قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (27)
2019.03.26
يىگىرمە يەتتىنچى قىسىم: قاراقىلچىن تۈرمىسىدىن قېچىش
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1966-يىلى 4-ئايدا بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ ئەتراپىدىكى لۇگوچياۋ تۈرمىسىدىن چىقىرىلىدۇ.
ئۇلار 6 ساقچىنىڭ ھىمايىسىدە پويىز بىلەن ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج. خ. نازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج. خ. نازارىتى ئۇلارنى قارا ماشىنىغا بېسىپ، نىزامىدىن ئەپەندىنى شاباخۇ تۈرمىسىگە، خوتۇن بالىلىرىنى شىگوبى، يەنى ئوتۇنكوزا تۈرمىسىگە ئاپىرىپ سولايدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە شۇ قېتىم شاباخۇ تۈرمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىنكى دەھشەتلىك قىسمەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۈرمە دائىرىلىرى قاچقۇن مەھبۇس نىزامىدىن ئەپەندىدىن كونا-يېڭى ھېسابلارنى قوشۇپ بىراقلا ئالىدۇ.
1966-يىلى 10-ئايدا، يەنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ پەردىسى ئېچىلىپ، پۈتكۈل خىتاي بىر مەيدان قالايمىقانچىلىققا چۆمگەن مەزگىللەردە تۈرمە دائىرىلىرى نىزامىدىن ئەپەندىنى شاباخۇ تۈرمىسىدىن مارالبېشىدىكى قاراقىلچىن تۈرمىسىگە يۆتكەيدۇ. خوتۇن-بالىلىرىنى بولسا يەكەنگە سۈرگۈن قىلىۋېتىدۇ.
قاراقىلچىن تۈرمىسىدە 3 يىلدەك ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان نىزامىدىن ئەپەندى بۇ يەردىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 3 قېتىم قاچىدۇ. ئەمما دەسلەپكى ئىككى قېتىمدا تۇتۇلۇپ قېلىپ قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
ئۈچىنچى قېتىم، يەنى 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى كېچىدە تۈرمىنىڭ ئېشىكىنى ئوغرىلاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قاراقىلچىن تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىدۇ ۋە يەكەندىكى بالا-چاقىلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ يوشۇرۇنىدۇ. ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتۈپ جىددىي ۋەزىيەت بىرئاز پەسەيگەندە نىزامىدىن ئەپەندى ئىلگىرىكى تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىغا بېرىپ قۇرۇشۇلۇش ئەترىتىدە «ھۈسەيىن ئۇستام» دېگەن ئىسىم بىلەن ئىشلەشكە باشلايدۇ.
جۈرئەت نىزامىدىن شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ 6-7 ياشلىق سەبىي بالا ئىكەنلىكىنى، دادىسى مارالبېشىنىڭ قاراقىلچىن تۈرمىسىگە قامالغان يىللاردا ئائىلىسىدىكى چۆچۈرىدەك 5 بالىنىڭ يەكەندە ئاپىسى ۋە مومىسىنىڭ ھىمايىسىدە تۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
1969-يىلى مارتنىڭ سوغۇق بىر كېچىسى قۇلاقچا ۋە تېرە جۇۋا كىيىۋالغان، يۈز-كۆزلىرىنى ساقال باسقان بىر قاچقۇن يەكەن تېرەباغدىكى بىر قورۇنىڭ ئىشىكىنى ئاستىغىنە چېكىدۇ. بىر ھازادىن كېيىن قورۇدىكىلەر جىن چىراغ ياندۇرۇپ، يىغا-زار بىلەن بۇ كىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. بىر كونا يوتقانغا ئورىنىپ ئۇخلاۋاتقان چۆچۈرىدەك 5 بالا چۆچۈپ ئويغىنىشىپ، يىللارچە كۆرمىگەن مەھبۇس ئاتىسىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ شۇ كېچىسى قۇچاق ئېچىپ، ساقال باسقان يىرىك يۈزىنى بالىلارنىڭ مەڭزلىرىگە بىر-بىرلەپ سۈركەپ سۆيگەنلىكىنى ھېلىھەم ھاياجان ئىلكىدە ئەسلەيدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى مەكىتنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا «ھۈسەيىن ئۇستام» دېگەن يېڭى ئىسىم بىلەن قۇرۇلۇش ئەترىتىگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن يەكەندىكى بالىلىرىنى ئۆز قېشىغا ئەكېلىۋالىدۇ. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قۇرۇلۇش ئەترىتىنى كېڭەيتىپ، جاپالىق ئىشلەپ تۈمەنتال يېزىسىدا يەرلىك خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ئەسلىمىسىدە شۇ يىللاردىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە ئاجايىپ خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ.
قاچقۇنلۇق، قورقۇنچ، تەۋەككۈلچىلىك ۋە غۇۋا ئۈمىد ئىچىدە ھايات داۋاملىشىدۇ. تەرەپ-تەرەپكە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان مەھبۇس نىزامىدىن ئەپەندى مەكىتنىڭ توپىلىق يېزىلىرىدا ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن بىر شەكىلدە بالىلىرى بىلەن ئاشۇ مۇدھىش يىللارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۈگۈن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن ئۆز بالىلىقىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس يىللارنى خىتاي تۈرمىسىدىن قېچىپ جان ساقلاۋاتقان مەھبۇس دادىسىنىڭ ھىمايىسىدە دولان يېزىلىرىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
(داۋامى بار)