قىرىق بىرىنچى قىسىم: ۋەتەن تارىخى ئۈچۈن تىركىشىش
مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەڭ زەھەرلىك ۋە ئەڭ خەتەرلىك كىتاب» دەپ قارالغان شۇنداقلا يىللاردىن بۇيان بىرىنچى دەرىجىلىك چەكلەنگەن كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەر ئىدى. مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى دوكتور ياقۇب بۇغرا «خاتىرەلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىدە 1947-يىلى ئائىلىسى بويىچە كەشمىر ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتقانلىقىنى، شۇ قېتىم تاغىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ كەشمىردە بېسىلغان تۇنجى نەشرىدىن 4 نۇسخىنى يوشۇرۇنچە ۋەتەنگە ئېلىپ كىرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ بىر قىسمىنى قايتا تولۇقلاپ چىققانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدىكى «ئالتاي نەشرىياتى» دا باستۇرغانلىقى مەلۇم. بۇ يىللاردا «ئالتاي نەشرىياتى» يەنە پولات قادىرىنىڭ «ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابىنىمۇ نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ.
ئارىدىن يېرىم ئەسىردەك ۋاقىت ئۆتۈپ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە ۋەتەن تارىخىنى قايتا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ياشىنىپ قالغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى قولىدىكى «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ۋە «ئۆلكە تارىخى» قاتارلىق قىممەتلىك تارىخ كىتابلىرىنى كۆپەيتىپ باستۇرۇپ، ياشلارغا تارقاتماقچى بولىدۇ.
1989-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بولغان جەرياندا بۇ كىتابلارنى شاپىگرافتا يوشۇرۇنچە باستۇرۇش ئىشىغا قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭدىن 30-يىللار ئاۋۋالقى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن دولقۇن ئەيسا قاتارلىق بىرقانچە ياشلار بۇ خەتەرلىك ھەم شەرەپلىك ئىشقا تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن پولات قادىرىنىڭ «ئۆلكە تارىخى» ناملىق كىتابىنى يوشۇرۇنچە باستۇرىدۇ. ئاندىن مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك كىتابىنى بىرقانچىگە بۆلۈپ باستۇرىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى شەخسەن ئۆزى بۇ كىتابلارنى تارقىتىدىغان ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ.
كېيىنچە دولقۇن ئەيسا چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىدۇ. بۇ جەرياندا كىتاب بېسىش ئىشىغا قاتناشقان ياشلاردىن بىرى تۇتۇلۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن جىددىيچىلىك ۋە ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندى دولقۇن ئەيساغا خەت يېزىپ، ئەگەردە كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا ھەممە ئىشنى ئۆزىگە ئارتىپ قويۇشىنى تاپىلايدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى خېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بالىلىرىم، مەن تۈرمىلەردە يېتىپ باققان، بېشىمدىن ھەممە ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەنمەن. سىلەر تېخى ياش، ئالدىڭلاردا ماڭىدىغان يولۇڭلار ئۇزۇن. سىلەر ياشىشىڭلار، ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭلار كېرەك. ئەگەردە تۇتۇلۇپ قالساڭلار، ‹بۇ ئىشنى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلدۇق، بىز تەپسىلاتىنى بىلمەيمىز› دەپ ھەممە گۇناھنى ماڭا دۆڭگەپ قويۇڭلار. مەن بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن!»
1980-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» دە بىللە ئىشلىگەن، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار خوجا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ جەنۇبقا بىرقانچە ئايلىق سەپەر قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ يۇرتى قاغىلىقتىكى ئوت يۈرەك ياشلارغا ھەر كۈنى كېچىسى ۋەتەن تارىخى ھەققىدە دەرس سۆزلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا قولىغا قورال ئېلىپ مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشكەن بىر ئىنقىلابچى، قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بارغان بىر تارىخچى ۋە ژۇرنالىست شۇنداقلا 20 يىللاپ تۈرمىدىن قاچقان بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋەتەننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كەزگەن، ھەر بىر سىقىم توپىسىنىڭ قىممىتىنى دەڭسەپ كۆرگەن، ئۆز خەلقىنىڭ يىغا ۋە كۈلكىسىنى چۈشەنگەن بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00