0:00 / 0:00ئەھەت قارىنىڭ ئۆيىدە بىر سىڭلىسى، ئاتا - ئانىسى ۋە خوتۇنى بولۇپ جەمئىي بەش جان ئادەم ياشايتتى. ئۇنىڭ توي قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ تېخى بالىسى يوق، ئايالى«گۇماندار» ئىدى. بۇ ياش كېلىن سەھرالىقلارچە تۈز، ساددا ئىدى.