دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، خەلقئارالىق ئۇچۇر - ئالاقىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بىلەن، يەرشارىلىشىش ھادىسىسى كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، كىمنىڭ قايسى دۆلەت ياكى قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكى، قانداق تىلدا سۆزلىشىپ، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئايرىۋېلىش ناھايىتى تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەبجەش دۇنيادا ھەم زامانغا ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىش ھەم ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزگىچىلىكىنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش ھەرقايسى مىللەت - قوۋم كىشىلىرى جىددىي ئويلانمىسا، ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى.
ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداش قەۋملەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆز يىلتىزىنى قىدىرىپ، ئۆز كىملىكىگە جاۋاب ئىزدەش ۋە كىملىك مۆھۈرىگە ئۆچمەس رەڭدە ھەل بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تەۋەررۈك سۈپىتىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بەلكى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاللىقاچان يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇيغۇرلاردىمۇ نەسەبشۇناسلىق ئىلمى بىر زامانلاردا خېلى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىللىتىمىز بۇ ئىلىمنى تاشلىۋەتكەچكە، يېقىنقى يۈز يىللاردىكى تارىخىمىز تېخىچە تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلەلمەيۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان ھالدا بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە «نەسەبشۇناسلىق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلىدۇق. قېنى ئەمىسە، قۇلىقىڭلار بۇ پروگراممىدا بولسۇن.