قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (20)

0:00 / 0:00

يىگىرمىنچى قىسىم: «مۇھەممەتئىمىن بۇغراغا چېتىلغان پانتۈركىست»

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ دېلوسى 1958-يىلىدىكى يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ دولقۇنىدا باستۇرۇلغان مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قىسمەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل سازايى قىلىنغان دېلولارنىڭ بىرى ئىدى.

1958-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى شىنجاڭ گېزىتىگە بېسىلغان «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ رېئاكسىيون ئەپتى-بەشىرىسى تولۇق ئېچىپ تاشلاندى» سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ يىغىنلىرىدا ئايلارچە ئوقۇلۇپ، نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئاتالمىش «يەرلىك مىللەتچىلىك جىنايەتلىرى» كۈرەشكە تارتىلغان ئىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان دەسلەپكى 10 يىلدا «سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش» دېگەن نامدا خۇسۇسىي ئىگىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەخسلەرنىڭ يەر، مال-مۈلۈك ۋە بارلىق بايلىق مەنبەلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى. تېز سۈرئەتتە يولغا قويۇلغان كوممۇنالاشتۇرۇش ۋە «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» شامىلى ئاخىرى خىتاي بويىچە زور قەھەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى. مەزكۇر ماقالىنىڭ بەشىنچى بۆلىكىدە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئاتالمىش «كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش» ۋە «سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش» كە قارشى تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

جۈرئەت نىزامىدىن 1958-يىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان مەزكۇر ماقالىدىن دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن ھەققىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئۆتتى:

«ئاپتونوم رايونىمىز مول يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بىر جاي. لېكىن بۇنى ئاچقۇدەك مالىيە، ئادەم ۋە تېخنىكا كۈچىمىز بولمىغانلىقتىن بۇ بايلىقلار ئەسىرلەردىن بېرى يەر ئاستىدا ياتقان ئىدى. پەقەت ئازادلىقتىن كېيىنلا مەركەز ۋە خەنزۇ خەلقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا يەر ئاستى بايلىقلىرى ئېچىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلدى ۋە شىنجاڭ سانائىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. لېكىن ئوڭچى نىزامىدىن يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا قارشى تۇرۇپ ‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي بايلىقلىرى ۋە سانسىز قېزىلما بايلىقلار ئىچكىرىگە توشۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ› دەپ جۆيلۈدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى لەنجو-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، بۇ تۆمۈريول كەلسە شىنجاڭنىڭ سانائەت، يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەيدۇ دەپ تونۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئوڭچى نىزامىدىن ‹تۆمۈر يول شىنجاڭغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ›، ‹تۆمۈر يولنىڭ كېلىشى ئادەم دېڭىزىنىڭ شىنجاڭغا تېشىشى› دەپ ۋايسىدى.»

شۇ قېتىملىق نەچچە ئايغا سوزۇلغان كۈرەش يىغىنىدا نىزامىدىن ھۈسەيىنگە «ئۆزى ‹شىنجاڭ گېزىتى› دە ئىشلەپ تۇرۇپ ئەتراپىغا شايكا توپلاپ، پارتىيەنىڭ گېزىتكە بولغان رەھبەرلىكىنى ئېلىپ تاشلاشقا، گېزىتنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان» دېگەن قالپاقلار كىيدۈرۈلگەن:

«پاش بولغان نۇرغۇن ماتېرىياللار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن خېلى ئۇزۇندىن بۇيان پارتىيەنىڭ گېزىتكە بولغان رەھبەرلىكىنى ئېلىپ تاشلاش، گېزىتنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا سۇيىقەست ئىشلەپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە بىرمۇنچە جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ ‹ئېچىلىش› ۋە ‹سايراش› مەزگىلىدە ئۇيغۇرچە ‹شىنجاڭ گېزىتى› نى خەنزۇچە گېزىتنىڭ ‹تەرجىمىسى› دەپ ۋالاقلاش بىلەن ‹ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭ ئىمامى خەنزۇچە گېزىت›، ‹ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتى مۇستەقىل چىقىشى كېرەك› دەپ جۆيلۈدى. گېزىتچىلىك ئىشىدا پارتىيە رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنغان، خەنزۇ رەھبىرىي كادىرلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارغان پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلارنى ‹خەنزۇچە گېزىتكە بۇتقا چوقۇنغاندەك چوقۇنىدۇ› دەپ ھاقارەتلىدى. ئۇ يەنە ‹گېزىتتە ئۇيغۇر تىلى بۇزۇپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ› دەپ جار سالدى. ئۇ يەنە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك يوليورۇق، يۆنىلىش، سىياسەتلىرىنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشىغا قارشى چىقىپ، ‹بۇنداق قىلىش مىللىي ئاۋازنى، مۇخبىرلارنى بوغۇش بولىدۇ›، ‹گېزىت خەنزۇ پۇراپ تۇرىدىغان بولدى› دەپ تۆھمەت قىلدى.»

ماقالىدە يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننى «ئۇيغۇرچە ‹شىنجاڭ گېزىتى› نىڭ ئۇتۇقلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى، گېزىتخانىنى ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇش خام خىيالىدا بولدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

نىزامىدىن ھۈسەيىنگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەش يىغىنىدا يەنە ئۇنىڭ «يالغۇز جۇڭگو كومپارتىيەسىگىلا قارشى تۇرۇپ قالماي، بەلكى يەنە خەلقئارا سوتسىيالىزم لاگېرىغا، جۈملىدىن سوۋېتلار ئىتتىپاقىغىمۇ چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى ئىكەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

«ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىن يالغۇز بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە، جانىجان كوممۇنىستىك پارتىيەمىزگە، سوتسىيالىزمغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا تىنچلىقىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئەڭ يېقىن دوستىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا، سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىزم لاگېرىغىمۇ غالجىرلىق بىلەن شالىنى چېچىپ ھۇجۇم قىلدى. مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرى ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە ئۇلۇغ رۇس خەلقىنىڭ قېرىنداشلىق ياردىمى ئاستىدا دۇنيادا ئەڭ بەختىيار ۋە تەرەققىي تاپقان سوتسىيالىستىك مىللەتلەرگە ئايلاندى. لېكىن ئەشەددىي ئوڭچى نىزامىدىن بۇ ئوچۇق ھەقىقەتتىن يۈزسىزلەرچە كۆز يۇمۇپ، ‹سوۋېت ئىتتىپاقى ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ بىرىنچى تۈۋرۈكى، ئۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەنئەنىلىرى يوقاپ كېتىپ بارىدۇ› دەپ جار سالدى.»

ماقالىدە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدەك كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ پاراۋوزىغا قارشى تۇرۇپ، «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىمپېرىئالىستلارغا ھەۋەس قىلغانلىقى» ۋە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «دېموكراتىيەسى» گە چوقۇنغانلىقى تەنقىد قىلىنغان:

«ئۇ ئۆز ئۈمىدىنى 3-دۇنيا ئۇرۇشىغا باغلاپ كەلگەن ۋە ‹3-دۇنيا ئۇرۇشى بولۇپ قالسا، ئىمپېرىئالىزم لاگېرى يېڭىدۇ، بىز شۇ چاغدا مۇستەقىل دۆلەت بولىمىز› دەپ ئىغۋا تارقىتىپ يۈرگەن. دۇنيا خەلقىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئەنگلىيە ئىمپېرىئالىزمىنىڭ تۇنىس ۋە ماراكەشلەرگە مۇستەقىللىق بېرىشىگە مەجبۇر بولغانلىقىنى بۇرمىلاپ، ‹بۇ ئەنگلىيەنىڭ مەرتلىكى› دېگەن. شۇنداقلا ئۇ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ياۋۇز دۈشمىنى ئا ق ش نىڭ ‹دېموكراتىيەسى› نى ماختاپ ‹بىزدىمۇ ئامېرىكىچە دېموكراتىيە قوللانسا بولمامدىغاندۇ؟› دەپ ھەسرەتلەنگەن. دېمەك، ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى نىزامىدىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە سوتسىيالىستىك لاگېرغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ ئىمپېرىئالىزمنى ماختاپ يۈرگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ ‹مۇستەقىللىق› ئىدىيەسى بىلەن بىر تۇتاش.»

مەزكۇر ماقالىدە يەنە نىزامىدى ھۈسەيىننىڭ «تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ تاكى 1958-يىلىغا قەدەر ئۆزگەرمەس يەرلىك مىللەتچى بولغانلىقى، ئۇنىڭ 1940-يىللاردا ساختا تارىخ ياساپ ئۆزىنى تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقان بىر ئىنقىلابچى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە چىڭگىزخان داموللىدىن دەرس ئالغان ئەشەددىي پانتۈركىست ئىكەنلىكى» دەك ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى بىرمۇ-بىر ساناپ ئۆتۈلگەن:

«ئۇنىڭ بۇ رېئاكسىيونلىقىنىڭ تارىخىي يىلتىزى بار ئىدى. ئەسلىدە ئوڭچى نىزامىدىننىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى باي چارۋىچى بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆز تەركىبىنى يوشۇرۇپ كەلگەن. ئۇ 1948-يىلىدىن ئازادلىققا قەدەر شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇغان ۋاقتىدا ئىمپېرىئالىزم جاسۇسلىرى ۋە ئەشەددىي پانتۈركىستلەردىن خائىن مەمتىمىن، چىڭگىزخان داموللا، ئىبراھىم مۇتىئىي قاتارلىق رېئاكسىيونلارنىڭ پانتۈركىزملىق تەربىيەسىنى ئالغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەن. ئۇ شۇندىن باشلاپلا پانتۈركىستلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، شۇلارنىڭ يالاقچىسىغا ئايلانغان. شۇ يىللىرى دارىلفۇنۇن ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە مىللەتچىلەر ۋە خەلقچىلەر دېگەن ئىككى گۇرۇھ شەكىللەنگەن بولۇپ، ئوڭچى نىزامىدىن مىللەتچىلەر گۇرۇھىدىكى غالجىرلارنىڭ بىرى. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە پانتۈركىزمنىڭ جارچىسى ۋە ئىمىن، ئەيسالارنىڭ دۇمباقچىسى بولۇپ، خەلقچىل كۈچلەرگە ئاكتىپ قارشى تۇرغان. ئۇ ئازادلىقتىن كېيىنمۇ پانتۈركىست ئۇستازلىرىنىڭ رېئاكسىيون تەربىيەسىنى يۈرىكىدە ساقلاپ، پۇرسەت تاپسىلا ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش يولىدا ھەرىكەتلىنىپ كەلگەن.»

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1949-يىلىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ «كېلىپ چىقىشى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ‹شىنجاڭ گېزىتى› گە خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋالغانلىقى، ساختا تارىخ ياساپ ئۆزىنى 1940-يىللاردا تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقان بىر ئىنقىلابچى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ۋە شۇنداقلا شىنجاڭغا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كىرىشىگە قارشى تۇرغانلىقى» دەك بىر قاتار «گۇناھ» لىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

(داۋامى بار)