پاجىئە ۋە كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ھاياتىنىڭ زور بىر قىسمى كۈرەش ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە ئۆتكەن، ئوتتۇز يىللاپ پانىي دۇنيانىڭ دوزىقى بولغان كوممۇنىست تۈرمىلىرىدە ئازاب چەككەن بىر پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئەسلىمىسىدۇر. بەختسىز مىللىتىمىزنىڭ بۇنداق جەڭچىلىرى ئاز ئەمەس؛ شۇنداقلا كۆپمۇ ئەمەس. بۇ قارمۇ-قارشىلىققا تولغان خۇلاسىمىزنى پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدىكى تۈرمە تەسۋىرلىرى تەستىقلايدۇ. بىر ئېغىز قۇرۇق گەپ ئۈچۈن تالاي ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدىغان، فاشىستلارنىڭ «جەۋھىرى» بولغان كوممۇنىستلارنىڭ تۈرمىسىدىن بۇنداق بىر جەڭچىنىڭ تىرىك قايتىپ چىقىشى، ھەتتا ھۆر دۇنياغا چىقىپ ئاشۇ پاجىئەلەرنى ھېكايە قىلىشى ئاللانىڭ بىر مۆجىزىسى بولسا كېرەك!