مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (2): ۋەتەن قايغۇسىنى يۈكلىگەن «خىيالچان بالا»

0:00 / 0:00

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۈيۈك شەخسىيەت-مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۈرەش ھاياتى ۋە كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان مەنىۋىي مىراسلىرى بىلەن ھېلىھەم كىشىلەر قەلبىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە كىشىلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق شەخس، يەنى «مىللىتىمىز يېتىشتۈرگەن داڭلىق سىياسىيون، ئىنقىلابچى، تارىخچى، شائىر، يازغۇچى ۋە جامائەت ئەربابى،» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆز زامانىسىدا «داڭلىق دىنىي ئالىم ۋە مۇدەررىس، 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە ھەربىي قوماندان، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق ئەسەر يازغان تارىخچى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە يۈرۈتۈلگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلە ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى،» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆز ھاياتى ھەققىدە قالدۇرغان يازمىلىرىدا ئۇنىڭ بالىلىق ھاياتىغا دائىر ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار كۆپ ئەمەس. ئەمما ئۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا، «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق خاتىرىسىدە ۋە 1952-يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلدۇرغان «شەرقىي تۈركىستانىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق كىتابچىسىدا، ئۆزىنىڭ ئېسىنى تاپقان بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ تەقدىرىدىن چوڭقۇر قايغۇلانغانلىقى، ھەر تەرەپتىن ئۈمىد نۇرى ئىزدەنگەنلىكى ۋە كىچىك تۇرۇپلا زىممىسىگە «ۋەتەن قايغۇسى» نى يۈدىۋالغان «خىيالچان بالا» بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ شۇ يىللاردىكى ئازابلىق ھېسسىياتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئوڭ ۋە سولنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان چېغىمدىن تارتىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقلىرىنى، شۇنداقلا خەلقىمنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپ ئېچىنماقتا ئىدىم. بۇلارنىڭ تەسىرىدىن نۇرغۇن كېچىلەردە ئۇيقۇسىز ۋە ۋەسۋەسىلەر بىلەن تاڭ ئاتقۇزاتتىم. يېشىم كىچىك، ئەقلىم يېتىشمىگەن، ئۆزۈم تەجرىبەسىز ۋە ماددىي جەھەتتىن يوقسۇل ئىدىم. دەردىمنى ئاڭلىتىدىغان كىشىم يوق ئىدى. قىسقىسى، 15 يېشىمدىن تارتىپ، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى نەپرەت ھېسسى، مىللىتىم ۋە ۋەتىنىمنىڭ ھالىغا قايغۇرۇش كەيپىياتى كۆڭلۈمدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. بۇ ھېسسىياتنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە مىللىتىمنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمىي ۋە زامانىۋىي تارىخلىرىنى تەتقىق قىلىش زوقى كۆڭلۈمدە كۈندىن-كۈنگە قۇۋۋەتلەنمەكتە ئىدى. ئەپسۇسكى، مۇھىتىمدا ماڭا بۇ ساھەدە تەربىيە بېرىدىغان كىشىلەر يوق ئىدى.»

دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تۇغۇلغان يىللاردا پۈتۈن دۇنيادا، بولۇپمۇ شەرق ئەللىرىدە كونا بىر دەۋر ئاستا-ئاستا چۆكىۋاتقان، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇپۇق نۇرى كۆتۈرۈلىۋاتقان بىر زامان ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان مەنچىڭ ئىمپىرىيەسى، چار رۇسىيە ئىمپىرىيەسى، بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسى چۆكۈشكە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە ئۆرۈلمىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا جىددىي شەكىلدە تىركىشىش ۋە تەسىر دائىرە تالىشىش رىقابەتلىرى يۈز بېرىۋاتاتتى. ئىچكىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقى بېكىنمىچىلىك ۋە مۇنقەرزلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتى. ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان جاھالەت، مۇستەبىت رېجىم ۋە دۇنياۋىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىرتىدا قېلىشتەك قىسمەت ئۇيغۇر خەلقىنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىراتقان ئىدى.»

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تۇغۇلغان ۋە بالىق دەۋرى ئۆتكەن 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى، تاتار جەدىدچى مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ «ئالتەشەھەر مەكتۇبلىرى» ناملىق خاتىرىلىرى بىلەن ئادىل ھېكمەت بەينىڭ «ئاسىيادا بەش تۈرك» ناملىق كىتابىدىن ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ: «مەيلى ئابدۇقادىر داموللام بولسۇن ياكى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بولسۇن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنە ئاشۇ ئىجتىمائىي چۆكۈش دەۋرىدە دۇنياغا كەلگەن،» دەيدۇ.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى مەرھۇم دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسىدۇر. ئۇ ھازىر ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇماقتا. ئۇ مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا دۇنياغا كېلىشتىن 20 نەچچە يىللار ئىلگىرى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، ئارقىدىنلا «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنقەرزلىك ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىسمىتىگە دۇچار بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئۇ مەنچىڭ سۇلالىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىككىنچى قېتىم ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى «ئومۇمىي ۋالىي» ۋە ئىلىدا تۇرۇشلۇق «ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى» ئارقىلىق پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلغانلىقىنى، جەنۇبتىكى ۋىلايەت-ناھىيەلەرنى دوتەي-ئامباللارنىڭ قولى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇستەبىت ئۇسۇلدا كونتروللۇققا ئالغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى كۈچەيتىدىغان ھېچقانداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئېسىنى بىلگەن ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچار بولغان بۇ زۇلمەتلىك قىسمەتتىن قاتتىق ئازابلانغانلىقى، چارەسىزلىكتىن قەلبى پۇچلانغانلىقى ۋە چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مەنچىڭ ئىمپىرىيەسى زەئىپلەشكەن، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرىقى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان يىللاردا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، كىچىكىدىن باشلاپلا سەبىي قەلبىگە ۋەتەن ئوتى تۇتاشقان بۇ «خىيالچان بالا» نىڭ مۇنقەرز خەلقىنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن «غەم يېيىش» كە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)