قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (26)

0:00 / 0:00

يىگىرمە ئالتىنچى قىسىم: لۇگوچياۋ تۈرمىسىدىكى يىللار

شۇنداق قىلىپ، 1965-يىلى 2-ئايدا نىزامىدىن ھۈسەيىن بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا چۆچۈرىدەك 5 بالىسى ۋە ئېغىرئاياغ ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ، لۇگوچياۋ تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى 1960-يىللاردا بېيجىڭدىكى بۇ مەشھۇر تۈرمىگە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قامالغان بىردىن-بىر ئۇيغۇر مەھبۇس ئىدى.

نىزامىدىن ھۈسەيىن لۇگۇچياۋ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكى بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرمە ھويلىسىدىكى ئالاھىدە بىر كامېرغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. شۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئاي-كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئېغىرئاياغ ئايالى ھۆرنىساخان لۇگوچياۋ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئالتىنچى بالىسىنى تۇغىدۇ.

ھازىر گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىمنىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن ئىزچى ھەبىبۇللا خالىق ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىدىن لۇگوچياۋ تۈرمىسىدىكى كەچمىشلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قىزى رىزۋانگۈل ئەنە شۇ لۇگوچياۋ تۈرمىسىدە تۇغۇلغان ئىكەن.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئالتىنچى بالىسى رىزۋانگۈلنىڭ بېيجىڭدىكى لۇگوچياۋ تۈرمىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا تۈرمە خاتىرىسى ئۈچۈن بوۋاقنى بىر مەزگىلگىچە «ھەپسەگۈل» دەپ ئاتىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ھۆرنىساخاننىڭ كېيىنچە ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىنغا ئەسلەپ بېرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنى لۇگوچياۋ تۈرمە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارىدۇ. تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ھۆرنىساخان كېچىدە دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئايغا قاراپ، «بۇ ئاي ئاشۇ يىراقتىكى ۋەتىنىمنىڭ ئاسمىنىدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغاندۇ-ھە، ئۇنى ئاتا-ئاناممۇ كۆرۈۋاتقانمىدۇ؟» دەپ ئويلايدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى لۇگوچياۋ تۈرمىسىدە بالا-چاقىلىرى بىلەن شۇ ياتقانچە 1966-يىلىنىڭ ئاپرېل ئايلىرىغا قەدەر ياتىدۇ.

لۇگوچياۋ تۈرمىسى بېيجىڭدىكى داڭلىق تۈرمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى يىللىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كېتەلمەي قالغان ياپونلۇق، كورىيەلىك، ۋېيتناملىق، ھىندىستانلىق ۋە بىر قىسىم ئەرەبلەردىن بولۇپ، مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مەھبۇسمۇ بۇ تۈرمىگە قامالغان ئىكەن.

نىزامىدىن ئەپەندى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ھارپىسىدا، يەنى 1966-يىلى 4-ئايدا بالا-چاقىلىرى بىلەن لۇگوچياۋ تۈرمىسىدىن چىقىرىلىپ، 6 ساقچىنىڭ ھىمايىسىدە پويىز بىلەن ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج. خ. نازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

بۈگۈن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن ئۆزىنىڭ 2 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە لۇگوچياۋ تۈرمىسىدە ياتقانلىقىنى، يىللار ئۆتۈپ ئانىسى ھۆرنىساخاننىڭ لۇگوچياۋ تۈرمىسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئۆزىگە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

دولقۇن ئەيسا 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تاكى ۋەتەندىن ئايرىلغۇچە بولغان جەرياندا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر قازاندا قايناپ باققان، تۈرمىدىمۇ، قويۇپ بېرىلگەن يىللاردىمۇ ئۆزىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتمىغان، جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەن ھەم ئاددىي ھەم ئۇلۇغۋار بىر ھايات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار بۆرە ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ 1985-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» خىزمەت قىلغان 3 يىللىق ھاياتىدا نىزامىدىن ھۈسەيىننى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مىللەت، ۋەتەن ۋە تۇپراق ھەققىدىكى مىللىي ئىدېئولوگىيەسى ھەمدە مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇسىنى نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

(داۋامى بار)