ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى

0:00 / 0:00

ئوسمانجان ساۋۇت

ئۆزگىچە ھېستىمەن ئۆزگە يۇرتلاردا،
جېنىمغا جان قوشماس خەقنىڭ يايلىقى.
ساماندەك سارغىيىش دىلدا بۇتلاردا،
قۇت بەرمەس ھېچكىمگە مىننەت بايلىقى.
ھەسرەتلەر چېكىمەن، ئاپتاپ جۇتلاردا،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

مىسكىنمەن، غېرىبمەن، قەدىمىم قاشاڭ،
كۆك سۈتمەن، سۇسىمان، يىتكەن قايمىقى.
جەننەت، دەپ بېرىلگەن باغلىرىم ۋاشاڭ،
ئۆكۈنگەن ئادەممەن چىشتا بارمىقى.
دېمىگىن، يەر شوراپ مەڭگۈگە ياشاڭ،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

قاتاردا يوقتۇرمەن ئادەملەر ئارا،
بىچارە ساياقمەن يولدا بايىقى.
كۆڭلۈم ئاق ۋە لېكىن تەلىيىم قارا،
ئادەممەن يوقالغان سۆيگەن ئامرىقى.
كۆزدە ياش، كۆزدە قان، يۈرەكتە يارا،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

غۇرۇرسىز نېتەرمەن، چۈشەر باشقا كۈن،
تاغ ئېرور يەلكەمدە تەشۋىش سالمىقى.
ئىچىمدە تۇنجۇقتى ھەننىۋا سەس ئۈن،
تەس تەننىڭ مەنزىلدە قەدەم ئالمىقى.
كۈندۈزلەر كۆزۈمگە پاتقان قارا تۈن،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

مۇقەددەس ناۋا بولۇپ سىڭگەن تۇپراققا،
تەنلەرنىڭ كەچمىشى، مۆچەل تارىخى.
قارايمەن يىراققا ئەزىم توغراققا،
يوللاردا ياشلىقنىڭ ئالتۇن ۋارىقى.
مۇھەببەت شارابى يۇرتتا، سوغراقتا،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

ئويمان-دۆڭ بويلىدىم، كەزدىممەن مۇدام،
ئادەممەن ھەر يەرگە تەگكەن ئايىغى.
بېشىمدىن كەتمەيدۇ ئالەمدە ھەرئان،
غېرىبلىق دەشتىنىڭ غولدا تايىقى.
قاخشالمەن، شېخىمدىن تۆكۈلگەن خازان،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

ھاياتنى ئۆكۈنۈش دېسەم دەل بولۇر،
يوق ئۇنىڭ ئاڭا تەڭ غالىب يارىقى،.
بارچە ھېس بۇ ھېسقا قارام، ئەل بولۇر،
كۆزلىرىم كەينىمدە، ئاقتى قارىقى.
قايغۇدىن كۆكسۈمگە ھامان سەل تولۇر،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

ئېسىمدىن چىقمايدۇ جان مەھەللىلەر،
قېنىمدا جۇش ئۇرار ئۆلكە، ئايمىقى.
ياڭرايدۇ دۇتاردىن تونۇش پەدىلەر،
ئەقلىمنى سىنايدۇ يوللار ئايرىقى.
ھۆسنۈڭنى تەكرارلار گۈلدە بەرگلەر،
تېغىمغا تىغ باغلار تېغىم قايرىقى.
چىققان ھوش تېنىمگە ئەمدى كىردىلەر،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

مەن ئەمدى ئۆزگىگە بولمايمەن ھەيران،
يوق ئېرۇر يىگىتنىڭ شەرتتىن تايمىقى.
ئۇۋاڭغا ھۈرمىسەڭ بولمايسەن ۋەيران،
سايىدۇر سوڭىغا ساينىڭ سايمىقى.
ئىزدىسەڭ ئۆزۈڭدە گۈزەللىك دەۋران،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

سۆيگۈسىز ئۇزلۇقلار چىقسۇن ئۇزۇنغا،
ئىپارسىز گۈللەرنىڭ تەستۇر يانمىقى.
بۇرالقى كىمسەلەر كىرمەس پۇزۇننا،
تاماقنى يىرتىدۇ ھىجران قارمىقى.
مەن ئاشىق پەرىلەر تۇرار ئۇزۇندا،
ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.

ساقايماس ئاغرىقكەن ۋەتەن ئاغرىقى.
كۆزلىرىڭ كەينىڭدە ئاقۇر قارىقى.