مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (1): نەسەبى ۋە جەمەت شەجەرەسى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2021.11.23
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (1): نەسەبى ۋە جەمەت شەجەرەسى 20-ئەسىردىكى مەشھۇر شەخسىيەت - مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا.
Photo: RFA

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئابىدە ئەسىرىدە يازغىنىدەك، 20-ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى باشقا مىللەتلەرنى ئويغاتقان، ئۇلارنى تەرەققىياتقا ۋە ئىلىم-پەنگە باشلىغان بىر مەزگىللەردە، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى غەپلەت ئۇيقۇسىغا چۆمۈپ، تولىمۇ بىخۇتلىشىپ كەتكەن ئىدى». يەنە كېلىپ «شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە زاتلار بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئاز ئىدى». تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى كېچە قاراڭغۇلۇقىغا ئوخشايدىغان مانا مۇشۇ زۇلمەتلىك دەۋردە، زىممىسىگە بۈيۈك بۇرچلار يۈكلەنگەن شەخس — مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا دۇنياغا كېلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەققىدىكى مەنبەلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇنىڭ 1901-يىلى خوتەن شەھەر ئىچىدىكى خەلىپىلىك ھويلا مەھەللىسىدە تۇغۇلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئەمما ئۇنى «1906-يىلى تۇغۇلغان» دېگۈچىلەر ۋە ياكى باشقا يىلنامىلەرنى كۆرسىتىدىغان كىشىلەرمۇ مەۋجۇت. ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، گەرچە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە تۈرلۈك يىلنامىلەر تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما 1901-يىلى دېگەن بۇ يىلنامىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنى كۆپىنچە مەنبەلەرنىڭ تەستىقلايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيەدىكى پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى زاماندا «ئەمىر ھەزرىتىم» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەندىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئائىلەدە دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. يەنى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەسەبى ئاتا تەرەپتىن ئابرويلۇق بىر دىنىي ئائىلىگە تۇتاشسا، ئانىسى سەكىنە خانىم تەرەپتىن 1860-يىللاردىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ داھىىيسى ھەبىبۇللا خان پاشا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان خان پاشالارغا تۇتۇشىدىكەن.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەسەبى ۋە ئائىلە شەجەرىسى ھەققىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىدە ۋە جىنيەنى ياقۇپ بۇغرانىڭ «خاتىرەلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنىڭ ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئاتا ۋە ئانا تەرەپتىن خوتەن تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر جەمەتلەرگە تۇتۇشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى مەرھۇم دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسىدۇر. ئۇ ئىلگىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرى ھەققىدە ماگېستېرلىق ماقالىسى يازغان بولۇپ، ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇماقتا. ئۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەسەب جەھەتتىن 1860-يىللاردىكى خوتەن ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھەبىبۇللا خان پاشاغا تۇتۇشىدىغانلىقى ھەققىدە مەنبەلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنى كۆپلىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئانا تەرەپتىن 15-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تەرىقەت ئۇستازى خوجا ئەربابى ئەبەيدۇللا ئەھرارىغا باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇنى دەلىللەيدىغان بىر نەسەبنامە ياكى شەجەرەنىڭ ھازىرچە قولىدا يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەسەبى ۋە ئائىلە قان بېغىنىڭ 15-ئەسىر تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر تەرىقەت ئۇستازى ۋە دىنىي ئالىم خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارىغا تۇتۇشىدىغانلىقى ھەققىدە مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ ئەسلىمىسىدىمۇ بىر ئائىلە شەجەرىسى كۆرسىتىلگەن، ئەمما بۇ شەجەرىنىڭ قايسىي مەنبەدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى، دوكتور ياقۇپ بۇغرا ئۆزىنىڭ «خاتىرەلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1984-يىلىدىكى ۋەتەن زىيارىتىمدە خوتەنگە بارغىنىمدا، تاغام ئابدۇلھەمىد يۇسۇپى ئۆزى رەتلەپ چىققان نەسەب شەجەرىمىزنى ماڭا كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ نەسەبنامىنىڭ ئەڭ بېشىدا ‹خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارى› دېگەن ئىسىم بار. يەنى ھازىر قولىمىزدا بار ئاساسلارغا قارىغاندا، بىزنىڭ نەسەبىمىز ئەڭ باشتا بۇ كىشىگە باغلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ‹شەرقىي تۈركىستان تارىخى› ناملىق كىتابىدا خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارىنى شەرقىي تۈركىستان چاغاتاي دۆلىتىنىڭ مەشھۇر تەرىقەت مۇرشىدى بولۇپ، سۇلتان يۇنۇس خاننىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىدىن بىرى ئىدى، دەپ كۆرسىتىدۇ.»

20-ئەسىردىكى مەشھۇر شەخسىيەت — مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئۇنىڭ نەسەبى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ نەسەبى 1860-يىللاردىكى خوتەن قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى ھەبىبۇللا خان پاشاغا تۇتۇشىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەسەب يىلتىزىنى تېخىمۇ ئالدىغا سۈرۈپ، 1490-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن تەرىقەت ئۇستازى خوجا ئەبەيدۇللا ئەھرارىغا باغلاشقا ھۆججەتلىك مەنبەلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ھازىرچە بۇنى تەستىقلايدىغان ھۆججەتلىك دەلىللەرنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.