ئون يەتتىنچى قىسىم: «بۆلگۈنچى» قالپىقى كىيدۈرۈلگەن نىزامىدىن ھۈسەيىن
مەرھۇم ئىنقىلابچى ۋە ئوت يۈرەك ئەدىب نىزامىدىن ھۈسەيىن 1958-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش» دولقۇنىدا ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1957-يىلىدىكى «ئېچىلىپ-سايراش» مەزگىلىدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار پىكىر-تەكلىپلىرى سەۋەبلىك ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى 1958-يىلى يازنىڭ ئاخىرلىرى رەسمىي تارتىپ چىقىرىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە 50 كۈندىن 80 كۈنگىچە ئامما ئارىسىدا ئۇدا كۈرەش قىلىنىدۇ. شۇ يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىنى نىزامىدىن ھۈسەيىنگە «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى 8 تۈر بويىچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى قىسمەتلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا، «دادام مەيلى ئۇيغۇر تارىخىغا ياكى ئۆزىنىڭ شەخسىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق ۋاقىتتا يازما ھۆججەت-ماتېرىياللار بىلەن ئارخىپ مەنبەلىرىنى ساقلايدىغان بىر كىشى ئىدى،» دەيدۇ.
دەرۋەقە، مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1930-ۋە 1940-يىللاردا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردىن تارتىپ 1950-يىللاردا چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە باشقا گېزىت-ژۇرناللارنىمۇ يىغىپ ساقلايدۇ. 1997-يىلى ئۇ ئاخىرقى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمى خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۆي ئاقتۇرۇشى داۋامىدا مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئەمما كۆپ قىسمىنى ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن ساقلاپ قالىدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇزۇن يوللۇق پوچتا مۇلازىمىتىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمىنى ئامېرىكىغا ئەكىۋالىدۇ.
جۈرئەت نىزامىدىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىۋالغان دادىسىنىڭ قىممەتلىك ماتېرىياللىرى ئارىسىدا 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيون ئەپتى-بەشىرىنى تولۇق ئېچىپ تاشلاندى» ناملىق زور ھەجىملىك باش ماقالىمۇ ئۇچرايدۇ. تەھرىرات ئىلاۋىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «جىنايەت پاكىتلىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭ كېيىنكى 20 يىللىق تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق قىسمىتىگە زېمىن ھازىرلايدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان مەزكۇر ماقالە تەھرىرات ئىلاۋىسىدىن كېيىن جەمئىي 8 كىچىك ماۋزۇ بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى ماۋزۇسىدا «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىن شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشنى پىلان قىلغان،» دېيىلگەن.
ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، بۇ جاينىڭ ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ كەلگەنلىكى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئەمەسلىكى ۋە شۇنداقلا بۇ تۇپراقتا خەنسۇلارنىڭ ھەققى يوقلۇقى» نى تەرغىب قىلىپ كەلگەنلىكى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تەنقىد قىلىنىدۇ:
«ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن مۇستەقىل ئىدى› دېگەن سەپسەتىنى تەرغىب قىلدى. ئۇ ‹شىنجاڭدا خەنسۇلارنىڭ ھەققى يوق› دەپ جار سالدى. شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى 2 مىڭ يىللىق تارىخىي مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلىپ، ‹خەنسۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغىلى 200 يىلچە بولدى› دېگەننى بازارغا سالدى.»
ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ 1956-يىلى «شىنجاڭ تارىخى» ناملىق كىچىك بىر قوللانما يېزىپ، ئۇنىڭدا «ساختا پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى» كۆرسىتىلگەن:
«ئۇ 1956-يىلى ‹شىنجاڭ تارىخى› ناملىق بىر كىتابچە يېزىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ساختا پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭدا ئۆتكەن يەرلىك بەگلىكلەرنى مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ كۆرسەتكەن. ياقۇپبەگ بەدۆلەتنى مىللىي قەھرىمان قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلارغا قارشى قوزغىلاڭلىرىنى خەنزۇلارغا قارشى مىللىي ئىنقىلاب قىلىپ تەسۋىرلىگەن.»
ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ خەتەرلىك «مۇستەقىلچى» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 1956-ۋە 1957-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش شىنجاڭغىمۇ ئىتتىپاقداش رېسپۇبلىكا بېرىلىشى كېرەك دەپ دەۋا قىلغان يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ «خەتەرلىك بۆلگۈنچى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن 1957-يىلىدىكى ‹ئېچىلىپ-سايراش› تا بەزى مىللەتچىلەرنىڭ ‹رېسپۇبلىكا› دەۋالىرىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، ‹رېسپۇبلىكا تەلەپ قىلىش ئەخمەقلىق، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى-مۇستەقىللىق› دەپ جار سالغان.»
ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «ئىمپېرىيالىستلارغا ھەۋەس قىلىدىغان خەتەرلىك ئۇنسۇر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا بەگ قاتارلىق پانتۈركىستلەرنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئەشەددىي مىللەتچى» ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن: «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن شىنجاڭنى ئىمپېرىيالىستلارغا يەم قىلىپ بېرىشنى ئەۋزەل كۆرگەن. ئۇ ‹شىنجاڭنى ئىنگلىزلار بېسىۋالغان بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستان ۋە پاكىستاندەك مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قالاتتۇق› دەپ جۆيلۈگەن. ئۇ مۇستەقىللىق غەرىزىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تېزرەك پارتلىشىنى، ئامېرىكىنىڭ كوممۇنىزم لاگېرىنى يىمىرىپ تاشلىشىنى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسابەگ قاتارلىق پان-تۈركىستلارنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان ۋە بۇ ھەقتە پىتنە-پاسات تارقىتىپ يۈرگەن.»
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00