قاماقتىكى «جىن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئانا تىل ھەرىكىتىنى قوللىغان بىر گۈل دۇككىنى. 2012-يىلى.
ئانا تىل ھەرىكىتىنى قوللىغان بىر گۈل دۇككىنى. 2012-يىلى.
RFA/Abduweli Ayup

ئىككىنچى قېتىملىق سوت كۆڭۈللۈك ئۆتتى. دېلودا ئۇتالمىغان بىلەن كۆزەينەكنى «ئۇتقان» ئىدىم. كۈن ساناپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان رەڭدار دۇنيا كۆز ئالدىمدا سۈزۈلۈپ زالدا ماڭا قاراپ تۇرغان قاپ-قارا قوي كۆزلەرگە ۋە قوڭۇر، سارغۇچ، ئاق چاچلارغا تويماي قاراپ كەتتىم. ئاكام بىز كۆرۈشمىگەن بۇ ئايلاردا بىراقلا قېرىپ دادامغا ئوخشاپ قالغاندەك كۆرۈندى. كەڭ پېشانە، ياشاڭغىراپ قىزارغان كۆزلەر مۇڭلۇق ئىدى. ئۇ يۈزىنى تېخىمۇ قىرلىق ۋە سوزۇنچاق كۆرسىتىپ تۇرغان قىڭراقتەك قاڭشىرى دادامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. ئاكامغا قاراپ تۇرغان شۇ دەقىقىدە «دادامنىڭ تۈگەپ كەتكىنى بىر ھېكمەت ئىكەن. بولمىسا دادام پۇت قولۇم زەنجىرلەنگەن بۇ ھالىمنى كۆرۈپ يېرىلىپ كېتەتتى. ياقا يىرتىپ پەرياد ئۇراتتى، يارىدار شىردەك ھۆركىرەپ ساقچىلارغا ئېتىلاتتى،» دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

كۆزەينەكنى قايتۇرۇپ بېرىشىم كېرەكلىكى ئېيتىلدى، بېرىشتىن ئاۋۋال سوتچى ئايالغا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدىم. كۆزەينەكنى چىقىرىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتتىم، ئەمما ئېلىش شۇ قەدەر تەس كەلدى. خۇددى كۆزەينەكنى بەرسەملا كۆز ئالدىمدىكى ئاكامنى، يامغۇردەك ياشلارنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرمەيۋاتقان نەۋرە ئاچامنى، ماڭا ئۈنسىز مەدەت بېرىپ زالنى تولدۇرغان دوستلارنى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك قوللىرىم لاغىلداپ تىترەيتتى. ئىككى قولۇمغا سېلىنغان ئىشكەل ساپايىدەك شاراقلايتتى.

«ئابدۇۋەلى ئاكا، ئەكېلىڭ كۆزەينەكنى مەن سۇنۇپ بېرەي!» - سۈزۈك سۇدەك شىلدىرلىغان بۇ ئاۋاز بىلەن يۈزۈمدە شاراقلاۋاتقان ئىشكەلنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى ئۆچتى.

شۇ ھامان نەدىن كەلدى، بىلمىدىم. پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىن باشلانغان بىر يىغا كۆزلىرىمدىن ئېتىلىپ چىقتى. مەن ئەسلى «751»، جىنايەت گۇماندارى، مەزكۇر جىنايەتچى ئەمەس، ئابدۇۋەلى بالام، ئابدۇۋەلى مۇئەللىم، ئابدۇۋەلى ئاكا، ئابدۇۋەلى دادا، گۈلەن ئەپەندى ئىدىم. كىشەن سېلىنغان بۇ قوللار ئون يىلغا يېقىن بور تۇتقان، يۈزلىگەن سەبىيلەرنىڭ بېشىنى سىلىغان، ناتىۋان بىر ئادەمگە تەڭلەنمىگەن، ھېچ بىر ئىنسان ئاتلىققا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان قوللار ئىدى. بۇ قوللارنى كەينىگە قايرىپ ئىشكەل سالغانلارچۇ؟ تارغاققىچە كۆتۈرۈپ ۋارقىراتقانلارچۇ؟ ئاغرىقتىن چىپ-چىپ سوغۇق تەرلەپ كەتسەم زەھەرخەندىلىك بىلەن ھىجايغانلارچۇ؟ ئۇلار ئاكا، ئۇكا، دادا، بالا ئەمەسمۇ؟ ئۇلار قورال بىلەن تۇغۇلغانمۇ، ئىسمى ساقچى دەپ قويۇلغانمۇ؟ ئەجەبا، ئۇلار بۆشۈكىگە قاسقان شەپكە بىلەن بۆلەنگەن بولغىيمىدى؟

ئىككى يېنىمدا ئىككى ساقچى شىللەمدىن بېسىپ، ئېڭىشتۈرگەن پېتى سوت زالىدىن ئېلىپ چىقىلدىم. بېشىمغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن بولغاچقا ھېچ نېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. پۇتۇمدىكى كىشەن ئوشۇقۇمنى غاجايتتى. ئۇلار شىللەمدىن ئىتتەرگەنچە قەدەمنى ئىلداملىتىشقا توغرا كېلەتتى. قەدەملەر قانچە كۆپ ئېلىنسا كىشەن ئوشۇقۇمنى شۇنچە رەھىمسىز غاجايتتى. كەينىمدىن بىرەيلەننىڭ «قان چىقتى، قان چىقتى» دېگەن ئاۋازى ئاڭلانمىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئەلپازىدا مېنى يۈگۈرتكەن پېتى ساقچى ماشىنىسىغا بېسىۋەتكەن بولاتتى. 

ماشىنىدا ساقچىلار ئوشۇقۇمدىن ئېقىۋاتقان قاننى كۆرۈپ سەل ئىچى ئاغرىدىمۇ بېشىمدىن قارا خالتىنى ئېلىۋەتتى. بىرىنچى سوتتا ئۈچ دوست بىر ماشىنىدا ئېلىپ مېڭىلغان ۋە بىللە قايتقان ئىدۇق. ئىككىنچى سوتتا بولسا زالغا ئېلىپ كىرىلگەندىلا كۆرۈشكەن بولدۇق. كۆكتاغ قاماقخانىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتىن يىراق ئىدى. يولدا ساقچىلاردىن بىرىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئاغزىمنى تاتىلاشقا باشلىدى.

- لىيۇداۋان (تىكقۇدۇق) قاماقخانىسىدا تۇرغان بولساڭ زەيدۇللانى تونۇمسەن؟-دەپ سورىدى بىر ساقچى. زەيدۇللانى تونۇيتتىم. مەن 2-5 كامىرىدا ياتقان چېغىمدا ئۇ 2-6 كامىرىنىڭ باشلىقى ئىدى. 
‏- جىمىپ كەتتىڭغۇ؟ ئۇنى ئۈچ يىللىق كېسىپ سىرتتا ئىجرا قىلىدىغانغا قويۇۋەتتى، قاماقتىكى چېغىدا دېلو پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسىتىپتۇ. سەن شۇنچە يۇقىرى مەلۇماتلىق تۇرۇپ زەيدۇللاچىلىك بولالماپسەن، راست گەپنى قىلسام، سەنلا ئەمەس، جىق ئادەم ئۇنداق بولالمايدۇ، ئۇ دېگەن بىر جىن، -دەپ دولامغا شاپىلاقلاپ قويدى.
خىيالىم پاكار، ئاقپىشماق، دىقماق كەلگەن زەيدۇللاغا كەتتى. بۇندىن ئون ئايلار بۇرۇن ئۇنى جاڭجۈن دېگەن كامېر باشلىقىمۇ «جىن» دېگەن ئىدى. تىكقۇدۇق قاماقخانىسىدا ئىككىنچى كورپۇسقا مەسئۇل گو چياڭ زەيدۇللا ئىككىمىزنى تەرجىمان قىلىۋالغان ئىدى. تۇنجى كۆرۈشۈپلا كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنىڭ «رەئىسلەرگە پارا بەردىڭ دەپ سولاپ قويدى،» دەپ ئاتقان پوسى غىدىقىمنى كەلتۈرگەن ئىدى. چۈنكى بىر رەئىسكە ئەمەس، رەئىسلەرگە پارا بەرگەن مەھبۇسلار تىكقۇدۇق تۈرمىسىدە ياتمايتتى. شۇندىن كېيىن گوچياڭنىڭ ئىشخانىسىدا ئانچە-مۇنچە ئۇچرىشىپ بىر-بىرىمىزنى بىلىشىپ قالدۇق. ئۇ ئەسلى تۇتۇلمىغان بولسا كاناداغا كەتمەكچى ئىكەندۇق.

2013-يىلى كەچ كۈزدە مەشىق كامىرىغا شىخولۇق قادىر ئىسىملىك بىر سىياسىي مەھبۇس كىرىپ قالدى. تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خىتايچە بىلىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. دەسلەپتىمۇ شىخولۇق بىر ئۇيغۇرنىڭ «خىتايچە بىلمەيمەن،» دېگىنى ماڭا گۇمانلىق تۇيۇلغان ئىدى. خاتىرە قالدۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭ بۇرۇن نەشە سودىسى قىلىپ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. بىر كۈنى قارىسام، قادىر ھەممەيلەننى قارىتىپ قويۇپ ئەپچىل تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمگە كەلگەن گۇمان جەزملەشتى. ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنى كۆز ئىشارىسى قىلىپ يېقىن يولاتمىدىم.
11-ئايلاردا گو چياڭ قادىرنى باشقا كامىرغا يۆتكەپ كەتتى. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ زەيدۇللا بىلەن پات-پات گوچياڭغا ئەگىشىپ كارىدوردا يۈرگەنلىرىنى كۆردۈم. مېنىڭ تەرجىمانلىقىممۇ بىكار بولدى. كامىر باشلىقى جاڭجۈننىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئىككىسى قۇلاق بولغانمىش. قادىر ھازىر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار بار ھەممە كامىردا نۆۋەت بىلەن ياتقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇرچە «قۇلاق» دېيىلىدىغان بۇ گەپنىڭ ئەسلى خىتايچىنىڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى.

بىر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا كامىرنىڭ روجىكىدىن ماڭا كادىر تامىقى سۇنۇلۇپ قالدى. سورىسام، زەيدۇللا كىرگۈزۈپتۇ. ماقۇل دەپ ئالغان بولۇپ سىچۈەنلىك بىر خىتايغا بېرىۋەتتىم. بۇنداق ئىلتىپاتلار تۆت-بەش قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، بىر كۈنى زەيدۇللا كامىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە ئۆگىنىش ئويى بارلىقىنى، مېنىڭ بۇ مەشىق كامىرىدا يېتىپ ئىسراپ بولۇپ كەتكىنىمگە پەقەت چىدىمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خالىسام مېنى ئۆزى بار كامىرغا يۆتكەپ چىقىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ كامىردىن باشقا كامىرلارغا چىقسام كۈن چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئاپتاپقا قاقلانمىسام قىچىشقاقنىڭ تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدىغانلىقىنى باھانە قىلدىم. ئۇمۇ قىچىشقاق دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئاسانلا ۋاز كەچتى.

بىر كۈنى جاڭجۈن يىغىنغا چىقىپ كېتىپ زەيدۇللانى تىللاپ كىردى. ئۇ بىر جېنىغا 17 دېلو پاش قىلىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ. گوچياڭ قالغان كامېر باشلىقلىرىنى زەيدۇللاغا سېلىشتۇرۇپ يارىماستىن يارىماسقا سېلىپ راسا ئەدىپىنى بېرىپتۇ. جاڭجۈن: «توغرا، مانا مەن قارا گۇرۇھ، مانا مەن قىمارۋاز، جېدەلخور، لۈكچەك. ئەمما ھەر قانچە بولساممۇ ئاغزىمغا تايىنىپ جان باقىدىغان، باشقىلارنىڭ ئىزىنى پۇراپ پۇل تاپىدىغان زەيدۇللادەك ئىتنىڭ كۈنىگە قالغىنىم يوق! ، مېنىڭ ئۆلۈكۈممۇ تىرىكىممۇ ئادەم، ئۇ ياشىسا بىر يالاقچى، ئۆلسە جىن بولۇپ كېتىدۇ،» دەپ قاقشاپ كەتكەن ئىدى.

ساقچى ماشىنىسىنىڭ تۇيۇقسىز قاتتىق تورمۇزلىنىشى مېنى خىياللاردىن ئويغاتتى. بىر خىتاي ساقچى بىلەن يەنە بىر خىتاي مەھبۇسنىڭ دېيىشىۋالغاندەكلا زەيدۇللانى «جىن» دېگىنى كۈلگۈمنى كەلتۈردى. نەپرەتلىك بىر ئادەمنى ھېچ نېمە قىلالمىساقمۇ ئۇنىڭ تىللانغىنىنى ئاڭلاش ئادەمنى خوش قىلاتتى. 

نېمىلا دېگەن بىلەن گۈزەللىكتىن سۆيۈنۈپ، خۇنۈكلۈكتىن نەپرەتلىنىش ئىنسان بولۇپ ياشاۋاتقان ھەممىمىزگە ئورتاق ئىدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

تولۇق بەت