پاجىئە ۋە كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات (بارات ھاجى)

0:00 / 0:00

تۈرمە ھاياتىنىڭ ئاخىرى: 3 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن سائەت 10 ئەتراپىدا ئىككى ئەسكەر بىلەن ئىككى گۇندىپاي ئىشىكنى ئېچىپ: - تالاغا چىق! - دېدى. ئىشتاننىڭ تاسمىسى يوق، ئىچ ئىشتاننىڭ ئىشتانبېغى يوق، چاپاننىڭ تۈگمىسى يوق بولغاچقا قولۇمدا تۈتىۋالغان ھالدا ئۆيدىن چىقتىم. ئۇلار مېنى تۈرمە سوراقخانىسىغا ئاچىقتى.