قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (29)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە. 1964-يىلى ماي.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە. 1964-يىلى ماي.
RFA/Qutlan

يىگىرمە توققۇزىنچى قىسىم: ئەلۋىدا تارىم بويلارى

قاراقىلچىن تۈرمىسىدىكى تۇزاقتىن ئامان قالغان نىزامىدىن ئەپەندى بۇ دەھشەتلىك جەھەننەمدىن چوقۇم قېچىپ قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە كېلىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قېچىپ تۇتۇلۇش ۋە تۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئايلارچە ئېغىر جازا ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ. دېگەندەك 1969-يىلى مارتنىڭ شاماللىق بىر كېچىسى قاراقىلچىن تۈرمىسىگە ئىچىملىك سۇ توشۇش ۋەزىپىسىگە چىققان نىزامىدىن ئەپەندى كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ سۇ ئارتىلغان ئېشەكنى مىنگىنىچە كۆزدىن غايىب بولىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن مەرھۇم دادىسىنىڭ تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە شۇ قېتىملىق قېچىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە بايانلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن قاراقىلچىن تۈرمىسىگە قامالغان 3 يىل جەريانىدا، يەنى 1966-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئايالى ھۆرنىساخان يەكەندىكى بىر ناۋايخانىدا ئىشلەپ چۆچۈرىدەك 5 بالىسىنى باقىدۇ. ئىنسان قىممىتى ۋە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان ئەنە ئاشۇ ئېغىر يىللار ھەققىدە ئەسلىمە قالدۇرغان نىزامىدىن ئەپەندى مەرھۇم رەپىقىسى ھۆرنىساخانغا بېغىشلاپ مۇنۇ مىسرالارنى يازىدۇ:

بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى،

كېلەمدۇ بالىنىڭ بەختى-تەلىيى؟

بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى-ئەلادا،

كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئانا ئەللىيى.

نىزامىدىن ئەپەندى قاراقىلچىن تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن جاي-جايلارغا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنىپ، ۋاراقچىلار چاپلىنىدۇ. ساقچىلار ۋە تىڭ-تىڭچىلار كوچا-كويلاردا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدۇ. ھامان تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاشۇ قورقۇنچلۇق مەزگىللەردە نىزامىدىن ئەپەندى قەبرىستانلىقنى قونالغۇ، ئوغرى-قىمارۋازلار توپىنى قالقان قىلىپ، جان ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

دولقۇن ئەيسا بۇنىڭدىن 30 يىللار ئىلگىرىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلىگىنىدە مەرھۇم ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلاملىرىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىنسانلار بىلەن ئۆزىگە يارىشا مۇئامىلىسى بار بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ 1980-يىللاردا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ قىلىشىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا داڭلىق ئۆلىمالار، مەشھۇر زىيالىيلار بىلەن بىرگە يەنە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى باققاللار، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، ناۋايلار ۋە ھەتتا ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن گاھ يوشۇرۇنۇپ، گاھ ئوغرى-يانچۇقچى ۋە قىمارۋازلار توپىغا قوشۇلۇپ جان ساقلىغان نىزامىدىن ئەپەندى ئاستا-ئاستا ساقچى ۋە تىڭ-تىڭچىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىدۇ.

ئۇ يەكەنلىك قۇرۇلۇشچى ئۇستاملارغا شاگىرت بولۇپ مەكىتنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدا بىر مەزگىل ئىشلەيدۇ. ئاندىن جاپادىن قورقماسلىقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ئاستا-ئاستا يۈز تېپىپ، «ھۈسەيىن ئۇستام» غا ئايلىنىدۇ. كېيىنچە يەكەن ۋە مەكىت ناھىيەلىرىدىكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىدىن بوشاپ چىققان ئوغرى-يانچۇقچى، لۈكچەك-قىمارۋاز ۋە باشقا ھەر خىل سالاھىيەتتىكى كىشىلەرنى تەشكىللەپ، يۈز كىشىلىك قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرىدۇ. ئۇلار تۈمەنتال يېزىسىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ خېلى كۆپ پۇل ۋە شۇ ئەتراپتا يۈز تاپىدۇ.

ئىككىنچى يىلىنىڭ ئاخىرى «ھۈسەيىن ئۇستام ئەترىتى» ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ھەم سۈپەتلىك تاماملاپ، تۈمەنتال ۋە ياركۆل يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ماختىشىغا ۋە مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشىدۇ. دەل شۇ كۈنلەردە قاراقىلچىن تۈرمىسىدىن كەلگەن ئىككى ساقچى تۈمەنتالدا پەيدا بولىدۇ. چاقماق تېزلىكىدە قارار چىقارغان نىزامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكى بىرقانچە لۈكچەكنى ئىشقا سېلىپ، ئىككى ساقچىنى ئۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا «ئوغرى» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرىدۇ-دە، ياركۆل چوڭ ئەترىتىنىڭ قاماقخانىسىغا سولىتىۋېتىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى شۇ كېچىسىلا مەكىتتىن ئايرىلىپ قەشقەرگە كېتىدۇ.

قەشقەرگە قېچىپ كېلىۋالغان نىزامىدىن ئەپەندى دەرھال يەكەندىكى خوتۇن-بالىلىرىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، شىمالغا كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ «يەكەن كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش ئەترىتى» دېگەن نامدا ئۈرۈمچىگە قۇرۇق ماڭغان بىر ھەربىي ماشىنىنى كىرالايدۇ-دە، ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن شۇ يىللاردىكى بالىلىق دەۋرلىرىنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسى بىلەن بىرگە مەلۇم بىر كېچىسى مەكىتتىن ئايرىلىپ قەشقەرگە كەلگەنلىكىنى، ئۇزۇن ئۆتمەي يەكەندىكى ئانىسىنىڭمۇ قەشقەرگە كېلىپ ئۇلار بىلەن جەم بولغانلىقىنى ھېلىھەم ئەسلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى 1969-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى بىر ھەربىي يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. يولغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى ئانىسى ھۆرنىساخان يولدىشى نىزامىدىن ئەپەندى مەكىتتە قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى 5 بالىنىڭ پاختىلىق كىيىملىرىنىڭ ئەستىرى ئارىسىغا تىقىپ تىكىۋېتىدۇ. قورقۇنۇچ، ۋەھىمە ۋە تەۋەككۈلچىلىككە تولغان بۇ سەپەر ئۇلارنى خۇددى شامال ئۇچۇرغان قامغاقتەك بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى نامەلۇم كېلەچەككە قاراپ ئېلىپ كېتىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن شۇ يىللاردىكى خاتىرىلىرىنى ئەسلەپ، ئۆزلىرىنىڭ 1970-يىلى كىرىشى بىلەن جەنۇبتىكى بىرقانچە يىللىق قاچقۇنلۇق، جاپا-مۇشەققەت ۋە رىيازەتلىك ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ يەنە ئۆز دېلوسى ئۈستىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا داۋاملىق ئەرز سۇنۇش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

دولقۇن ئەيسا بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇم ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىن ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ گويا بىر قەھرىمانلىق داستانىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ ھەر بىر دېتالىدىن بىر كىنو سىنارىيەسى پۈتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دولقۇن ئەيسا يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 20 يىللىق تۈرمە ھاياتىنىڭ قېچىش ۋە داۋاملىق قېچىش بىلەن ئۆتكەن، خىتاي رېجىمىغا قەتئىي بوي بەرمىگەن بىر ھايات بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن ئىزچى ھەبىبۇللا خالىق نۆۋەتتە گېرمانىيەدە پاناھلانماقتا. ئۇ ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندى توغرىلىق توختالغىنىدا، ئۇنىڭ 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىدا رىۋايەتلىك بىر شەخسنىڭ ئوبرازىنى تىكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىكى تىنىمسىز قارشىلىق كۆرسىتىش، رېجىمغا بوي بەرمەسلىك ۋە ئۈمىدۋار ياشاش روھى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي ئىرادىسىنىڭ يارقىن بىر ئۆرنىكى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت