«مەن، خىتاي تەشكىلاتى مېنى تۇتۇۋالمىسۇن ۋە ياكى چارۋىچىلارنى خارلىمىسۇن دەپلا ئۇرۇشمايۋاتىمەن، 11 يىلدىن بېرى خىتاي پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى ۋە ئالتە چوڭ سىياسەتنى بۇ يەردە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بىزنىڭ باشقا مىللەتلەر ئوخشاش ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىدۇ، ئەمما 10 نەچچە يىلدىن بېرى بىز بۇنىڭغا قارشى چىقمىدۇق. مانا ئەمدى سۆزىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتقان خىتاي تەشكىلاتى بىلەن قارشىلىشىۋاتىمىز، خىتاي تەشكىلاتى ئەۋەتكەن ئاتالمىش ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بىزنى تۇتقۇن قىلدى. بىزدىن بىر ئارمىيە قۇرۇشنىڭ ئورنىغا، قوللىرىمىزدىكى قوراللارنى تارتىۋالدى. دىننى قوغداشنىڭ ئورنىغا مەسچىتلەرنى يىقىتتى، چارۋا ماللارنى تارتىۋالدى. باجنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئورنىغا كۆپەيتتى، تىجارەت قىلىش چەكلىنىپ، خەلقىمىز كەمبەغەل ھالغا چۈشۈپ قالدى. بىز چارۋا مال ئەمەس، بىز ئىنسان. بىز پۈتكۈل مىللەتلەرگە ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي تەشكىلاتى خەلققە زۇلۇم قىلىۋاتقان تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدىكەنمىز؟»
كىچىكىدىن تارتىپ ئىككى دۈشمەن-يەنى رۇس بىلەن خىتايغا قارشى نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئىدىيىسى بىلەن چوڭ بولغان، يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئۆزىنىڭ چەبدەس، ھوشيارلىقى بىلەن ئۇستازى بۆكە باتۇرنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ۋە سىردىشى بولۇپ قالغان بۇ كىشى نەچچە ئون يىل ئەزگەندىن سىرت، خەلقنى ئالداپ، ئوۋ مىلتىقلىرىنى يىغىۋالماقچى بولغان ھىيلىگەر خىتاينىڭ رەزىل سۇيىقەستنى كۆرۈپ يېتىپ: «قورال مېنىڭ ئىپپەت-نومۇسۇم، مەن ئىپپىتىمنى دۈشمەنگە تاپشۇرۇپ بەرمەيمەن. كۈچى يەتسە، تارتىپ ئېلىۋالسۇن» دەپ، ئائىلىسى، جىلغا-جىلغا مال-چارۋىسى، ئىسسىق چېدىرى، يۇرت-مەھەللىنى تاشلاپ، ئۆزى يالغۇز بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن تولىسى قەھرىتان قىش بولىدىغان ئالتاي تېغىغا چىقىپ كەتكەن ۋە ئانچە كۆپ ئۆتمەي ئەتراپىغا يىغىلغان پالۋان، مەرگەنلەرنىڭ غەيرىتى بىلەن ئاۋۋال رۇس، ئاندىن خىتايغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئالتاي ۋە چۆچەكنى دۈشمەندىن تازىلىغان. بۇ ئۇرۇشلاردا كۆرسەتكەن ئاقىلانە تاكتىكىلىرى، چىدامچان روھى، دىنىي ۋە خەلقىگە بولغان سادىقلىقى بىلەن تونۇلۇپ، خەلقنىڭ «باتۇر» غا، كېيىنچە: «ئالتاي قازاقلىرىنىڭ خانى» دېگەن نامغا لايىق كۆرۈلگەن بۇ كىشى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز خەلقى ئۈچۈن دۈشمەنگە قارشى تىنىمسىز كۈرەش قىلغان، بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتايغا قارشى كۈرەشتە ئون مىڭلىغان ئەزىز خەلقى، ئائىلىسى، مال-بايلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۆز جېنىدىن جۇدا بولدى.
مەيلى گومىنداڭ ۋە مەيلى كوممۇنىست خىتايلار بولسۇن ئوسمان باتۇرنى بۇ دۇنيادىكى بارلىقىدىن، ھەتتا جېنىدىن جۇدا قىلىش بىلەنلا بولدى قىلماي، ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز خەلقى ۋە ئەۋلادلىرىغا «باندىت»، «قاراقچى»، «ئىنقىلاب دۈشمىنى» دېگەندەك بەتناملار بىلەن سەت كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇنى ھەردائىم ئۆزىنىڭ باتۇرى، ئالتاينىڭ بۈركۈتى، ھۆرلۈك ئابىدىسى دەپ قاراپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئۇنىڭ نامى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى، ھەر يىلى ئۇنى ئەسلەپ مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلدى، كىتاب-ماقالىلەر يېزىپ، نەشر قىلدۇردى، چەتئەل كىشىلىرىگە ئۇنىڭ نامىنى تونۇتتى. دېمەك، خەلق ئۆز باغرىدىن چىققان بۇ باتۇر، ئەزىمەتنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى، كەلگۈسىدىمۇ ھەم ئۇنتۇپ قالمىغۇسى!