قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (34)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.05.14
Nizamidin-Huseyin-ependi-Yekendiki-Melike-Amannisaxan.jpg نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى يەكەندىكى مەلىكە ئاماننىساخان ھەيكىلى ئالدىدا. 1990-يىللار.
RFA/Qutlan

ئوتتۇز تۆتىنچى قىسىم: «گاۋ شۈ ۋەقەسى» نى ئېنىقلاش يولىدا

20 يىللىق تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق ھاياتى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ زەبەردەست ياشلىقىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئانا تۇپراققا ۋە خەلقىگە بولغان مۇقەددەس سۆيگۈسىنى ئەسلا سۇسلاشتۇرالمىغان ئىدى. يۈرىكى ۋەتىنىنىڭ ھەر بىر تىنىقى ئۈچۈن سوقىدىغان بۇ ئىنسان بېشىدىكى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر تال قەلەم ۋە خاتىرىسىنى ئېلىپ قاراقۇرۇم سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىدىن قالغان تەۋەررۈك يازمىلارنى ۋاراقلاۋېتىپ، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ 1981-يىلى، 1983-يىلى ۋە 1986-يىللىرى جەنۇبقا سەپەر قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1986-يىلىدىكى جەنۇب سەپىرىدە يازغان «قاراقۇرۇم خاتىرىسى» ناملىق چاتما يازمىسىدا بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئاساسلىقى قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش ۋە 1980-يىلى ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن «گاۋ شۈ ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىملىق قاراقۇرۇم سەپىرى ئادەتتىكى بىر ساياھەت ياكى ئىچ پۇشقىنى چىقىرىدىغان سەپەر ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى زىلزىلىگە سالغان 1980-يىلىدىكى «گاۋ شۈ ۋەقەسى»، يەنى قاغىلىق-تىبەت تاشيولىدىكى سېرىق داۋاندا يۈز بەرگەن «قوتاز ۋەقەسى» نىڭ ئىچ يۈزىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق قاراقۇرۇم سەپىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەمما نىزامىدىن ئەپەندى ئۆز ئىرادىسىدىن قايتمايدۇ.

60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان نىزامىدىن ئەپەندى 1986-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى قاغىلىق بازىرىدىن ئاتلىنىپ، جەمئىي 1456 كىلومېتىرلىق قاغىلىق-تىبەت تاشيولىنى بويلاپ تەكشۈرۈش سەپىرىنى باشلايدۇ. قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكوم ئۇنىڭغا «سەلبىي ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى خاتىرىلىمەسلىك» شەرتى بىلەن رۇخسەت بېرىدۇ ۋە قېشىغا مەخسۇس «قۇلاق» قويىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ شۇ قېتىملىق قاراقۇرۇم سەپىرىگە ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى، بۈگۈن ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار غوجا ئەپەندىمۇ ھەمراھ بولىدۇ. ئۇ ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە نىزامىدىن ئەپەندىگە ھەمراھ بولغان شۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

بەختىيار ئەپەندى شۇ قېتىملىق سەپەر جەريانىدا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ «گاۋ شۈ ۋەقەسى» نى ئېنىقلاش ۋە بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىغا يوشۇرۇنغان خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى رەزىللىكلىرىنى ئېچىپ تاشلاش بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇلار شۇ قېتىملىق سەپەر جەريانىدا قاغىلىق-تىبەت تاشيولىنى بويلاپ، يۈزلىگەن داۋان ۋە جىلغىلارنى پەستە قالدۇرۇپ، ئاخىرى سېرىق داۋان دېگەن جايغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرى ئۇلارغا ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە بىرىنچى قول ئۇچۇرلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى ئۆز خاتىرىسىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرى گاۋ شۈنىڭ 1980-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر تاشيول ئىچىسى ھاپىز ئابدۇللانى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن نەق مەيداننى تەپسىلىي خاتىرىلەيدۇ. بۇ جاينى ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ «قان قىرغاق» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى خاتىرىسىدە تىبەتتىن قاغىلىق يولى ئارقىلىق قايتقان خىتاي ھەربىي ماشىنا ئەترىتى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانىڭ جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى مەزكۇر ۋەقەنىڭ شاھىتلىرىنى بىرمۇ-بىر زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىكى «ئەسكەر گاۋ شۈ ئۇقۇشماستىن ھاپىز ئابدۇللاغا ئوق چىقىرىپ قويغان» دېگەن ساختا باياننى كەسكىن رەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە گاۋ شۈنىڭ ئاپتوماتتىكى بىر دىسكا 27 پاي ئوقنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېتىپ، ھاپىز ئابدۇللانىڭ بېشىنى تىتما-تىتما قىلىپ چۇۋۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى خاتىرىسىدە «بۇ ئىنسانىيەتنىڭ قىرغىنچىلىق تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھېكايە،» دەپ يازىدۇ.

بەختىيار غوجا ۋەقە يۈز بېرىپ خىتاي ئەسكەرلىرى سېرىق داۋاندىن كەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ باشسىز جەسەتنى كۆتۈرۈپ قاغىلىق بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ۋە قاغىلىقتا زور مالىمانچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى خاتىرىسىدە يەنە ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن باشلانغان بۇ ۋەقەنىڭ قاغىلىق، پوسكام، يەكەن ۋە قەشقەرگىچە بولغان لىنىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ زور تىپتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.