قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (23)

0:00 / 0:00

يىگىرمە ئۈچىنچى قىسىم: تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇن

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن 1997-يىلى ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كۈنلىرىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1960-يىللاردىكى تۈرمە ھاياتى ۋە خىتاي تۈرمىسىدىن تەكرار-تەكرار قېچىش ۋەقەلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ئاچچىق كەچمىشلىرى ۋە ھېسسىياتىنى مۇنۇ مىسرالار ئارقىلىق بايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى:

باتۇرلارنى ئاز كۆرىدۇ بۇ جاھان،

ساتقۇنلارنىڭ تېپىلمىقى بەك ئاسان.

باتۇر ئۆلسە يەر قۇچاقلار، كۆك يىغلار،

ياتالمايدا گۆردە ساتقۇن تىنچ-ئامان.


شىگوبى، يەنى ئوتۇنكوزا تۈرمىسىدىن قېچىپ يەكەنگە بېرىۋالغان نىزامىدىن ھۈسەيىن 1963-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىن 1964-يىلىنىڭ باش باھار كۈنلىرىگىچە يەكەن، قاغىلىق ۋە پوسكام ئارىلىقىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. كېيىنچە كونا تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى خىلۋەت كەنت، يەنى تۇغۇلغان يۇرتى ئازغانسالدا سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ جان ساقلايدۇ. ئەمما بۇ كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمايدۇ. 1964-يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيىغا كەلگەندە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئازغانسالدا باشقىلارنىڭ تونۇپ قېلىشى بىلەن پاش بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق بىر جىددىي پەيتتە ئۇ يۇرتداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر كېچىدە يەكەن ناھىيەسىگە قېچىپ بېرىپ، تاغارچى يېزىسىغا قاراشلىق كولىچى مەھەللىسىگە يوشۇرۇنچە ئورۇنلىشىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا پۈتۈن ئائىلىسىنىڭمۇ بۇ قاچقۇنلۇق ھاياتىنىڭ بەدىلىنى تۆلىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ 1963-يىلى يەكەننىڭ تاغارچى يېزا كولىچى كەنتىدە تۇغۇلغانلىقىنى، شۇ مەزگىللەردە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدىن يەكەن يېزىلىرىغا مۇخبىرلىققا چۈشكەن بىر خىزمەتدىشىنىڭ دادىسىنى تونۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ يەنە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

1964-يىلىنىڭ باشلىرىدا خوتۇن-بالىلىرىنى يەكەن يېزىلىرىدا قالدۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە يوشۇرۇنچە قايتىپ كەلگەن نىزامىدىن ھۈسەيىن سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بىرئاز يۇمشاپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇۋال قىلىنغان بىر قىسىم دېلولارنىڭ قايتا قاراپ چىقىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۆز دېلوسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەرزى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە چۈشۈرۈلۈپ، گېزىتخانا رەھبەرلىكىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ھالبۇكى، گېزىتخانىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە پارتكوم سېكرېتارى راۋ شىجىن بىلەن گېزىتخانا باشلىقى توقسۇنۇپلار بىرلىشىپ، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىگە مەلۇم قىلىدۇ. ساقچىلار «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئۇنى قايتىدىن قولغا ئالىدۇ.

شۇنداق قىلىپ جۇڭغارىيە چۆللۈكىدىكى ئوتۇنكوزا تۈرمىسىگە قايتا ئاپىرىلغان نىزامىدىن ھۈسەيىن قول-پۇتلىرىغا ئىشكەل-زەنجىر سېلىنىپ، يېرىم يىل قاتتىق رېجىم ئاستىدا ئەمگەككە سېلىنىدۇ. ئاچلىق ۋە قاتتىق ئەمگەكتىن ھايات قېلىشقا كۆزى يەتمىگەن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئارىلىقتا پۇرسەت تېپىپ يەنە قاچىدۇ، ئەمما تۈرمىدىن قېچىپ ئۈچىنچى كۈنى يەنە تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭغا قاتتىق جازا بېرىلىپ، 9 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى گەمىسىگە سولاپ قويۇلىدۇ. ئۇ يەنە بوشاشماي بۇ قاراڭغۇ گەمىنى بىر ئايدەك كولاپ، ئاخىرى يەر ئۈستىگە تېشىپ چىقىدۇ ھەمدە تۈرمە ئاشخانىسىدىن ئوزۇق-تۈلۈك ۋە باشقا زۆرۈر نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ، شۇ قاچقانچە قېچىپ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى يول مېڭىپ يۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كېلىۋالىدۇ.

دولقۇن ئەيسامۇ ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ شىگوبى تۈرمىسىدىن تەكرار-تەكرار قېچىپ، ھەممىگە تونۇلغان بىر قاچقۇنغا ئايلانغانلىقىنى، ھەر قېتىم قاچقاندا ئۇ ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان بىر ئاماللارنى ئويلاپ تېپىپ، ئۇستىلىق بىلەن تۈرمىدىن قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېكايە قىلىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى شۇ قېتىم تۈرمىدىن قېچىپ ئۈرۈمچىدە بىر مۇددەت جان ساقلايدۇ. كېيىنچە جاھان سەل تىنجىپ، ساقچىلارنىڭ دىققىتى بوشىغاندا كونا تونۇش-بىلىشلىرى ۋە ئىشەنچلىك كىشىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن جەنۇبقا قاچىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ بىرقانچە قېتىم پايلاقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خۇددى مۆجىزە كۆرۈلگەندەك ھەر قېتىم بىرەر تونۇشىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۇستىلىق بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدۇ. ئۇ شۇ قاچقانچە مىڭ بىر تەسلىكتە ئاخىرى خوتۇن-بالىلىرى تۇرۇۋاتقان يەكەنگە بارىدۇ. ئەمما جىددىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەش بارغانسېرى كۈچەيگەچكە ئۇ بۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرى قاغىلىق تاشيولىنى بويلاپ، تىبەتكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ بىر مەزگىل قاغىلىق-تىبەت تاشيولىنىڭ تىبەت تەۋەسىدىكى بۆلىكىدە بىڭتۇەن ۋە يول ياساش ئىشچىلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى توشۇيدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، جان ساقلايدۇ.

ھازىر گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىزچى ھەبىبۇللا خالىق رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئاڭلىغانلىرىنى تەقدىم قىلدى ۋە ئۇنىڭ قېچىش كەچۈرمىشلىرىگە تولۇقلىما بەردى.

ھەبىبۇللا خالىقنىڭ بايان قىلىشىچە، نىزامىدىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا تىبەتنىڭ ئالى رايونىغا قېچىپ ئۆتۈپ، شۇ جايدا بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. جان ساقلاش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشى، كىرمىگەن تۆشۈكى قالمايدۇ. ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۇ يەردىن كېتىدۇ.

قايتا-قايتا تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىدىن كېيىن نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ يوشۇرۇنۇش چەمبىرىكى بارغانسېرى تارىيىپ بارىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نىزامىدىن ھۈسەيىن توغرىلىق چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى جەنۇبنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە دېگۈدەك چاپلىنىپ، ئىز-قوغلاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەلىرى بارغانسېرى جىددىيلىشىدۇ. جەنۇبتا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى پەقەتلا قالمىغان 1965-يىلى نىزامىدىن ئەپەندى يەكەندىكى بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە تەۋەككۈل قىلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۈچىنچى كۈنى بايقىلىپ قېلىش خەۋپى تۇغۇلغان بىر پەيتتە، ئۇ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ.

(داۋامى بار)