پاجىئە ۋە كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات (بارات ھاجى، 2014-يىلى 31-ماي)

0:00 / 0:00

دەل مۇشۇ ئادەمنى قامىغان كۈنلىرىدە ( يەنى 1991 - يىلى 11 - ئايدا) مەن قەشقەر شەھەر كېپەك بازىرى مەسچىتىنىڭ مەزىنى بولغاچقا بامدات نامازنى ئوقۇپ جامائەت مەسچىتتىن چىقىپ بولغاندا ئىشىكنى تاقاۋاتسام، «سازايى! پانتۈركىست جىنايەتچى باراتنى يوقىتايلى!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.