ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ گىراژدانى ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك پاسپورتتىن ئىبارەت بۇ يول خېتىگە ئازاتجان بۇغرا نېمە ئۈچۈن ئېرىشەلمىدى؟ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى كونسۇلخانىلىرىدىن پاسپورت ئالالماسلىق، مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن پاسپورت ئالغان تەقدىردىمۇ ۋاقتى توشقاندا ئۇزارتالماسلىقتەك قىيىنچىلىقلار ئازاتجان بۇغرانى نېمە كويلارغا سالدى؟ بۇ تارتقۇلۇقلارنىڭ تۈپ سەۋەبى ئۇنىڭ كوممۇنىست خىتايدا ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇپ تۇغۇلغانلىقىدىمۇ ياكى قەلبىگە ئۆز تۇپرىقى ۋە خەقلىنى سۆيۈشتەك مىللىي بۇرچ تۇيغۇسىنى چىڭ پۈككەنلىكىدىمۇ!؟
بۇ سوئاللار ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە كېلىش ئۈچۈن ئازاتجان بۇغرانىڭ مۇھاجىرەتتە دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرىنىڭ داۋامىغا دىققەت بەرگەيسىز! ئۇ ھەرقانداق بىر گىراژدان سۆزسىز ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك پاسپورت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ خاتا ئۇچۇر بېرىشى بىلەن سۈرىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئالدىراش تەرجىمە ئىشىنى تاشلاپ پاكىستان ئارقىلىق تايلاندقا بارىدۇ. ئەمما بانكوكتا ئۇنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان شۇم قىسمەت كۈتۈپ ئالىدۇ... ئۇنداقتا، ئۇ بانكوكتا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى؟ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن قارا گۇرۇھلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان تايلاند ساقچىلىرى ئۇنى قانداقلارچە تۇتقۇن قىلدى؟ ئۇ بانكوكتىكى زەي تۈرمىلەردە قانداقلارچە تۆت ئاينى ئۆتكۈزدى؟ ئاخىرىدا قانداق مۈشكىلاتلار ئىچىدە تۈرمىدىن بوشىتىلدى؟...
بۇ تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز مۇخبىرىمىز قۇتلاننىڭ ئازاتجان بۇغرا بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆبىتىنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا قۇلاق سالغايسىز!....
0:00 / 0:00