پاجىئە ۋە كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات (بارات ھاجى)

0:00 / 0:00

مالىمانچىلىق يىللىرىدىكى كەچۈرمىشلەر: مىجىت ھېلىم دېگەن ئاتۇشلۇق بىر سەپدىشىمىز بار ئىدى. بۇ ئادەم تۈركىيەدە ئوقۇغان ھېلىم ئەپەندىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتۇشتا ئەھمەد كامال تەرىپىدىن ئېچىلغان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى، مائارىپچى زىيالىي ئىدى. خەلق پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان بۇ ئادەم 1953-يىلى 38-پولكنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. 1966-يىلى 8-ئايدا تۈرمىگە كىرگەن.