0:00 / 0:00
پەيزىۋاتتىكى كۈنلەرمۇ خېلى ياخشى ئۆتكەنىكەن. گەرچە «تۇزىنى تېتىپ بېقىش» قا نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ، ئەخەت قارىنىڭ ئايالىغا قاراپ قويۇشمۇ شۇنداق تاتلىق ئىش ئىدى - دە. بىچارە تۇل قالارمىكىن؟
ئەگەر مەن چەتئەلدە باي بولۇپ كەلسەم ئۇنىڭغا ئۆزۈم ئىگىدارچىلىق قىلىمەن... ئۇنى ئالسام،... ياق، ئالسام بولمايدىكەن، ئۆيلەنمەي تۇرۇپ جۇۋان ئالسا ئۇ دۇنيادا توخۇ باقارمىش. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بويىدا بار.