0:00 / 0:00
1960-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ناماز شامنى قەشقەر ئۆستەڭبويى زەرگەر بازىرىدىكى مەسچىتتە ئوقۇپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتاتتىم. ھېيتگاھقا كەلگەندە ئابلاخان خوجا دېگەن بىر جەرىدە ئادەمگە ئۇچراپ قالدىم. ئۇ ئادەم ئالدىمنى توسۇپ «ماڭا سەدىقە بەر» دېدى. چاپىنىمنىڭ يانچۇقىدا 5-6 موچەندەك پۇل بار ئىكەن، ئۇنى بەردىم.