0:00 / 0:00
مۇھەممەتتۇرسۇن كۆپچىلىكنى ھوشيارلىق بىلەن قورالنى بەتلەپ يېتىشقا ئۈندىدى. ئۆزى ئارىپنىڭ قېشىغا سۈرۈلۈپ: - ئارىپكا، سىلىنىڭمۇ تەسلىم بولغىلىرى باما؟ راست گەپنى قىلسىلا، بوممىسا ئىككىمىز قېچىپ كېتىلى، دېدى
- قوي ئۇكام. بىز خەق كاغا يارىمايدىكەنمىز، بىر ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىساق، ھەممىمىز ئۆزىمىزگە پادىشاھ، نېمە قىلغىلى بولۇدا؟ ئەمدى مەن شۇلارنى ئويلاپ، قانچىلىكلىكىمىزگە كۆزۈم يېتىپ، ئاپلا دەپ قېلىۋاتىمەن. باكادىن - باكاغا قىزىققانلىق قىلىپ باللىرىمنى بىسەرەمجان قىپتىمەن، قالغىنىغا يېتىم قىلايما، ئەمدە؟