قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (21)

0:00 / 0:00

يىگىرمە بىرىنچى قىسىم: ئوتۇنكوزا (شىگوبى) تۈرمىسىدىن قېچىش

نىزامىدىن ھۈسەيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە «ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن ئۇدا بىرقانچە ئاي ئۇلاپ كۈرەشكە تارتىلغاندىن كېيىن 1959-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۈرەش يىغىنىدا شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە غوپۇر چوڭ قاتارلىق ئىككى كىشىمۇ نىزامىدىن ھۈسەيىن بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچەيلەننىڭ قوللىرىغا كويزا ۋە ئىشكەللەر سېلىنىپ، ھەربىي ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-تۈرمىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. نىزامىدىن ھۈسەيىن بۇ يەردە يېڭىلا قولغا ئېلىنغان زىيالىيلاردىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، تۇردى سامساق، ئەزىز نىيازى، شۈكۈر يالقىن ۋە قازاق يازغۇچى قاجى قۇمار قاتارلىق 400 دەك مەھبۇسنى كۆرىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ تۈرمىدە يازغان خاتىرىسىدە 1958-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1959-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە «ئوڭچى» ياكى «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن بىلەن بىللە جۇڭغارىيە چۆللۈكىدىكى ئوتۇنكوزا (شىگوبى) تۈرمىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شىگوبى، يەنى ئوتۇنكوزا تۈرمىسى جۇڭغارىيە چۆلىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىكى ئادەم ياشايدىغان بوستانلىققا بېرىش ئۈچۈن 40-50 كىلومېتىرلىق سۇسىز جاڭگاللىق مەۋجۇت ئىدى. يازغۇچى سۆيۈنگۈل چانىشېف ئۆزىنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەڭېن زېمىن» ناملىق بىيوگرافىك كىتابىدىمۇ شىگوبى تۈرمىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ. مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە ئۈرۈمچىدىن 13 ماشىنىدا شىگوبىغا يۆتكەپ بېرىلغان مەھبۇسلارنىڭ «ئوڭچى 4-مىللىي ئەترەت» دەپ ئاتالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا 1959-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر مەيدان سۈنئىي ئاچارچىلىقنىڭ شامىلى چىقىشقا باشلايدۇ. تارىختىن بۇيان قەھەتچىلىك كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇيغۇر دىيارىمۇ بۇ قېتىملىق ئاچارچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىدىن خالىي قالالمايدۇ. يېمەكلىك نورمىسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن، كۈندە يېسىۋىلەك شورپىسى بىلەن ياڭاقتەك چوڭلۇقتىكى ھورنان (موما) بېرىلىپ، قاتتىق ئەمگەككە سېلىنىدىغان شىگوبى چۆللۈكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ سەرخىل زىيالىيلىرى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازابلارنى چېكىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن كۆزىنى ياشلىغان ھالدا دادىسىنىڭ ئەسلىمىسىدىن شىگوبى تۈرمىسى ھەققىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئۆتتى.

1961-يىلى 10-ئايغىچە نىزامىدىن ھۈسەيىن شىگوبى تۈرمىسىدە قان-ياشلىق 30 ئاينى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئايالى ھۆرنىساخان يازغۇچى تۇردى سامساقنىڭ ئايالى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدىن ئۇلاققا مىنىپ شىگوبى چۆلىگە بەند قىلىنغان يولداشلىرىنى يوقلاپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇلارنى 2 كۈنمۇ تۇرغۇزماستىن ھەيدىۋېتىدۇ.

1961-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى نىزامىدىن ھۈسەيىن تەستە قولغا كەلگەن بىر پۇرسەتتە شىگوبى تۈرمىسىدىن قېچىشقا تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ قېتىملىق قېچىش جەريانى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ.

نۆۋەتتە گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ھەبىبۇللا خالىق 1990-يىللاردا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىدىن نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1961-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شوگوبى تۈرمىسىدىن قېچىش ھەققىدىكى كەچۈرمىشىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە مىقتەك تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھەبىبۇللا خالىقنىڭ نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئاڭلىشىچە، قەھەتچىلىك ئەڭ ئېغىرلاشقان شۇ ۋاقىتلاردا بىر قازاق كىشى شىگوبى تۈرمىسىگە تۈرمە باشلىقى بولۇپ كېلىدۇ. يۇقىرىدىن شىگوبى تۈرمىسىگە كېلىدىغان ئاشلىق ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۈرمە باشلىقى مەھبۇسلار ئىچىدىكى ئايىغى چاققانراق كۆرۈنىدىغان نىزامىدىن ھۈسەيىننى ئېلىپ تۈرمىگە يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر ئات بىلەن يولغا چىقىدۇ.

يېرىم يولدا ئۇلار دەرياغا دۇچ كېلىدۇ. نىزامىدىن ھۈسەيىن دەريادىن ئۆتكىچە بولغان ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئاتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان تۈرمە باشلىقىنى تۇيۇقسىز ئىتتىرىپ دەرياغا چۈشۈرۈۋېتىدۇ-دە، ئاتنى ئۆزى يالغۇز چېپىپ جاڭگاللىق ئىچىدە كۆزدىن غايىب بولىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆز ئەسلىمىسىدە شىگوبى تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنچە كۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدە 16 كۈن مۆكۈنۈپ يۈرگەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇب تەرەپكە كېتىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە مانغىنىدا داۋانچىڭ بازىرىدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى، بۇ كۈننىڭ دەل 1962-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ھالبۇكى، مىللىي ئىنقىلاب مەزگىلىدە رازۋېدكا خىزمىتى بويىچە چېنىققان ۋە نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان نىزامىدىن ئەپەندى داۋانچىڭدىن ئۈرۈمچىگە يالاپ مېڭىلغىنىدا يەنە پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كېتىدۇ.

دولقۇن ئەيسا 1988-يىلىدىكى «15-ئىيۇن ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلار نامايىشى» دىن تارتىپ تاكى ۋەتەندىن ئايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلارنىڭ بىرى. ئۇ نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 20 يىللاپ تۈرمىدە ياتقان بىر كىشى بولۇشىغا قارىماي، ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈرمىدىن قاچقان، يەنە تۇتۇلسا يەنە قاچقان، ھاياتىنى تەۋەككۈلچىلىككە ئاتىغان بىر قورقۇمسىز كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ بۇ خىل قەيسەر خاراكتېرىنى ئۆزى شاھىت بولغان مۇنداق بىر ھېكايە، يەنى مەرھۇم ھاجى ياقۇپ ئانات بىلەن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئوتتۇرىسىدا 1990-يىللاردا بولغان بىر مەيدان چاقچاق ئارقىلىق بايان قىلىدۇ.

(داۋامى بار)