ئوھسىنىش (سادايى - 5 - بابنىڭ داۋامى)

0:00 / 0:00

ئەمما ئارىپتا بىر خىل ساددا ۋە پاك ئېتىقاد بار ئىدىكى، ئۇ ھەرگىزمۇ يامان نىيەت بىلەن موللىلارنى قەستەنگە ئوسال قىلىش نىيىتىدە بولمايتتى. بەلكى ھەممە كىشىدىنمۇ بەكرەك موللىلارنى ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇ پەقەت ئاڭلىغانلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ راستلىقىنى ئايرىۋېلىشقا ئۇرۇناتتى.