدىغان «مېنار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» ناملىق ئەرەبچە ماقالىسى. (RFA/Qutlan)

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا، سابىت داموللامنىڭ خوتەندىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتقا ئەزا بولغاندىن كېيىن، مەسچىت-جامەلەردە كەڭ جامائەتكە قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىپ، ئاۋام ئارىسىدا مىللىي ئىنقىلابقا ھازىرلىنىش ئۈچۈن چوڭقۇر تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: «سابىت داموللا ھاجىم رامازان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرئاندىكى جىھاد ئايەتلىرىنى كەڭ-تاشا تەپسىر قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئىچىدە ئىنتايىن چوڭقۇر بىر تەشۋىقات خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرى بەك ياخشى بولۇپ، ئەزا توپلاش ۋەزىپىمىزگە چوڭ ياردەمچى بولدى. رامازان ئايىنىڭ ئاخىرىدا تەشكىلاتىمىزغا يەنە مۇھىم بىر كىشى قېتىلدى. بۇ كىشى، خوتەندە ئەڭ چوڭ دىنىي ۋە مىللىي نوپۇزغا ئىگە بولغان مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ئاي ئىچىدە ئىنقىلابىي تەشكىلاتىمىزغا قاتناشقانلارنىڭ سانى ناھايىتى تېز كۆپەيدى. ئەزالىرىمىزنىڭ ھەممىسى قوراللىق بولمىسىمۇ، 20 پىرسەنتى مىلتىق، قالغانلىرى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قوراللاندى.»

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ سابىت داموللامنىڭ 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چەت ئەلدىن قايتىپ كېلىپ، خوتەندىكى مەخپىي تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشى ۋە خوتەن ئىنقىلابىغا تەييارلىق قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى مۇھىم شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى، «خوتەن ئىنقىلابى ھارپىسىدىكى مۇھىم ۋەقە» دەپ قارايدۇ.

مەلۇمكى، سابىت داموللام قەلبىگە ۋەتەن ۋە خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىرادىسىنى تاڭغان بىر سىياسىيون بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تونۇلغان دىنىي ئالىم ۋە قۇرئان كەرىم بويىچە داڭلىق تەپسىرشۇناس ئىدى. ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، سابىت داموللامنىڭ بىر دىنىي ئالىم سۈپىتىدە خوتەننىڭ مەسچىت-جامەلىرىدە قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىپ، كەڭ جامائەتكە ئازادلىق ۋە ھۆرلۈك ھەققىدە تەرغىپ-تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ مەشئىلىگە ئوت تۇتاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن سابىت داموللامنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات جىددىي مەجلىس ئېچىپ، خوتەن ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغۇسى خوتەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك گەۋدىسىنى سايلاپ چىقىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ھىجرى 1351-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 5-كۈنى پەيشەنبە (مىلادى 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى) تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ 18 كىشىلىك ۋەكىللەر مەجلىسى ئېچىلدى. مەجلىستە مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ھۆكۈمدار سايلاپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدۇق. سابىت داموللا ھاجىم ھۆكۈمدارنىڭ مەسلىھەتچىسى، مائارىپ، ئەدلىيە ۋە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىندى. مەن ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بولدۇم.»

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خوتەن ئىنقىلابى پارتلاش ھارپىسىدا مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات يىغىن چاقىرىپ، خوتەندىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۆلىما مۇھەممەد نىياز ئەلەمنى قۇرۇلغۇسى خوتەن ھۆكۈمىتىگە رەئىس، سابىت داموللامنى باش مەسلىھەتچى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن خوتەن ئىنقىلابى بىر تۇتاش رەھبەرلىك گەۋدىسىگە ۋە ئېنىق بولغان ئىنقىلاب نىشانىغا ئىگە بولغان. بۇ ئەھۋال خوتەن ئىنقىلابىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىبە قازىنىشى ۋە شەرقتە چەرچەن-چاقىلىقتىن غەربتە يەركەنگىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلارنىڭ خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارىسى ئاستىغا كىرىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

(داۋامى بار)