ئوتتۇز ئىككىنچى قىسىم: گۈڭگۈرت ئارىشاڭدىكى ھېكايە
1970-يىللاردىكى 10 يىل مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ھاياتىدا ئۆز سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان تۇرغۇن يىللار ئىدى. ئۇ شۇ يىللاردا ئۈرۈمچىدىن ئانچە يىراق بولمىغان سانجىنىڭ ئاشىل دېگەن تاغلىق يېزىسىدا ياغاچچى، كان ئىشچىسى، پادىچى ۋە قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان بىر دېھقان بولۇپ ياشىغان ئىدى. جۈرئەت نىزامىدىن ئاشۇ يىللارنى ئەسلىگىنىدە سىياسىي ھاۋاسى داۋالغۇپ تۇرغان قاباھەتلىك بىر دەۋردە دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ ھايات قېلىشىنىڭ تامامەن بىر مۆجىزە بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
پۈتكۈل ھاياتى بويى ئېلىشىپ ياشىغان، ئىسسىق-سوغۇقلارنى يېتكۈچە كۆرگەن، ئەمما ھېچقاچان ئۆز ئىرادىسىدىن قايتمىغان بۇ ئىنسان ئۆز سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ «ھۈسەيىن ئۇستام» بولۇپ ياشىغان 1970-يىللاردىمۇ يېنىدىن كىتابىنى ئايرىمايدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن بالىلىق ئەسلىمىلىرىدە دادىسىنىڭ كۈندۈزلىرى ئەمگەك قىلىپ، كېچىلىرى جىن چىراغ تۈۋىدە خاتىرە يازىدىغانلىقىنى، كىتاب-ماتېرىيال ساقلايدىغان بىر كۆك ساندۇقنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ 20 يىللىق قاچقۇنلۇق ھاياتىغا ھەمراھ بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى جاھان مالىمانچىلىققا تولغان ئاشۇ يىللاردا خىلۋەت تاغلىق يېزىغا بېكىنىۋېلىپ زادى نېمىلەرنى يازغان؟ جۈرئەت نىزامىدىن ئۆزىنىڭ بالىلىق مەزگىللىرىدە دادىسىنىڭ نېمىلەرنى يازىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما دادىسىنىڭ يېزىۋاتقانلىرىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلگەنلىكىنى، بەزىدە دادىسىغا ۋاقىت چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن مەكتەپكە بارماستىن كالا باققانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىدىن سانجىنىڭ ئاشىل كوممۇناسىغا خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كادىر بۇ يەردىكى قازاق ئاۋۇللىرىنىڭ بىرىدە «ھۈسەيىن ئۇستام» نىڭ كىملىكىنى تونۇپ قالىدۇ. 1940-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا بىللە ئوقۇغان بۇ ئىككى ساۋاقداش ھەيرانلىق ئىلىكىدە بىر-بىرىنى چىڭ قۇچاقلىشىدۇ.
1976-يىلى ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن خىتايدا يېڭى بىر دەۋر باشلىنىدۇ. ئەمما نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بېشىدىكى «يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق ئالدىراپ ئېلىنمايدۇ. 1978-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا سانجىدىكى گۈڭگۈرت ئارىشىڭىغا دەم ئالغىلى چىققان ئاتاقلىق تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى باشلىق بىرقانچە كونا زىيالىي ئارىشاڭدا ئېشەك ھارۋىسى بىلەن كىراكەشلىك قىلىۋاتقان نىزامىدىن ھۈسەيىننى تونۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش ۋە ئۇنىڭ «سىياسىي قالپىقى» نى ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ.
شۇ يىللاردا يەنە تۇردى سامساق قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئەدىبلىرىمۇ سانجى تاغلىرىغا چىقىپ نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. يازغۇچى تۇردى سامساق ئۆزىنىڭ شۇ يىللاردا قەلەمگە ئالغان «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ناملىق رومانىدىكى مۇھىم بىر ئوبرازنىڭ پروتوتىپىنىڭ نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ كەچمىشلىرى ئاساسىدا يېزىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
گۈڭگۈرت ئارىشاڭدىكى ھېكايە نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ 20 يىللىق تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا مەلۇم سەۋەب بولىدۇ. ھازىر ياۋروپادا پاناھلىنىۋاتقان، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن ھەبىبۇللا خالىقمۇ گۈڭگۈرت ئارىشاڭدىكى بۇ ھېكايىنى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00