قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (35)

0:00 / 0:00

ئوتتۇز بەشىنچى قىسىم: «قان قىرغاق» تىكى دۇئا

1980-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى قاغىلىق-تىبەت تاشيولىنىڭ سېرىق داۋان دېگەن جايىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە قاغىلىقتىن تاكى قەشقەرگىچە بولغان رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىردىنلا جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

ھەربىي ماشىنا ئەترىتى بىلەن تىبەتتىن قايتقان خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى گاۋ شۈ سېرىق داۋانغا كەلگەندە ئاپتوماتىدىكى بىر دىسكا 27 پاي ئوق بىلەن ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىسى ھاپىز ئابدۇللانىڭ باش قىسمىنى چۇۋۇپ تاشلايدۇ. ھەربىي ماشىنا ئەترىتى نەق مەيداندىن كەتكەندىن كېيىن قاغىلىق-تىبەت تاشيولىنى ئاسراۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلىرى ھاپىز ئابدۇللانىڭ باشسىز جەسىتىنى ئېلىپ قاغىلىق بازىرىغا كىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاغىلىقتا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىدۇ.

1986-يىلى يازدا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ، نەق مەيداننى زىيارەت قىلغان بەختىيار غوجا ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «گاۋ شۈ ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قاغىلىقنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

قاغىلىقتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىدىن چۆچۈپ كەتكەن يەرلىك دائىرىلەر ئاق باغلىغان تاشيول ئىشچىلىرى بىلەن ھاپىز ئابدۇللانىڭ باشسىز جەسىتىنى قەشقەر تەرەپكە يولغا سېلىۋېتىدۇ. جەسەت كۆتۈرگەن ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرى ھاپىز ئابدۇللانىڭ يۇرتى-قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسىغا كەلگەندە قەشقەر ۋالىيسى ئەيسا شاكىر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ئۇلاتايېف باشچىلىقىدىكى بىر توپ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى 1986-يىلى بۇ جەريانلارنى بىرمۇ-بىر ئېنىقلاپ خاتىرىگە ئالىدۇ.

ھالبۇكى، قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ «مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىمىز، گاۋ شۈنى جازالاپ بېرىمىز» دېگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھەربىي رايون بۇ ئىشقا تېگىشلىك جاۋاب بەرمەيدۇ. قاتتىق غەزەبلەنگەن مىڭلارچە ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك جامائەت قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ.

قەشقەردە مىللىي خورلۇققا قارشى جىددىي كەيپىيات ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ئۇلاتايېف يەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ۋەدىلىرى ۋە نەسىھەتلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئاخىرى تارقىلىپ، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ھاپىز ئابدۇللانىڭ باشسىز جەسىتى يۇرتى تازغۇندا دەپنە قىلىنىدۇ. ئىش ئورۇنلىرىغا قايتقان ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن سېرىق داۋاندىكى جايغا «قان قىرغاق» دەپ نام بېرىدۇ ۋە ھاپىز ئابدۇللانىڭ خاتىرە قەبرىسىنى ياسايدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقە جىددىي تۈردە ھەل قىلىنمىسا، ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ زور قارشىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى پەرەز قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گاۋ شۈ دېلوسىنى ھەربىي سوتتىن ئاجرىتىپ، يەرلىكنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش، ئالىي سوتنىڭ تەستىقى بويىچە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدە بېيجىڭدىن كۆرسەتمە ئالىدۇ. 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەردە «گاۋ شۈ دېلوسى» سوت قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، سوتچى ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىدىغان چاغدا مىڭلارچە قوراللىق خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بىڭتۇەننىڭ پۇقراچە كىيىنگەن قوراللىقلىرى سوت مەيدانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قاتىل گاۋ شۈنى بۇلاپ كېتىدۇ.

قاتىل گاۋ شۈ قەشقەردىكى سوت مەيدانىدىن بۇلاپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنى ھەربىي رايون قانات ئاستىغا ئېلىپ ساقلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دېلوغا ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەتنىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە گاۋ شۈ دېلوسىنىڭ كېيىنچە ھەربىي دائىرىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، دېلونىڭ بارا-بارا كونا دېلوغا ئايلىنىپ، يەرلىكنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مەزكۇر ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي كەيپىيات ئاستا-ئاستا پەسكۇيغا چۈشىدۇ. ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قېتىم تازغۇنغا كېلىپ مەرھۇم ھاپىز ئابدۇللانىڭ ئائىلىسىگە خىزمەت ئىشلىشى، ئۇلاتايېف ۋە ھەتتا ئۈرۈمچى ھەربىي رايونىنىڭ سابىق قوماندانى شياۋ چۈەنفۇ قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن 1984-يىلىغا بارغاندا ھاپىز ئابدۇللانىڭ تازغۇن يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى قەمبەرخان: «گاۋ شۈ مېنىڭ ئوغلۇم، ئۇنىڭ قاماقتىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن!» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلىدۇ.

بەختىيار غوجا ئەپەندى 1986-يىلىدىكى جەنۇب سەپىرىدە ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىن بىلەن بىرلىكتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسىغا بېرىپ، قەمبەرخاندىن ئوغلى ھاپىز ئابدۇللانىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى، ئەسكەر گاۋ شۈنىڭ كىملىكى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

قەمبەرخان ئانىنىڭ ئۆز ئوغلىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن قاتىل گاۋ شۈنى «بالام!» دېيىشى ۋە ئۇنىڭ قاتىل گاۋ شۈنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان باياناتىنىڭ چوڭ گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىشى بىلەن 1980-يىلى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ۋەقە بېسىققان بولىدۇ. بېيجىڭدا چىقىدىغان «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى»، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق چوڭ گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى نەچچە قېتىملاپ قەشقەر تازغۇنغا كېلىپ قەمبەرخان ئانا ھەققىدە نەچچە ئونلىغان خەۋەر-ماقالىلەر ئېلان قىلىدۇ.

1985-يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي سوتى گاۋ شۈ ئۈستىدىن قايتا سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا 1980-يىلى ئالىي سوت تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە جازانى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىدۇ. ھالبۇكى، ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتمەيلا «تۈرمىدىكى ئىپادىسى ياخشى» دېگەن باھانە بىلەن گاۋ شۈنى قاماقتىن بوشىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 27 پاي ئوق بىلەن بىر گۇناھسىز ئۇيغۇر ياشنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلغان بۇ قاتىل ھېچقانچە بەدەل تۆلىمەيلا قۇتۇلۇپ كېتىدۇ ۋە خىتايدىكى يۇرتىغا قايتىپ بەخۇدۇك ياشايدۇ.

1987-يىلى مەرھۇم ھاپىز ئابدۇللانىڭ ئانىسى قەمبەرخان خىتاي بويىچە «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگۈسى» بولۇپ باھالىنىپ، گېزىتلەردە تەشۋىق قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ھاپىز ئابدۇللانىڭ ناھەق ئۆلۈمى ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا نامايىش قىلغان، باشسىز جەسەتنى كۆتۈرۈپ قاغىلىقتىن تاكى قەشقەرگىچە يۈرۈش قىلغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر تاشيول ئىشچىلىرى بىلەن بىر قىسىم ئوت يۈرەك ياشلار قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يىللاپ تۈرمىلەردە ياتىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1986-يىلى يازدا قاغىلىق-تىبەت تاشيولىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن مىڭلارچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۆلىكىدە، يەنى ھاپىز ئابدۇللا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن سېرىق داۋاندىكى «قان قىرغاق» تا ئۆز خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن ۋەقە يۈز بەرگەن سېرىق داۋاندىكى بۇ جاينى كۆز يېشىم بىلەن زىيارەت قىلدىم. مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە قېلىن قار ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، مەرھۇمنىڭ قېنى تۆكۈلگەن يەرگە ئۇزاق دۇئا قىلدىم، ئامىن!»

(داۋامى بار)