قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (19)

0:00 / 0:00

ئون توققۇزىنچى قىسىم: «خىتاي كومپارتىيەسى خىتايلارنىڭ پارتىيەسىدۇر»

1958-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيون ئەپتى-بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلاندى» سەرلەۋھىلىك باش ماقالىدا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «جىنايەت» لىرى 8 ماۋزۇ بويىچە بىرمۇ بىر كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز دەۋرىدە مەرھۇم ئىنقىلابچى، ئەدىب ۋە تارىخچى نىزامىدىن ھۈسەيىنگە دۆڭگىگەن بۇ بىر قاتار ئاتالمىش «جىنايەت» لەرنىڭ ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە زامىنىمىزدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىگىمۇ ئوخشاشلا ئارتىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مەرھۇم دادىسىنىڭ بىر قىسىم شەخسىي ماتېرىياللىرى ۋە ئارخىپلىرىنى يوشۇرۇنچە ساقلاپ، ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن كەلگەن جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇچرىغان ئېغىر قىسمەتلىرىنى قولىدىكى قولىدىكى ئارخىپلارغا تايىنىپ بايان قىلدى. ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇنقى سانىغا بېسىلغان نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى ھەققىدىكى باش ماقالىدىن مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئۆتتى:

«جۇڭگودا مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر ۋە ئەڭ توغرا چارىسى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. لېكىن ئوڭچى نىزامىدىننىڭ تۈپ غەرىزى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش بولغانلىقتىن، ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە ۋە پارتىيە رەھبەرلىكىگە قارشى چىقتى. ئازادلىقتىن كېيىن كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا ناھايىتى كۆپ ساندا مىللىي كادىرلار يېتىشتۈرۈلدى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورۇنلارغا كۆپ ساندا مىللىي رەھبىرىي كادىرلار قويۇلدى. ئۇلار پارتىيە رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيەتلىك بىلەن باشچىلىق قىلماقتا. تەبىئىيكى، مىللىي كادىرلارنىڭ ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋاقتى قىسقا بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي خىزمەت تەجرىبىسىمۇ كەم. شۇڭا ئۇلار ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىشىگە، خەنسۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋە تەجرىبىلىك خەنسۇ كادىرلارنىڭ داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ھەمكارلىشىشىغا موھتاج. لېكىن ئوڭچى نىزامىدىن بۇ ئەمەلىي ھەقىقەتتىن كۆز يۇمۇپ، خەنسۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبىرىي ئورۇنلاردا تۇرۇشىغا، مىللىي رەھبىرىي كادىرلارغا ھەمكارلىشىپ ئىنقىلابىي ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلىنىشىغا قارشى چىقىپ، ‹بارلىق ھوقۇق خەنسۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىدا›، ‹جەنۇبتا ئىدارىلەرنىڭ، ھەتتا مىللىي ئاشخانا، باغچە، قىرائەتخانا ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك باشلىقى خەنسۇ› دەپ ۋالاقلىدى. ئۇ يەنە پارتىيەگە سادىق مىللىي رەھبىرىي كادىرلارنى ‹خەنسۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغانلار›، ‹خەنسۇلارغا ۋاكالىتەن بىزنى ئىدارە قىلىدىغانلار›، ‹خىتايپەرەستلەر›، ‹مىللىتىنى ساتقانلار› دەپ ھاقارەتلىدى. ئىشچى-دېھقانلار ئىچىدىن ئۆستۈرۈلگەن مىللىي رەھبىرىي كادىرلارنى بولسا ‹قارانچۇقلار›، ‹بىلىمسىزلەر› دېگەندەك زەھەرلىك تىللار بىلەن سۆكۈپ يۈردى. ئۇ پارتىيەمىزنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى قىزىللاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق قارشى چىقىپ، ‹مىللىي كادىرلار بارلىق كادىرلارنىڭ 80-90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىشى لازىم› دەپ جۆيلۈدى.»

خىتاي دائىرىلىرى يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئۇنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دىكى تەھرىرلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ماقالە-ئەسەرلەردىن «پارتىيە رەھبەرلىكى» گە دائىر سۆز-جۈملىلەر بىلەن بايانلارنى كېسىپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە تۈپتىن قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ كومپارتىيەنىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن كېيىن «چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ يەنىلا داۋاملىشىپ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقى، ئاپتونومىيەنىڭ قۇرۇق بىر شەكىل بولۇپ قالغانلىقى» ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرى «جىنايەت» سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر باش ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە سورۇنلاردا «1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى بۇرمىلاندى، يەرلىك ئاسارە-ئېتىقىلەر ۋەيران قىلىندى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى تارىخىي ۋەسىقىلەر يىغىۋېلىندى ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلدى،» دەپ يۈرگەنلىكى «جىنايەت» سۈپىتىدە ساناپ ئۆتۈلگەن:

«ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ئازادلىقتىن كېيىن ۋە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا، ئىدارە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەردە مىللىي تىل-يېزىقنىڭ ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىدىن كۆز يۇمۇپ، ‹ئۇيغۇر تىلى ۋىۋىسكىلاردىلا بار، ئىچكى جەھەتتە يوق›، ‹ئۇيغۇرچە خەت-چەكلەر ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ›، ‹جايلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگىرىپ كېتىپ بارىدۇ› (خەنسۇلىشىپ كەتتى دېمەكچى) دەپ ۋالاقلىدى. ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شەكلى مىللىي، مەزمۇنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيىتى گۈللەپ-ياشنىماقتا، جۈملىدىن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىلىرى، ئىلمىي يادىكارلىقلىرىنى توپلاش-تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلمەكتە. لېكىن ئوڭچى نىزامىدىن ھەممىگە مەلۇم بولغان بۇ بىر ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ‹ئازادلىقتىن كېيىن ئىلمىي، تارىخىي ئەسەرلەر زور يوقىتىشقا ئۇچرىدى›، ‹ئاسارە-ئەتىقىلەرنى چەتكە ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ› دەپ ۋالاقلىدى. بىر قىسىم رېئاكسىيون كىتابلارنىڭ ۋە پان-تۇركىزم كىتابلىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىغا، خەلقىمىز تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ‹تارىخىي كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنى كۆيدۈردى دېگەن سۆز-ئۇيغۇرلارنى كۆيدۈردى دېگەن سۆز› دەپ كاپشىدى.»

مەزكۇر باش ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «خىتاي كۆمپارتىيەسىنىڭ تۈپ خاراكتېرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ھاقارەت قىلغانلىقى، بۇنىڭ كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر جىنايەت ئىكەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

«مەلۇمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى-جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىگە، مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتىدۇر. لېكىن ئوڭچى نىزامىدىن پارتىيەمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى «خەنسۇلارنىڭ پارتىيەسى» دەپ ئاتىدى؛ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنقىلابتىكى ئاۋانگارتلىق رولىنى ئىنكار قىلىپ، ‹جۇڭگودا ئىشچىلار سىنىپى ئاز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن پارتىيە دېھقانلار پارتىيەسى بولمايدۇ؟› دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ تۈپ خاراكتېرىگە ھۇجۇم قىلدى.»

ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئۇيغۇر بايلار، دىنىي زاتلار ۋە بىر قىسىم سىياسىي سەرخىللارغا «چاپان ياپقانلىقى» ۋە «پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى» كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن:

«ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇش ۋە ‹مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش› غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەمىشە رېئاكسىيون سىنىپلار ۋە ئەكسىيەتچىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، شۇلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كەلدى. ئۇ ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆز مىللىتى ئىچىدىن چىققان رېئاكسىيونلارنىڭ باستۇرۇلغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ‹گومىنداڭ ۋاقتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدار خەنسۇلار ھېلىمۇ كادىر بولۇپ خەلقنى ئېزىۋاتىدۇ، گومىنداڭ ۋاقتىدا خەنسۇ ئەمەلدارلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغان مىللىي ئەمەلدارلار قاماقتا يېتىۋاتىدۇ› دېگەن ئويدۇرمىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ۋەھالەنكى، پارتىيەمىز ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى بېسىقتۇرۇشتا ئۇنىڭ قايسىي مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمدە جىنايەت بولىدىكەن، شۇنىڭغا لايىق تۈردە جازا بەرگەن ئىدى.»

ماقالىدا يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «مىللىي قوزغىلاڭ»، «مىللىي ئىنقىلاب» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى، پۇرسەت تاپسىلا چەتئەلدە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا بەگ قاتارلىق «كونا ماركىلىق پانتۈركىست» لارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەنگەن:

«ئۇ يەنە بەزى پومېشچىك، باي دېھقانلارنىڭ ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ تۇغدۇرغان رېئاكسىيون ۋەقەلىرىنى جېنىنىڭ بارىچە ماختاپ، ‹مىللىي ئىنقىلاب›، ‹توغرا ھەرىكەت› دەپ جار سېلىش بىلەن مۇنداق رېئاكسىيون ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇ خىل جىنايى ۋەقەلەرنى تۇغدۇرغان رېئاكسىيونلارنىڭ خەلق تەلىپى بويىچە جازالانغانلىقىغا نارازى بولۇپ، ‹ناھەق بولۇپ كەتتى› دەپ جۆيلۈدى. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇخبىرلىقتا بولغان ۋاقىتلىرىدا قەيەردە پارتىيەگە، سوتسىيالىزمغا قارشى رېئاكسىيون ھەرىكەت يۈز بەرگەن بولسا، دەرھال شۇ يەرگە بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەش بىلەن رېئاكسىيونلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى شەھەرمۇ-شەھەر كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ماختىدى.

ئوڭچى نىزامىدىن ئولتۇرسا-قوپسا، ئازادلىق ئارپىسىدا شىنجاڭدىن قېچىپ كەتكەن ئىمپېرىئالىزم جاسۇسلىرى ۋە پانتۈركىست ئىمىن، ئەيسالارنى ماختاپ، بۇ خائىنلارنىڭ ئىمپېرىئالىستلار ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ‹شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن› دەپ جار سېلىش بىلەن شۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىدى.»

(داۋامى بار)