قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (30)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.04.16
Nizamidin-Huseyin-juret-nizamidin.jpg نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن بىلەن سانجىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا. 1977-يىل.
RFA/Qutlan

ئوتتۇزىنچى قىسىم: قازاق ئاۋۇللىرىدا پاناھلىنىش

1970-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا قەشقەردىن قارا ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن نىزامىدىن ھۈسەيىن سىياسىي ئاتموسفېراسىنى جىددىيچىلىك قاپلىغان بۇ شەھەرنىڭ شاۋقۇنلۇق قوينىغا يەنە كىرىپ كېلىدۇ. 

نىزامىدىن ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە 1958-يىلى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيانقى ئون نەچچە يىللىق تۈرمە ھاياتى ۋە قاچقۇنلۇقتىن كېيىن 1970-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىدىن ئاياق باسقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىر مەھەل پاش-پاناھسىز تەمتىرەپ يۈرگەندىن كېيىن ئاخىرى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا كۆۋرۈكنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دۆڭلۈكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پالتاخۇن باينىڭ مېھمان سارىيىغا باش تىقىدۇ. 

بالىلىق ئەسلىمىلىرى ھېلىھەم ئېسىدە ساقلانغان جۈرئەت نىزامىدىن بالىلىقىدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشنى ھاياجان ئىلىكىدە ئەسلەيدۇ. يۈك-تاقلارنى مۈرىسىگە ئارتقان دادىسى بىلەن ئانىسى چۆچۈرىدەك 4 بالىنىڭ قوللىرىدىن يېتىلەپ، گۇگۇم چۈشكەن بىر ئاخشىمى سايباغدىكى پالتاخۇن مېھمان سارىيىنىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ. . . 

10 يىلدىن ئارتۇق تۈرمە ھاياتى، تىنىمسىز قاچقۇنلۇق ۋە جاننى ئالىقانغا ئېلىپ تەۋەككۈلچىلىك قىلىش نەتىجىسىدە بىغۇبار ياشلىقتىن قىرانلىق مەزگىلىگە كىرىپ كەلگەن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆز غايىلىرىنى تۇغقان بۇ شەھەردە ئەمدىلىكتە يات بىر ئىنسان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ساقچىلارغا يەنە تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، كۈندۈزلىرى مېھمانساراينىڭ ياتىقىدا بېكىنىپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئايالى ھۆرنىساخان بالىلىرىنى يېتىلەپ نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونا دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە باش تىققۇدەك بىر جاي تېپىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ.

يىللار رەھىمسىز، دەۋر زۇلمەتلىك، ئەتراپنى تەلۋە شاماللار قاپلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا غايىلىك سەپداشلىرىنىڭ ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن قۇرۇلغان دوستلۇق ۋە ئەقىدىسى بۇ سوغۇق شەھەردە نىزامىدىن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە غۇۋا ئۈمىدنىڭ نۇرىنى پارلىتىدۇ. ھەمدۇل قاۋان، ئىنايەتخان ۋە تىللاخان ئايلام قاتارلىق كونا تونۇش-بىلىشلىرى ئۇلار ئۈچۈن تېپىرلاپ، قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ياردەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە دېيىلىشىچە، ئۇلار 1970-يىلى 8-ئايدا تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سانجىنىڭ قازاقلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئاشىل يېزا ئىتتىپاق چوڭ ئەترىتىگە ئورۇنلىشىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى «ھۈسەيىن ئۇستام» دېگەن نام بىلەن بۇ يېزىغا ياغاچچى بولۇپ ئىشقا كىرىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى ئەسلىمىسىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ سانجىدىكى بۇ قازاق ئاۋۇلىغا ئورۇنلىشىشىدا ئايالىنىڭ يەكەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىللە ئوقۇغان دوستى، شائىرە ۋە ناخشىچى خەيرىگۈل ئابىتنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىنمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، مەرھۇم ئاپىسىنىڭ دوستى خەيرىگۈل ئابىت خانىمنىڭ ئەسلىدە تونۇلغان شائىرە ۋە ناخشىچى ئىكەنلىكىنى، كىچىكىدە بۇ خانىمنىڭ ئۇلارنىڭ يەكەندىكى ئۆيىگە كۆپ قېتىم مېھمان بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. خەيرىگۈل ئابىت خانىمنىڭ ياردىمى ۋە تونۇشتۇرۇشى بىلەن نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئائىلىسى سانجىنىڭ ئاشىل يېزىسىغا ئورۇنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سالاھىيىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن نىزامىدىن ئەپەندى بۇ قازاق ئاۋۇلىدا بىر مەزگىل پاناھلىنىش ۋە ئۇھ دەۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن 1970-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى ئائىلىسىدىكى 7 جان كىشىنىڭ سانجىنىڭ ئاشىل يېزا ئىتتىپاق ئاۋۇلىغا قەدەم باسقانلىقىنى، بۇ يەرگە كەلگەن تۇنجى كۈنىدىكى بالىلىق خاتىرىسىنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان شاگىرتلىرىدىن ئىزچى ھەبىبۇللا خالىق ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ سانجى، مورى ۋە گۇچۇڭ تاغلىرىدىكى ھاياتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

دولقۇن ئەيسا ئالدىنقى ئەۋلاد ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغىنىدا ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېزىپ چىققانلىقىنى، 1989-يىلى ئۆزىنىڭ نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن بىللە مورى تاغلىرىغا چىقىپ 15 كۈنلۈك ئۇنتۇلماس زىيارەتتە بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.