ئوھسىنىش (سادايى، 3 - باب)

0:00 / 0:00

قالتىس ئادەملەركەن، - دېدى مۇھەممەت تۇرسۇن. ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆزىگە ھامىيلىق قىلغۇچىلارنى، ئۇستازلىرىنى ماختاپ ئولتۇراتتى. ئۇ ھەپتىدە ئىككى ئاخشام تاغىسىنى يوقلاپ تۇراتتى. ھېلىقى ئابدۇللا داموللا تاغىسىنىڭ ئۆيىگە يېقىن يەردە ئولتۇرىدىغان بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتى.