قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (36)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم. 1995-يىلى ئۈرۈمچى.
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم. 1995-يىلى ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

ئوتتۇز ئالتىنچى قىسىم: قەلەم كۈرەشلىرىم

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 20 يىللىق تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1979-يىلى 4-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە قايتىپ كەلگەندە چاچ-ساقاللىرىنى قىرو باسقان 60 ياشلىق پېشقەدەمگە ئايلانغان ئىدى. 1983-يىلى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ھۆرنىساخان ۋاپات بولىدۇ. ئۇ تاكى 1987-يىلى دەم ئېلىشقا چىققۇچە بولغان جەرياندا ۋۇجۇدىدىكى ئاخىرقى كۈچى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، مىللەتنى ئۆز تەقدىرى ھەققىدە قايتا ئويلاندۇرىدىغان بىر قاتار ئەسەرلەرنى يازىدۇ.

ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ 1985-يىلىدىن كېيىن يېزىپ ئېلان قىلغان «يولسىز ئەقىدە»، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، «قاراقۇرۇم ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى ئەسلىمىسىدە يەنە ئۆزىنىڭ قەلەم كۈرىشىنى 1948-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىدا باشلىغانلىقىنى، 1948-يىلىدىن 1950-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بىر يۈرۈش شئەىر، ھېكايە ۋە تارىخىي يازمىلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى 1950-يىللاردىن تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە داۋالغۇشلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ياشلىقىنىڭ تەڭدىن تولىسى كۈرەشكە تارتىلىش، تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق بىلەن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھېچقاچان قەلەمنى تاشلىغان كىشى ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1958-يىلى «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقىنى كىيىپ قاماققا ئېلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ يەكەن ۋىلايىتىدە قالدۇرغان قانلىق داغلىرى» (1950-يىلى)، «زاۋا خوجىلىرى توغرىسىدا» (1952-يىلى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخى» (1955) قاتارلىق مۇھىم تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى، قالپىقى ئېلىنغان 1980-يىللاردا بولسا «يولسىز ئەقىدە»، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچېرىكلىرى» قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر يىرىك ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى ساناپ ئۆتىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ 1980-يىللاردىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرى ۋە خاتىرىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە ئىلگىرى بىلىنمىگەن بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ شۇ يىللاردا دادىسىنىڭ «مۇخبىرلىق قىلىمەن» دېگەن باھانە بىلەن سەپەر قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جاي-جايلىرىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋەقە ۋە ھەرىكەتلەرنى ئېنىقلاپ «ئىزچى» دېگەن تەخەللۇس بىلەن خاتىرىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

جۈرئەت نىزامىدىنننىڭ دادىسىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، نىزامىدىن ئەپەندى 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ئاراتۈرك جېڭى، خوتەن قوزغىلىڭى، قاغىلىق قىرغىنچىلىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەرنى تەپسىلىي قەلەمگە ئالغان ئىكەن.

نىزامىدىن ئەپەندى يەنە 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن خىتاي رېجىمىغا قارشى كۆپلىگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرى ۋە ھەتتا 1990-يىلىدىكى بارىن ئىنقىلابىغا ئوخشاش مۇھىم ۋەقەلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ ۋە ئېنىقلاپ بۇ ھەقتە خاتىرە قالدۇرغان ئاز ساندىكى تارىخچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەقتە ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن ئۆزى بىلىدىغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا بىلەن جۈرئەت نىزامىدىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى ئۇزۇن يىللار توپلىغان كونا گېزىت-ژۇرناللار بىلەن بىر قىسىم مەخپىي خاتىرىلىرىنى چەتئەلگە چىقىرىۋەتكەن ئىكەن. كېيىنچە دولقۇن ئەيسا بىلەن ئابدۇجېلىل تۇران دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نامىدا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ يازمىلىرىنى رەتلەپ، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىدا «بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىلى» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلدۇرغان.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پۈتۈن ھاياتىمدا ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كۆچۈردۈم. راھەت كۆرمىدىم، مىللەتكە خائىنلىق قىلمىدىم، ئەمەل تۇتمىدىم، بىرەر پارتىيەگە ئەزا بولغان تارىخىم يوق. ‹شىنجاڭ گېزىتى› دىن باشقا يەردىمۇ ئىشلىمىدىم. قەلەم بىلەنلا، ئەمگەك بىلەنلا، خاپىلىق، دەرد-ئەلەم بىلەنلا ئۆتتۈم. نۇرغۇن قېتىم ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىش پۇرسىتى كەلدى، لېكىن كەتمىدىم.»

نىزامىدىن ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى 3-تۈرمىدە يازغان ئەسلىمىسىدە مەرھۇم ئايالى ھۆرنىساخان، بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئۈچ قىزى ۋە ئوغلى جۈرئەت شۇنداقلا ئۆزى بىلەن باغلىنىش بولغان بارلىق دوست-بۇرادەرلىرىگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىنى، تەشەككۈرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك تارتقان دەرد-ئەلەملىرى ۋە رىيازەتلىرى ئۈچۈن چىن دىلىدىن ئۆزر تىلەيدۇ.

70 ياشقا كىرگەن نىزامىدىن ئەپەندى 1997-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچى 3-تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ كامېرىدا ئۆز ھاياتى ھەققىدە مۇنۇ مىسرالارنى يازىدۇ:

مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن،

مۇقەددەس تۇپرىقىمنى سۆيۈپ ياتىمەن.

ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ،

بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن.

ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى،

ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى.

ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ،

نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت