قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (37)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئوتتۇز يەتتىنچى قىسىم: چەتئەلگە كۆچۈرۈلگەن «يەر ئاستى كۇتۇپخانا»

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن 1950-يىللاردىن تارتىپ تاكى 1997-يىلى ئاخىرقى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىگە قامالغىچە بولغان يېرىم ئەسىرلىك جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىدا كەم ئۇچرايدىغان «يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى» نى بەرپا قىلغان ئىدى.

بۇ كۇتۇپخانىدا 1930-يىللاردىكى «يېڭى ھايات»، «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى»، «ئەركىن تۈركىستان» قاتارلىق ئۇيغۇرچە گېزىتلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى، 1940-يىللاردا نەشر قىلىنغان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان»، «ئەرك»، «ئىتتىپاق» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تولۇق سانلىرى شۇنداقلا 1930-يىللاردىن تاكى 1990-يىللارغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان بارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ سانلىرى تېپىلاتتى. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن كۆپ ساندىكى كىتاب-ماتېرىياللارمۇ بار ئىدى. دولقۇن ئەيسا مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆمۈر بويى تىرمىشىپ بەرپا قىلغان بۇ «يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى» نى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى، «ئەرك» ۋە «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتلىرىنىڭ سانلىرىنى تۇنجى قېتىم بۇ يەردە كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

كىتاب كۆيدۈرۈش، بولۇپمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىگە زىيانلىق دەپ قارىغان كىتابلارنى كۆيدۈرۈش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىش تارىخىدا كۆپ كۆرۈلگەن ھادىسە. نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا دولقۇن ئەيساغا دەپ بېرىشىچە، 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈرۈمچىدە بەرپا قىلىنغان «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى» دىكى نەچچە مىڭ پارچە كىتاب-ماتېرىيال 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان. بۇ كىتابلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئامبىرىدا ساقلىنىپ، 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.

1990-يىللارغا كەلگەندە مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر بەرپا قىلغان «يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى» دىكى كىتاب-ماتېرىياللىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. 1994-يىلى دولقۇن ئەيسا چەتئەلگە مېڭىش ئالدىدا نىزامىدىن ئەپەندى ئۇنىڭغا بۇ قىممەتلىك تارىخىي گېزىت-ژۇرناللارنى تاللاپ چەتئەلگە ئېلىپ كېتىشنى ھاۋالە قىلىدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاۋالىسى بويىچە «ئەرك» گېزىتىدىن 7 توپلام، «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدىن 3-4 توپلام، 1930-ۋە 1940-يىللىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردىن بولۇپ، جەمئىي 7 ساندۇق ماتېرىيالنى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا، بېيجىڭدىن سۇ يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە يوشۇرۇنچە ئېلىپ كېتىدۇ.

كېيىنچە دولقۇن ئەيسا تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە كەتكەندە بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆزى بىلەن بىللە ميۇنخېنغا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالماپ يۇتۇۋېتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان بۇ قىممەتلىك گېزىت-ژۇرناللار ئەركىن دۇنياغا چىقىدۇ. كېيىنچە ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ئىگىلىرى بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ميۇنخېنغا كېلىشكە باشلايدۇ.

دولقۇن ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، كېيىنكى مەزگىللەردە ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ميۇنخېنغا كېلىپ نىزامىدىن ئەپەندى توپلىغان بۇ قىممەتلىك گېزىت-ژۇرناللارنى دىگىتال فوتو ئاپپاراتتا سۈرەتكە ئالىدۇ. ھالبۇكى، كۆپ قېتىم كوپىيە ئېلىش، سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋاراقلاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپانىڭ ھاۋاسىدىكى نەملىك تۈپەيلى بۇ كونا گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بەتلىرى ئۇپراپ، چىرىشكە باشلايدۇ. بۇ ھال مەزكۇر ماتېرىياللارنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ساقلىيالايدىغان كۇتۇپخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇرىدۇ.

كېيىنچە دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن دولقۇن ئەيسا بۇ قىممەتلىك گېزىت-ژۇرناللارنى گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم قىلىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن بۇ ماتېرىياللارنى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ نامىدا كۇتۇپخانىنىڭ مەخسۇس بىر بۆلمىسىگە قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ يىللارچە نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ «يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى» دا ساقلانغان بۇ بايلىقلار ئاخىرى گېرمانىيەدىكى بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئەركىنلىككە چىقىدۇ.

1980-يىللاردا نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار خوجا ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ شۇ يىللاردا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كونا گېزىت-ژۇرناللارنى ۋە ئۇلارغا بېسىلغان ماقالىلەرنى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە گېزىتخانىنىڭ ئارخىپىدىن كۆرگەنلىكىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

ئۇنداقتا، مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى» قانداق بەرپا بولدى؟ 20 يىللاپ تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق ھاياتىنى ياشىغان نىزامىدىن ئەپەندى شۇنچە كۆپ گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتاب ماتېرىياللارنى قانداقلارچە توپلىيالىدى؟ خىتاينىڭ شۇنچە قاتتىق رېجىمى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا ئۇلارنى قانداقلارچە ساقلىيالىدى؟

نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ بۇ قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللار بىلەن گېزىت-ژۇرناللارنى توپلىشى شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساقلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. دادام تۈرمىدە ۋە قاچقۇنلۇقتا يۈرگەن يىللاردا بۇ ماتېرىياللىرىنى جاي-جايلاردىكى يېقىن دوستلىرىغا ھاۋالە قىلىپ ساقلاتتى، بەزىلىرىنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئايرىماي ئېلىپ يۈردى. كېيىنچە بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى چەتئەللەرگە چىقىرىۋېتەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خېلى كۆپ قىسمى ۋەتەندە قالدى. 1997-يىلى دادام ئاخىرقى قېتىم قولغا ئېلىنغاندا بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئۆيىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسمىنى خىتاي ساقچىلىرى ساندۇق-ساندۇقلارغا قاچىلاپ مۇسادىرە قىلدى. مەن ساقلاپ قالالىغانلىرىمنى ئۆزۈم بىلەن چەتئەلگە ئېلىپ چىقتىم. دادام رەھمەتلىك كىتاب-ماتېرىيال دېسە جېنىنى بېرەتتى. دادامدىن بىزگە پۇل-مال قالمىدى، ئەمما مىللەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خاتىرىلەنگەن شۇ قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللار قالدى.»

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت