قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (39)
2019.06.25
ئوتتۇز توققۇزىنچى قىسىم: تارىخنىڭ قاراڭغۇ يۈزىنى ئېچىش يولىدا
سەئىدىيە دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى بىرقانچە ئەسىرلىك جەريان كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھىدايەتۇللا ئافاق خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى «ئاق تاغلىق» ۋە «قارا تاغلىق» خوجا-ئىشانلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭگى-جىدەللىرى ھەمدە تەركىدۇنياچىلىق تەرغىباتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىيەت ئالىمىگە مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر جاراھەتلەرنى قالدۇرىدۇ. مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ 1980-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يازغان «يولسىز ئەقىدە»، «جاھالەت پرىلىرى شىنجاڭدا»، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچېركلىرى» ناملىق بىر يۈرۈش يىرىك ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەنە ئاشۇ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىدۇ.
1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان، نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە پاناھلىنىۋاتقان شاگىرتلىرىدىن ھەبىبۇللا خالىق يۇقىرىقى تارىخىي يازمىلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بۇ بىر يۈرۈش ماقالىلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا دەل بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر بۆلىكىدە، يەنى خوجا-ئىشانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە يۈز بەرگەن تارىخىي پاجىئەلىرىمىزنى ھۆججەتلىك ئاساستا بىزگە يورۇتۇپ كۆرسەتكەنلىكىدۇر. يەنى بۇ ماقالىلەردە خوجا-ئىشانلار تەرغىب قىلغان، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يات بولغان تەركىدۇنياچىلىق ئەقىدىلىرىنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە خەلقىمىزنىڭ ئېڭىدىن مىللەت ۋە ۋەتەن ئۇقۇمىنى، ئىجادىيەت روھى ۋە ئىنسانلىق قەدىر-قىممەت ئىستەكلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئېچىپ بېرىدۇ.»
مەھكۇم مىللەتلەر ئۈچۈن خاتا شەرھىلەنگەن تارىخنىڭ قاراڭغۇ يۈزىنى ئېچىپ كۆرسىتىش بەزىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخچىلىرىدىن ئېغىر بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يات بولغان يولسىز ئەقىدە-تەركىدۇنياچىلىققا باشلىغان سوپى-ئىشانچىلىق ئېقىمى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەر چوڭقۇر دەرىجىدە زەئىپلەشتۈرگەن ئىدى. 1980-يىللاردا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ قەلەم كۈرىشىنى مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بۇ تارىخىي تۈگۈننى ئېچىپ تاشلاشقا قارىتىشى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭدىن زور جاسارەت ۋە بەدەل تەلەپ قىلدى. ھەبىبۇللا خالىق ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ 1980-يىللاردىلا يازمىلىرى سەۋەبلىك خوجا-ئىشانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ۋە مۇرىتلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ تارىخىي يازمىلىرى 1980-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تارىخقا نىسبەتەن بىر مەيدان قايتا ئويلىنىشقا شۇنداقلا مىللەتنى ئۆز ئۆتمۈشىگە يېڭىۋاشتىن باھا بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، تارىخنىڭ ئاچچىق يۈزىگە يۈزلىنىش ئۇنچىلىك ئاسان بولمايدۇ. نىزامىدىن ئەپەندىگە بولغان يوشۇرۇن ھۇجۇم ۋە تەھدىت خاراكتېرلىك قىلمىشلار 1990-يىللاردىمۇ توختاپ قالمايدۇ.
جۈرئەت نىزامىدىن دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە يازغان بىر يۈرۈش يىرىك ماقالىلىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنى «ھىدايەتۇللا ئافاق خوجىنىڭ ئەۋلادى»، يەنى «سەئىد ئەۋلادى» دەۋالغان بىر ساقاللىق كىشىنىڭ نەسەبنامە كۆتۈرۈپ نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
جۈرئەت نىزامىدىن يەنە ئۆزىنى «سەئىد ئەخمەد پالانچى» دەۋالغان بۇ كىشىنىڭ دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىنگە يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى تەڭلا قوللىنىپ، خوجا-ئىشانلار ھەققىدىكى، بولۇپمۇ ئافاق خوجا ھەققىدىكى يازمىلىرىنى داۋاملىق يېزىشنى توختىتىشنى، ئەگەر توختاتمىسا ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ قويۇشنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار خوجا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ يىللاردا خوجا-ئىشانلارنىڭ مۇرىتلىرى ئەڭ كۆپ، تەسىرى زور بولغان يەكەندە نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىي يازمىلىرىغا بولغان قارشىلىق ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىكەن. ھەتتا «نىزامىدىن ھۈسەيىن يەكەنگە پۇت دەسسەپ قالسا ئۆلتۈرىمىز» دېگەن تەھدىتلەرمۇ بولغان ئىكەن.
جۈرئەت نىزامىدىن ھەتتا ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا مۇخبىرلىق قىلىپ قاغىلىقتىن يەكەنگە بارماقچى بولغىنىدا قاغىلىقتىكى دوستلىرىنىڭ ئۇنى يەكەنگە بارماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلغانلىقىنى، يەنى ئۆزىنىڭ نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئوغلى بولغانلىق سەۋەبلىك يەكەندە خەۋپ-خەتەرگە ئۇچراپ قالماسلىقى ھەققىدە دوستلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بەختىيار خوجا ئەپەندى يەكەندىكى خوجا-ئىشانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە مۇرىتلىرىنىڭ 1980-ۋە 1990-يىللاردا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىگە بۇ قەدەر ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تەھدىت ۋە بېسىملار نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ قەلىمىنى توختىتالمايدۇ. ئۇ داۋاملىق يازىدۇ، ئاخىرقى نەپسىگىچە يازىدۇ. بىر ئۆمۈر كۈرەشتىن يانمىغان بۇ قەيسەر ئىنسان ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنىنى قانچىلىك سۆيسە، ئۇنىڭ تارىخىدىكى قارا داغلارنى ئېچىپ كۆرسىتىشكە، خەلقىنىڭ روھىيىتىدىكى چىرىگەن لايقىلارنى يۇيۇپ چىقىرىشقا شۇنچىلىك جۈرئەتلىك ئىدى. نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى يىرىك ئەسەرلىرى ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز خاتالىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان بېيجىڭدىكى سەيپىدىن ئەزىزىنىمۇ ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن 1960-يىللاردا بېيجىڭغا قېچىپ بارغان دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنى چۆچۈرىدەك 5 بالا بىلەن قوشۇپ تۈرمىگە سولىتىۋەتكەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1990-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىغا مەكتۇپ يېزىپ، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
(داۋامى بار)