قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (40)
2019.07.02
قىرىقىنچى قىسىم: «سىلەردەك ياشلىرى بار مىللەتتە ئۈمىد كېسىلمەيدۇ!»
1997-يىلى 3-ئايدا 70 ياشتىن ئاشقان مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىدە يېپىق سوت ئېچىلغاندا ئۇنىڭغا «1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللىغان» دېگەن جىنايەتمۇ ئارتىلغان ئىدى.
دەرۋەقە، ئۆمۈر بويى ئۆز خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەشكەن بۇ ئوت يۈرەك ئىنسان ئۆز دەۋرىدە مىلتىق تۇتقان بىر ئىنقىلابچى، قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بارغان بىر يازار ۋە خىتاي تۈرمىسىدىن 20 يىللاپ قاچقان رىۋايەتلىك شەخس بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 1980-يىللاردىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي غايىسىنى ئويغاتقان كىشى ئىدى.
دولقۇن ئەيسا ئارىدىن 30 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىدە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىدېئولوگىيەسىنى يېتەكلەپ ماڭغان زور تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇر سەرخىللىرى 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقان؟ دولقۇن ئەيسا 1988-يىلى 15-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق زور نامايىشىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، نامايىشتىن كېيىن 4 ئايلىق سوئال-سوراق بولۇپ ئۇلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگىنىدە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ بىرىنچى بولۇپ قۇچاق ئاچقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
دولقۇن ئەيسا ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرىلىرىنى ۋاراقلاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا بىز تېخى 20 ياشقىمۇ كىرمىگەن ياشلار ئىدۇق. دۇنيا قاراش ۋە مەپكۇرە جەھەتتە تېخى گۆدەك ئىدۇق. نامايىشتىن كېيىن مەن بىلەن ۋارىسنى مەكتەپتىن ھەيدىدى. ئايلاپ ئېلىپ بېرىلغان مەسىلە تاپشۇرۇش ۋە سوئال-سوراقلار جەريانىدا قاتتىق روھىي بېسىمغا دۇچ كەلدۇق. بىر قىسىم يېقىن دوستلىرىمىز ۋە تونۇشلىرىمىز بىزدىن قاچىدىغان بولدى. ھەتتا بەزىدە ئۈمىدسىزلەنگەن چاغلىرىمىزمۇ بولدى. مانا مۇشۇنداق پەيتلەردە نىزامىدىن ئەپەندى بىزگە تارىخ سۆزلەپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، مىللىي كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر جەريان ئىكەنلىكىنى، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ، بىزگە مەدەت ۋە تەسەللى بەردى…»
ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن دولقۇن ئەيسا بىلەن ۋارىس 1988-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھەيدەلگەندىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلماقچى بولىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى ئىككى نەپەر ياشنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنىڭ نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئالدىن بىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى سىناپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پېنسىيە مائاشىدىن 300 سوم پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ.
دولقۇن ئەيسا بۇ جەرياننى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بىز بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلماقچى بولدۇق. سەيپىدىن ئەزىزىگە، ئىسمائىل ئەھمەتكە ۋە مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا ئەھۋالىمىزنى دېمەكچى بولدۇق. نىزامىدىن ئەپەندى بىزگە: ‹چوڭ خىتاي كىچىك خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ھەرگىز سىلەر ئۈچۈن، يەنى باشقا بىر مىللەتنىڭ ئىستەكلىرى ئۈچۈن كىچىك خىتاينى خاتا قىلدىڭ دەپ ئەيىبلىمەيدۇ. بۇنىسى ئېنىق، ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، بارىمىز دېسەڭلار، مەيلى، بېرىپ سىناپ بېقىڭلار، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىسىلەر، › دېدى. بىزگە ئۆز يېنىدىن 300 سوم پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلدى. بۇ 1980-يىللارنىڭ شارائىتىدا نىزامىدىن ئەپەندىدەك پېنسىيەگە چىققان بىر كىشى ئۈچۈن ئاز ئىقتىساد ئەمەس ئىدى.»
دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە كىرىش جەريانىنى ئەسلىگىنىدە مىللىي مەپكۇرە ھەمدە ۋەتەننىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى قىممەتلىك بىلىملەرنى ئەڭ دەسلەپ ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىندىن ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نىزامىدىن ئەپەندى شۇ چاغدا بىزگە ‹سىلەر خاتا قىلمىدىڭلار، بىر تارىخ ياراتتىڭلار. سىلەردەك ياشلىرى بولغان مىللەتتە ئۈمىد كېسىلمەيدۇ، سىلەردەك ياشلىرى بولغان مىللەت مۇستەملىكىدىن ھامان قۇتۇلىدۇ. سىزلەر ياشلىقىڭلاردا ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتىڭلاردىن، بەرگەن بۇ قۇربانلىرىڭلاردىن پەخىرلىنىشىڭلار ھەم غۇرۇر ھېس قىلىشىڭلار لازىم! › دېگەن ئىدى. ئەگەردە ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق رىغبەتلىرى ۋە مەدەتلىرى بولمىغىنىدا ئىدى، بىز كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىمىزنى يوقاتقان بولاتتۇق.»
بۈگۈن ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن دادىسى نىزامىدىن ھۈەسەيىن ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ جەريانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ دادىسىنىڭ شۇ يىللاردا مەيلى گېزىتخانىدا بولسۇن ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بولسۇن، ياشلارنى مىللىي مەپكۇرە بىلەن تەربىيەلەش جەھەتتە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
(داۋامى بار)