قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (16)

0:00 / 0:00

ئون ئالتىنچى قىسىم: «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلگەن كۈنلەردە

1957-يىلى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا باشلانغان «ئىستىل تۈزىتىش» ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ باشلانمىسى بولغان «ئېچىلىپ سايراش» دولقۇنى ئۇيغۇر دىيارىدا تامامەن باشقىچە بىر تۈستە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1957-يىلى چىڭداۋدا ئېچىلغان مىللەتلەر ئىشلىرى يىغىنىدا خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرىنىڭ «ئالىي ئاپتونومىيە»، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش «ئىتتىپاقداش رېسپابلىكا» ھوقۇقىنى بېرىش تەلىپىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى قوزغىغان «ئىستىل تۈزىتىش» ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۈتۈنلەي باشقىچە تۈس ئېلىپ، ئاتالمىش «يەرلىك مىللەتچىلەر» نى ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىش دولقۇنىغا ئۆزگىرىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئاساسلىق تەھرىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنى قىيناپ كېلىۋاتقان مىللىي مەسىلىگە دائىر بىر قاتار خاتالىقلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ ۋە «ئېچىلىپ سايرايدۇ». ھالبۇكى، ئۇ ئاشۇ قېتىملىق «ئېچىلىپ سايراش» تا مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەلەپلىرىنىڭ بەدىلىنى ئارتۇقى بىلەن تۆلەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە تارتىپ چىقىرىلىپ، ئامما ئارىسىدا 70 كۈندىن ئارتۇق كۈرەش قىلىنىدۇ. مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ 71 يېشىدا خىتاي تۈرمىسىدە يازغان ئەسلىمىسىدىكى بۇ ھەقتىكى بايانلارنى ئوقۇپ ئۆتتى:

«1958-يىلىدىكى كومپارتىيە قوزغىغان ‹ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى› دە ‹پارتىيەگە قەلب تاپشۇرۇش›، كەڭ-كۇشادە ‹ئېچىلىپ سايراش› دېگەن چاقىرىق ۋە قوزغىتىش بىلەن مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىچىمنى قىيناپ كەلگەن چوڭ-كىچىك مەسىلىلەردىكى پىكىر-تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، ئىچكىرىدىن كۆچمەن كۆچۈرۈش، ھەممىلا يەرنى خەنزۇلاشتۇرۇش، تارىخىمىزنى بۇرمىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ‹ئېچىلىپ سايرىدىم›. راست گەپلەر بىلەن پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ سۆزلىدىم. ‹ياخشى سايرىدىڭ! › دەپ مۈرەمگە قېقىپ قويۇشتى ئۇلار. بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ‹پارتىيەگە قارشى سۆز قىلغانلار› غا قارشى ھەرىكەت قوزغىتىلدى. مىللىيلار بويىچە بىرىنچى بولۇپ كۈرەشكە تارتىلدىم. كۈرەش 76 كۈن داۋام قىلدى. مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىم سۈپىتىدە مېنى تالاشقا ۋە پاش قىلىشقا باشلىدى. ‹ئەشەددىي دۈشمەن›، ‹ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى› بولۇپ كەتتىم.»

نىزامىدىن ئەپەندى «ئېچىلىپ سايراش» دولقۇنىدا بەرگەن پىكىرلىرى سەۋەبىدىن نەچچە ئايلاپ كۈرەشكە تارتىلىدۇ. ئاخىرى ئۇنىڭغا «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، رېجىم ئاستىغا ئېلىنىدۇ. 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 3-ۋە 4-بەتلىرىگە «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيون ئەپتى-بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلاندى» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن مەرھۇم دادىسى ساقلاپ كەلگەن قىممەتلىك ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىن» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ ماقالىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ تەھرىرات ئىلاۋىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ مەرھۇم دادىسى توغرىلىق ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ بېشىدىكى تەھرىرات ئىلاۋىسىدە بېرىلگەن مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئۆتتى: «‹شىنجاڭ گېزىتى› ئىدارىسىنىڭ مىللىي تەھرىر بۆلۈملىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئوڭچى-يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەشتە ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيون ئەپتى-بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ رېئاكسىيون سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى. پاش قىلىنغان ماتېرىياللاردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ تۈپ ئىدىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ، ‹مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى› قۇرۇش بولۇپ، ئۇ مۇشۇ رەزىل غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق، پروگراممىلىق ۋە ئىزچىل رەۋىشتە ھەرىكەتلىنىپ كەلگەن.»

مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندى تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1959-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، غوپۇر چوڭ قاتارلىق كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق «يەرلىك مىللەتچى» لەرنى قولغا ئېلىش ۋە ئاممىغا ئىبرەت بېرىش چوڭ يىغىنىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا زاكىروف، يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ دادىسى رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار بۆرە ئەپەندى 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە بىر ئىشخانىدا ئىشلىگەن ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئاشۇ يىللاردىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ھەققىدىكى ھەقىقىي ئىدىيەلىرىنى ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بەختىيار بۆرە ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 1985-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغىنىدا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئۇنى گېزىتخانىنىڭ ئارخىپ بۆلۈمىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى، 1958-يىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىن» ناملىق ماقالىنى كۆرسەتكەنلىكىنى شۇنداقلا مەتبۇئات ئورنىدا ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

جۈرئەت نىزامىدىن مەرھۇم دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىكى 20 يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق ھاياتىنىڭ 1958-يىلى باشلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەرھۇم ئاپىسىدىن ئەينى چاغدا دادىسى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى پاجىئەلىك ئائىلە قىسمەتلىرىنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.