قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (28)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.04.02
Nizamidin-Huseyin-1960.png نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى خىتاي تۈرمىسىدىن قېچىپ يۈرگەن يىللىرىدا. 1960-يىللار.
RFA/Qutlan

يىگىرمە سەككىزىنچى قىسىم: قاراقىلچىن تۈرمىسىدىكى تۇزاق

ئۇيغۇر دىيارىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ قارا قۇيۇنلىرى قاپلىغان 1960-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىن مارالبېشىدىكى قاراقىلچىن تۈرمىسىدە ھاياتىدىكى ئەڭ قاباھەتلىك يىللارنى ئۆتكۈزىدۇ. ھەر دەقىقىدە كۆزىگە ئۆلۈم كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاشۇ قىيىن مەزگىللەردە خورلۇق، قىيناق ۋە ئىنسان غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى خورىتىدۇ. ئەمما ھاياتتىكى ئەڭ قىيىن سىناقلار بىلەن تاۋلانغان بۇ ئىنسان قەيسەرلىك بىلەن: «ياق، مەن ياشىشىم كېرەك! ، مەن كۈرەش قىلىشىم كېرەك» دەپ ئۆز-ئۆزىگە خىتاب قىلىدۇ.

مەھبۇس نىزامىدىن ئەپەندى قاراقىلچىن تۈرمىسىدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم قاچىدۇ، ئەمما ھەر ئىككى قېتىمدا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇ تۈرمىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە يالغۇز يەر ئاستى كامىرىغا سولاپ قويۇلۇش، ئاچ قالدۇرۇش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراشتەك ئېغىر جازالارغا تارتىلىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردىكى مۇشەققەتلىك كەچمىشلىرىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.

ئىزچى ھەبىبۇللا خالىق 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان شاگىرتلىرىنىڭ بىرىدۇر. نۆۋەتتە گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان ھەبىبۇللا خالىق 1995-يىلى مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس قاتناشقان بىر سورۇندا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ قاراقىلچىن تۈرمىسىدىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 1960-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قاراقىلچىن تۈرمە دائىرىلىرى مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىننى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئىنچىكە پىلانلانغان بىر تۇزاق قۇرىدۇ.

مارالبېشىدىكى قاراقىلچىن تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقىرىدىن كەلگەن مەخپىي كۆرسەتمە بويىچە «تۈرمىدىن قېچىپ داۋاملىق ئىش تېرىيدىغان ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» نىزامىدىن ھۈسەيىننى مەلۇم بىر باھانە بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولىدۇ. نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۈچىنچى قېتىم يەنە قېچىشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا قاراقىلچىن تۈرمە دائىرىلىرى بىر يىرگىنچلىك توزاقنى پىلانلاپ، ئۇنى تۈرمىدىلا كۆزدىن يوقاتماقچى بولىدۇ.

مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىن بۇ ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا تۈرمىدىكى باشقا مەھبۇسلار بىلەن بىرلىكتە تۈرمە سېپىلى سىرتىدىكى كۆكتاتلىققا ئىشلىگىلى ئېلىپ چىقىلىدۇ. تۈرمە قاراۋۇللىرى پىلان بويىچە ئۇنى مەقسەتلىك ھالدا كۆكتاتلىقنىڭ مەخسۇس بىر قىرىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى قولىدىكى ئوتىغۇچ بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئوتاشقا باشلايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆكتاتلىق قىرىغا دۆۋىلەنگەن توپا ئارىسىدىن يوغان بىر نەرسە ئۇنىڭ ئوتىغۇچىغا ئۇرۇلىدۇ. ئۇ توپىنى كولاپ ئېچىپ، بۇنىڭ كۆمۈلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بىر كىشىنىڭ كاللىسىنى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا تۈرمە قاراۋۇللىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ نىزامىدىن ئەپەندىنى نەق مەيداندا باغلاپ ئېلىپ ماڭىدۇ ۋە ئۇنى يالغۇز كىشىلىك قاراڭغۇ كامىرىغا سولىۋېتىلىدۇ.

قاراقىلچىن تۈرمە دائىرىلىرى مەخپىي كۆرسەتمە بويىچە چاقماق تېزلىكىدە تۈرمە ئىچىدىلا ئاتالمىش «ئىچكى سوت كوللېگىيىسى» تەشكىللەپ، مەھبۇس نىزامىدىن ئەپەندىنى «قاتىللىق» جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ. دەل شۇ پەيتتە مۆجىزە يۈز بېرىدۇ. مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، قاراقىلچىن تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان بىر «گاچا» مەھبۇس تۇيۇقسىزلا زۇۋانغا كىرىدۇ ۋە سوت مەيدانىدا «بۇ قاتىللىقنى مەن قىلدىم، جەسەتنى مەن كۆمدۈم» دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

«گاچا» مەھبۇسنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ئاتالمىش «قاتىللىق» نى بوينىغا ئېلىشى قاراقىلچىن تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىغان بۇ توزىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. نىزامدىن ئەپەندىمۇ بۇ تۆھمەتتىن خالاس بولۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلىدۇ. ئۇ تۈرمىدىكى ھەممە كىشى «گاچا» دەپ بىلىپ كەلگەن بۇ كىشىنىڭ ئەينى يىللاردا تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقان كونا سەپدىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 1960-يىللاردىكى ئاخۇنۇپ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە مۇددەتسىز قاماققا كېسىلگەنلىكىنى، شۇندىن بۇيان «گاچا» بولۇۋېلىپ، ھېچ بىر ئىنسانغا گەپ قىلمىغان كونا ئىنقىلابچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 
شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە نىزامىدىن ئەپەندىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. تۈرمە دائىرىلىرى قۇرغان بۇ تۇزاق شۇنىڭ بىلەن بەربات بولىدۇ. بۇ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى نىزامىدىن ئەپەندى تەلەپ قىلىپ بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ كىشى: «مەن بەرىبىر بۇ تۈرمىدە ئۆلۈپ تۈگەيمەن، بۇ ۋەتەن، بۇ مىللەت سىزدەك بىلىملىك ۋە قايتماس ئىرادىلىك كىشىلەرگە موھتاج، سىز ياشىشىڭىز، بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يېزىپ قالدۇرۇشىڭىز كېرەك،» دەيدۇ.

ئارىدىن 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە نىزامىدىن ئەپەندى مەسلەكداشلىرىدىن تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئىشتىراك قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر سۆھبەتتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەڭ قورقۇدىغىنىم كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ جىمجىت ئۆلۈپ قېلىشتۇر. مەن ئېلىشىپ تۇرۇپ ئۆلۈشنى ئىستەيمەن!»
شۇ قېتىملىق توزاقتىن ھايات قالغان نىزامىدىن ھۈسەيىن 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراقىلچىن تۈرمىسىدىن ئۈچىنچى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ چىقىدۇ. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات قالدۇرىدۇ. 

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.