ئەركىنلىك بولمىغان يەردىمۇ مۇھەببەت بولغاندەك، قۇياش پارلىمىغان يەرلەردىمۇ ئاپتاپتەك قەلبلەر ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ھەقىقەتەن، بېشىمىزغا كەلگەن ھەر مۇسىبەتكە بىر خەيرىيەت يوشۇرۇنغان بولىدىكەن. مەن قاماقتا گۇندىپايغا «ھالال، ھارام» توغرىلىق لېكسىيە سۆزلەپ ھەپتە قىينالغاندا خۇددى بۇ كۈنلەر مۇشۇنداق داۋام قىلىدىغاندەك، ئاللىقاچان ئېگىلىپ ياشاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ بولغان ئىكەنمەن. دېمىسىمۇ شۇ بىر ھەپتىدە گەپ قىلمىسام «ناماز ئوقۇۋاتىسەن» دەپ ئۇراتتى، گەپ قىلسام «كىملىكىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭ» دەپ دەپ ۋەھىمە سېلىشاتتى. قۇلۇم پۇتۇمغا چېتىقلىق بولغاچقا ھەرىكەتسىز قېلىپ مۈگدىسەم تېپىك يەيتتىم. قاماقتىكى ئوغرى، قاراقچى، خروئىنكەشلەرگە ئۇرۇش-جېدەل دېگەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ تېپىلماس پەيتى ئىدى. خىتاي مەھبۇسلاردىن ئىقتىسادىي سەۋەب بىلەن كىرگەنلەر بۇنداق چاغدا يا چىرايلىق گەپلەر بىلەن توساتتى، ياكى گۇندىپايلارغا خەۋەر قىلىپ قوياتتى.
ئەي ۋېيگۇاڭ شۇ كۈنلەردە مېنى نەچچە قېتىملىق ئوپچە تاياقتىن توسۇپ قىلىشقا تىرىشقان ئىدى. مەشىق كامىرىدا جازالانغان تۇنجى كۈنى سەھەردە ئاغزىم بىلەن جۈمەكنى ئېچىپ بېشىمنى سۇغا تۇتتۇم. بۇ يۈزۈمنى يۇيۇشنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئىدى. بېشىمدىن قۇيۇلغان مۇزدەك سۇ مەيدەمگىچە ھۆل قىلدى. شۇ چاغدا بىرى كېلىپ جۈمەكنى ئەتتى ۋە كۆزەينىكىمنى ئېلىۋېتىپ يۈزلىرىمنى سۈرتتى. «بۇ يېڭى لۆڭگە، تېخى ئىشلەتمىگەن،» دېگەن ئاۋازغا ئەگىشىپ كۈلۈمسىرىدىم. ئالدىمدا يېشى 60 تىن ئاشقان بىر خىتاي كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
مېنىڭ مەشىق كامىرىدىكى جازا مۇددىتىم توشۇپ ئازادە كامىرىغا يۆتكەلگەننىڭ كېيىنكى ھەپتىسى ئەي ۋېيگۇاڭمۇ شۇ كامىرىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ مەشىق كامىرىدا كاتىپ ئىدى. كېچىلىك نۆۋەتچىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىكلەرگە چىدىماي كامېر باشلىقى بىلەن تاكاللىشىپ ئەمىلىدىن چۈشۈپتۇ. شۇندىن كېيىن كۈنلىرىمىز پاراڭ بىلەن مەنىلىك ئۆتتى. مەن كامىرىدا ئۇيغۇر بالىلارغا خىتايچە يېزىش، ئوقۇشنى ئۆگەتسەم، ئۇ سۆزلەشنى مەشىق قىلدۇراتتى. ئۇ ئەسلى پېنسىيىگە چىققان كادىر بولۇپ، بىر يۇرتلۇقىنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇمۇلغا كېلىپ بىر كانغا باشلىق بولغان ۋە «قانۇنسىز كان ئېچىش» بىلەن تۇتۇلغان ئىكەن.
ئەي ۋېيگۇاڭنىڭ قاماققا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتى «كاۋاپچى، ئوغرى ۋە تېررورچى» دېگەن ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلانغان ئىكەن. ئىككى يىلغا سوزۇلغان كامېر ھاياتىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قارىشى ئۆزگىرىپتۇ. ئۇ ئەتىگەندە يۈزىنى يۇيماي ناشتا قىلىدىغان، تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن قول يۇيمايدىغان بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرۈپ باقماپتۇ. تازىلىقتىكى بۇ سېلىشتۇرمىغا مەنمۇ دىققەت قىلغان ئىدىم. ھەتتا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھاجەتتىن كېيىن ئىستىنجا قىلىپ قوپۇش ئادىتى خىتايلارغىمۇ سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، مەن ئۈرۈمچىدە ياتقان ئۇچ قاماقخانىنىڭ ھەممىسىدە خىتايلارنىڭ «ئىستىنجا» قىلىشلىرىغا شاھىت بولغان ئىدىم.
ئەي ۋېيگۇاڭنىڭ ئېيتىشىچە، بىر كۈنى ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھاجەت قىلىشنى كوللېكتىپ رەت قىپتۇ. سەۋەبى ئۇلار ئېشىپ قالغان مومىلارنىڭ ھاجەتخانا تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرگەن ئىكەن. ئاشقان تاماقنى ھاجەتخانىغا تۆكۈش-تۆكمەسلىك ھەققىدە كامىرىدا كۆپ قېتىم جېدەل چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار گۇندىپايلارغا بۇ ھەقتە ئەرز قىپتۇ. ئاخىرى قاماقخانا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەرزىنى توغرا تېپىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئاشقان تاماقلارنى ھاجەتخانىغا تۆكمەسلىكنى بۇيرۇپتۇ. بۇنى مەن ئۈرۈمچىدىمۇ كۆپ كۆرگەن، ئۇيغۇرلار يېمەكلىكلەرنى خىتايلاردەك ئەخلەتكە ئارىلاشتۇرماي ئايرىم خالتىدا ئېسىپ قوياتتى. ھەتتا ئامېرىكىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پەزىلىتىگە دىققەت قىلغان ئىدىم.
ئەي ۋېيگۇاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەيران قالغان يەرلىرى كۆپ ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ئۇيغۇر مەھبۇس بىلەن سۇ توغرىلىق دېيىشىپ قاپتۇ. ئەي ۋېيگۇاڭ زېرىككەندە سۇنىڭ تۇرۇبىدىن شارقىراپ ئاققان ئاۋازىغا ئامراق ئىكەن. ئۇيغۇر مەھبۇس سۇنى ئىسراپ قىلدىڭ، دەپ ئۇنىڭغا يول قويمايدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى يىللىق قاماق ھاياتىدا پۇلىنى دۆلەت كۆتۈرىدىغان سۇنى تېجەيمەن دەپ بىلەن باشقىلار بىلەن جېدەل قىلىدىغان، كامىرىغا كىرىپ قالغان چۈمۈلىنى ئۆلتۈردۈڭ دەپ كاناي سىقىشىدىغان، پۇلغا سامساق ئېلىپ يېمەي چىش پاستىسىنىڭ قاپچۇقىغا پاختا تىقىپ كۆكلىتىپ كامىرىغا تىزىۋېتىدىغان ئۇيغۇرلارغا تاڭ قاپتۇ.
ئەي ۋېيگۇاڭ بىر كۈنى ماڭا قاراپ: -كامىرىدا سامساق كۆچۈرگەن ئىشقا قاراپ ئويلىدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېشىللىققا بولغان مۇھەببىتى بەكمۇ چوڭقۇر ئىكەن، -دېدى. مەن يەنە بىر ھېكايە ئاڭلاشقا تەييارلىق قىلىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇردۇم. -سەيپۇللانى بىلىسەنغۇ؟ مۇددەتسىز كەستى ئۇنى. بۇلتۇر ئەتىيازدا ھاۋالانمىغا بىر قاراياغاچ ئۈنۈپ قاپتۇ. ئۇ بۇنى بايقاپ بەك خوش بولۇپ كەتتى، ھېچ كىمنى دەسسەتكۈزمەي باقتى. گۇندىپايلار كۆرۈپ قالسا يۇلدۇرىۋېتىدۇ، دەپ ئالدىغا يوتقان تىزىپ قويدى. خۇددى بالىسىغا قارىغاندەك ھەر كۈنى ئەتىگەندە سۇ قۇيدى. سەيپۇللا شۇ كۆچەتنى دەپ مەھبۇسلار بىلەن دائىم قىزىرىشىپ قالاتتى، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك كامېر باشلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ تاماكىمۇ چېكەلمىدى. يوتقان كۆرپە بىلەن كۆچەتنى يوشۇرىمەن دەپ ئالتە ئاي ئۆزى يالغۇز خەقنىڭ ئورۇن كۆرپىسىنى يىغدى. ئەمما ئاخىرى بولغۇلۇق بولدى. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بولغاندا گۇندىپايلار يوتقانلارنى چۇۋۇپ تىزغا كەلگىدەك ئۆسكەن كۆچەتنى يۇلۇۋەتتى. سەيپۇللا بۇنى كۆرۈپ ئۈچ كۈنگىچە گېلىدىن غىزا ئۆتمەي ئاغرىپ قالدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇ كۆچەت يۇلۇنۇپ ھەپتىدىن كېيىن سەيپۇللاغا مۇددەتسىز كېسىلگەنلىك خەۋىرى كەلدى.
ئەي ۋېيگۇاڭ بىلەن سۆھبىتىمىز چوڭقۇرلاپ ئۇنىڭغا قاماقتىن چىققاندىن كېيىنكى پىلانلىرىمنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا چىققاندا قىلىدىغان ئۈچ ئىش ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ بەرگەن ئىدى. ئۇ ئۈچ ئىش: بەيگە مەيدانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە ھەر ئەتىگەندە بىر تۇخۇم، بىر خالتا سۈت ۋە بىر نان تارقىتىلىدىغان قۇلاي ناشتىلىق پىلانى، مەھبۇسلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ قۇرۇش پىلانى ۋە سابىق مەھبۇسلار ئىگىلىك تىكلەش پىلانىدىن ئىبارەت ئىدى. كۆزىتىشىمچە، بەيگە مەيدانىغا يىغىلىدىغان ئىشلەمچىلەر ئوپچە ياتاقتا ياتىدىغان بولغاچقا ئەتىگەندە ناشتا قىلالمىغان پېتى ئىش باشلاپ كېتەتتى. تۈرمىگە كىرگەن بالىلار ئىچىدە ئاتا-ئانىسى قامالغانلىقى سەۋەبلىك ئىگە-چاقىسىز قېلىپ يامان يولغا كىرىپ كەتكەن بالىلار كۆپ ئىدى. مەھبۇسلار ئىچىدە چىقىش يولى تاپالماي تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. ئەگەر پىدائىيلىق شەكلىدە يۇقىرىقى ئۈچ ئىش قىلىنسا، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولاتتى. ئەي ۋېيگۇاڭ ئىككىمىز بۇنى مەخسۇس بىر تۈر شەكلىدە خىتايچە يېزىپ چىققان ئىدۇق. ئەپسۇس، مېنى كۆكتاغ قاماقخانىسىغا يۆتكىگەندە، ئۇ پىلانلار يېزىلغان دەپتەر 1-5 نومۇرلۇق كامىرىدا قالدى.
تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۈچ كىتاب يېزىپ، شۇ كىرىم بىلەن ئۈچ جەمئىيەت قۇرۇپ پىدائىيلىق شەكلىدە پىلانلىرىمنى ئىجرا قىلماقچى بولدۇم. تورلاردا «گۈلەن ۋە ئۈچ كىتاب» دەپ تەشۋىقات قىلىپ كىتاپلىرىم سېتىلغاندىن كېيىن، «گۈلەن ۋە ئۈچ جەمئىيەت» دېگەن تېمىدا سەپەرۋەرلىك تەشكىللەپ يۇقىرىقى پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىدىم. ھازىر ئويلىسام پىلانلىرىم قاماقتا قالماپتۇ، گۇندىپايلار كېسىۋەتكەن كۆچەتتەك قۇرۇپ كېتىپتۇ. پىلانلىرىم خۇددى يېزىشىپ بەرگەن ئەي ۋېيگۇاڭغا ئوخشاش تۈرمىگە-ئۆلۈمگە يوللىنىپتۇ. خۇددى 60 ياشتىن ئاشقان بىر كىشى تۈرمىگە يوللانسا ساق سالامەت چىقىشىدىن ئۈمىد بولمىغاندەك مېنىڭ قاماقتا يېزىلىپ، قاماقتا قالغان ئارمانلىرىمدىنمۇ ئەمدى ئۈمىد يوق ئىدى.