قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (31)
2019.04.23
ئوتتۇز بىرىنچى قىسىم: بىھۇدە ئۆتكەن يىللار
ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ بىلىملىك سەرخىللىرىدىن ھېسابلانغان نىزامىدىن ھۈسەيىن 1970-يىللاردىن كېيىن ئۈرۈمچىگە ئانچە يىراق بولمىغان سانجىنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدا ئۆز سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئىش ۋە كەسىپنى قىلىپ كۆرىدۇ. بەزىدە مال باققۇچى، بەزىدە ياغاچچى، يەنە بەزىدە كان ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ھەتتا قازاق ئاۋۇللىرىدا تېۋىپ ياكى موللام بولۇپمۇ تونۇلىدۇ.
ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە 1970-يىللاردىكى بىھۇدە ئۆتكەن يىللىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1970-يىلى 8-ئايدا سانجىنىڭ ئاشىل يېزا ئىتتىپاق كەنتىگە ياغاچچى بولۇپ ئورۇنلاشتىم. مەن بۇ يۇرتتا 1979-يىلى 4-ئايغىچە تىرىكچىلىك قىلدىم. خاڭدا ئىشلىدىم، دېھقانچىلىق قىلدىم، مال باقتىم، ياغاچچىلىق قىلدىم.»
جۈرئەت نىزامىدىن ئۆزىنىڭ 7 ياش ۋاقىتلىرىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە سانجىنىڭ تاغلىق يېزىسى بولغان ئاشىل كوممۇناسىنىڭ ئىتتىپاق ئەترىتىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى، ئۇزۇن مەزگىللىك قاچقۇنلۇق ھاياتىدىن كېيىن بۇ خىلۋەت يېزىدىكى بىر تاشلاندۇق ئۆيگە باش تىققىنىدا پۈتۈن ئائىلىدىكى 7 جان كىشىنىڭ ئۇھ دېگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
جۈرئەت نىزامىدىن 1970-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئايلىرىدا ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى، ئاشىل يېزىسىدا ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچە مەكتەپ بولمىغاچقا خىتايچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ھالبۇكى، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە نىزامىدىن ئەپەندى ئوغلى جۈرئەتنىڭ ئانا تىلىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى يىراق جايدىكى بىر قازاقچە مەكتەپكە يۆتكىۋېتىدۇ.
باشقىلار نىزامىدىن ئەپەندىدىن نېمە ئۈچۈن بالىلىرىنى ئۆيىگە يېقىن جايدىكى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتماي، بەلكى يىراقتىكى قازاقچە مەكتەپكە بەرگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ «قازاق تىلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قېرىنداش تىل، يەنى تۈركىي تىللارنىڭ بىرى. بالام بۇ تىلدا ئوقۇسا ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇر تىلىنى تېپىۋالىدۇ،» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
جۈرئەت نىزامىدىن ئائىلىسى بۇ يېزىغا ئورۇنلاشقان دەسلەپكى يىللاردا دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ كۈندە كۆمۈر كاندا ئىشلەپ، يۈز-كۆزلىرى كۆمۈردەك قاپ-قارا بولۇپ كاندىن چىقىدىغانلىقىنى، بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھېلىھەم كۆز ئالدىغا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئۇ ئىككى ئاچىسىنىڭ ئاشۇ بوران-چاپقۇنلۇق يىللارنىڭ شۇنداقلا دادىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن خانىۋەيرانچىلىقلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، سانجى تاغلىرىغا ئورۇنلاشقان يىللاردا يېشى چوڭىيىپ كەتكەچكە ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كىرەلمەي كاندا بالا ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە سۆزلەپ ئۆتتى.
جۈرئەت نىزامىدىن بالىلىق خاتىرىلىرىنى ئەسلىگىنىدە دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىدەك تونۇلغان بىر بىلىم ئىگىسىنىڭ 1970-يىللاردا يەر ئاستى كۆمۈر كېنىدا يىللارچە ئىشلىگەنلىكىنى، يېزىقچىلىق ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ نەۋقىران چاغلىرىنىڭ بىھۇدە ئىشلار بىلەن زايە بولغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بالىلىق ئەسلىمىلىرىدىكى دادىسىنىڭ كۈندۈزلىرى كاندا ئىشلەپ، كېچىلىرى جىن چىراغ يورۇقىدا يېزىقچىلىق قىلغان ئاشۇ كۆرۈنۈشلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ.
ھالبۇكى، نىزامىدىن ئەپەندى رەھىمسىز رېياللىققا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، مەنىسىز زامانلاردىن قانداق قىلىپ مەنە تېپىشنى، بىھۇدە ئۆتۈۋاتقان يىللاردىن قانداق قىلىپ قىممەت يارىتىشنى بىلىدىغان بىر ئىنسان ئىدى. شۇڭا ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ قىيىن يىللىرىدا سانجى تاغلىرىدىكى قازاق چارۋىچىلىرى ئارىسىدا گاھىدا ياغاچچى، گاھىدا كان ئىشچىسى، گاھىدا پادا باققۇچى، گاھىدا تېۋىپ ياكى موللام بولۇپ، قىلغان ھەر بىر ئىشىدىن نەتىجە كۆرسىتىپ ئەل ئارىسىدا ھۆرمەت تاپىدۇ.
جۈرئەت نىزامىدىن مەرھۇم دادىسىنىڭ 1970-يىلىدىن تاكى 1979-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 10 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى يوشۇرۇنۇپ ياشاش ۋە ئائىلىسىنى بېقىشتەك تۇرمۇش مۇشەققەتلىرى بىلەن سانجى تاغلىرىدا بىھۇدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما ئۇ يەنە دادىسىنىڭ شۇ يەردىكى يەرلىك قازاق خەلقى ئارىسىدا چىن دوستلۇق، مۇھەببەت ۋە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ ياشىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)