نورۇز ھەققىدە ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

بۈگۈنكى سەھىپىمىزنى مىڭ يىللاردىن بېرى بارلىق تۈركىي ۋە پارس تىللىق مىللەتلىرى ئورتاق قۇتلۇقلاپ كېلىۋاتقان نورۇز كۈنىگە ئاتاپ ئىشلىدۇق. شۇڭا ئالدى بىلەن نورۇز ھەققىدە تەييارلانغان ماقالە ۋە شېئىرلارنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن چەكلەنگەن ئەسەرلەر سەھىپىمىزدە، سۆيۈنگۈل جانىشىف يازغان: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

0:00 / 0:00

بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن بېرى خاسىيەتلىك كۈن سۈپىتىدە تەنتەنىلىك ھالدا كۈتۈپ كېلىۋاتقان، يېڭى يىلنىڭ بېشارەتچىسى، تىرىكچىلىك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدىغان، 2010 – يىل ب د ت تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەدىمىي مىللىي بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلىنىش ھەققىدە قارار چىقىرىلغان ئەنئەنىۋى بايرام - «نورۇز كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز بۇ پروگراممىمىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ «نورۇز كۈنى» نى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!