يىگىرمە تۆتىنچى قىسىم: خاربىندا بايقىلىپ قېلىش
1964-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبتا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان نىزامىدىن ھۈسەيىن بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە تەۋەككۈل قىلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا بايقىلىپ قېلىپ، ئامالسىزلىقتىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلىدىلا بۇ ئائىلىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان قاچقۇنلۇق قىسمىتىگە باغلانغان جۈرئەت نىزامىدىن كىچىكىدە دادىسى ۋە ئاپىسىدىن ئاڭلىغان قېچىش ھېكايىلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە مىقتەك تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئاشۇ قېتىملىق خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە قېچىش، بېيجىڭغا بېرىپ ئۆز دېلوسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش، ئەرزى قوبۇل قىلىنمىغاندا بولسا يەنە قېچىش ۋەقەلىرى توغرىلىق مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ شاگىرتلىرىمۇ تولۇقلىما تەقدىم قىلدى. ھازىر گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن ئىزچى ھەبىبۇللا خالىق بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن ھېكايىلەرنىڭ بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىسىدۇر. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرىگە 1960-يىللاردىكى تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەلىرى توغرىلىق كۆپلىگەن راست ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە 1964-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كېچىدە ئايالى ۋە بەش بالىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىن يوشۇرۇنچە ئايرىلغانلىقىنى، ئاستا سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ھەپتىلەرچە يول يۈرۈپ ئاخىرى خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
نىزامىدىن ھۈسەيىن بالا-چاقىلىرى ئەگەشتۈرۈپ، بېيجىڭ كوچىلىرىنى كېزىپ يۈرۈپ، ئاخىرى خىتاي گوۋۇيۈەنى، يەنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىنى ئىزدەپ تاپىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ 1958-يىلىدىكى «ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» تە ناھەق قارىلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ئېلىنغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ شۇ سەۋەبتىن خانىۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ئۆز دېلوسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھالبۇكى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىدىكى بيۇكرات خىتاي مەمۇرلىرى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئەرزىگە پىسەنت قىلمايدۇ. ھەتتا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى چۈشكەن جايىدىن تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
بۇ يەردە 5 كۈندەك نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، ئالتىنچى كۈنى كېچىدە بالىلىرى بىلەن بۇ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار بېيجىڭ ۋوگزالىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ تيەنجىنگە كېتىدۇ. تيەنجىندىمۇ ئۇزاق تۇرالماي ئۇ يەردىن خىتاينىڭ شەرقىي-شىمالىغا، يەنى مانجۇرىيەدىكى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خاربىنغا كېتىدۇ.
بۇ يەردە نىزامىدىن ھۈسەيىن مۇسا ئىسىملىك بىر يەھۇدىينىڭ دىرېكتورلۇقىدىكى نەسىللىك سۈت فېرمىسىغا ئىشقا كىرىدۇ. كۈندە نەسىللىك كالا بېقىپ، قوتان تازىلاپ تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك پۇل تاپىدۇ. بۇ يەردە بىرەر ئايچە ئىشلەپ ئەمدىلا ئۇھ دەپ تۇرۇشىغا ئۈرۈمچىدىن خاربىنغا كەلگەن بىر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر ئۇنى تونۇپ قالىدۇ.
جۈرئەت نىزامىدىن بالىلىقىدا دادىسى ۋە ئانىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ خاربىندا ئۆتكەن كۈنلىرى ھەمدە قاچقۇنلۇق قىسمەتلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ھېكايىلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۆزى بوۋاق بولغاچقا تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىزامىدىن ھۈسەيىن خاربىندا بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن خىتايدا باش تىققۇدەك جاينىڭ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ-دە، ئائىلىسىنى ئېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق ئۆلكىلىرىگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار خىتاينىڭ شەرقىي-شىمالىدىكى بىر چېگرا پونكىتىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ بارغىنىدا چېگرا خادىملىرى ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ تۇتۇپ قالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي نىزامىدىن ھۈسەيىن ئائىلىسىدىكى 5 جان بىلەن بىللە بېيجىڭغا يالاپ ئېلىپ كېلىنىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00