0:00 / 0:00
يىتىمنىڭ ئېغزى ئاشقا تەگكۈچە بۇرنى تاشقا تېگىپتۇ. - خەلق ماقالىسى.
ھەممىدىن غالىپ بولغان ۋاقىت ئاداۋەت ۋە غەزەپ جاراھەتلىرىنى قاقاچ قىلىپ چۈشۈرۈپ، غۇۋا ئىز قالدۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. داموللىنىڭ ئۆلۈمى پەيدا قىلغان غەزەپ تۇيغۇسى، ماتەم قايغۇسى پەقەت مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگىلا ھەمراھ بولۇپ قالدى.