ئوھسىنىش (سادايى، 8 - بابنىڭ داۋامى)

0:00 / 0:00

ئۇلار ئورماندىن چىققۇدەك بولغاندا ئورمانلار شالاڭلاپ، - ئارىلىقلار كۆرۈنىدىغان يەرگە كەلگەندە ئالدى تەرەپتە ئادەم شەپىسى سېزىلدى. ئۇلارنىڭ ئۈنلىرى ئۆچكەن ھالدا جايى - جايىغا دۈم يېتىپ بىر ھازا كۆزىتىپ تۇرۇۋېدى، راستىنىلا ئادەم بارلىقى، يەنە كېلىپ چېرىكلەر بارلىقى مەلۇم بولدى. قارشى تەرەپتىن كالدىرلاپ بىر نېمە دېگەن ئاۋاز كېچە جىملىقىدا سۇس ئاڭلىنىپ قالدى.