قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (44)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.08.27
Nizamidin-Huseyin-ependi-Yekendiki-Melike-Amannisaxan-thumb.jpg نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى يەكەندىكى مەلىكە ئاماننىساخان ھەيكىلى ئالدىدا. 1990-يىللار.
RFA/Qutlan

قىرىق تۆتىنچى قىسىم: مىللىي ۋىجداننىڭ تارازىسىنى كۆتۈرگەن ئىنسان

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ زامانداشلىرى بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتى، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن دەۋرداش ئۆتكەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ۋەتەن ۋە مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەت ھەم ۋىجداننى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىدى.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلغان ياكى ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدە قالدۇرغان ئىزلىرىنى قىدىرىپ چىققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ زامانداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەر ۋاقىت «مىللىي ۋىجداننىڭ تارازىسىنى چىڭ كۆتۈرگەن بىر ئىنسان» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسى ھەققىدە توختالغىنىدا دادىسىنىڭ تۇرغۇن ئالماس، ئۆتكۈر ئەپەندى، ئابلىز مەخسۇم قاتارلىق ئالدىنقى ئەۋلاد زىيالىيلاردىن تارتىپ، ئەختەم ئۆمەر، يالقۇن روزى قاتارلىق كېيىنكى ئەۋلاد ياش زىيالىيلارغا قەدەر ھەر قاتلامدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلىغانلىقىنى، ئەمما ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتتە «مىللەت ۋىجدانىنى ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇنغان قويغانلىقى» نى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى ھاياتىدا ھەر ساھە ۋە ھەر قاتلامدىكى شۇنچە كۆپ ئىنسانلار بىلەن تونۇشقان ياكى باردى-كەلدى قىلغان، ئۇ ھەر ۋاقىت باشقىلار بىلەن بىلەن نورمال كىشىلىك مۇئامىلىسىنى ساقلاشقا تىرىشقان ئىدى. ئەمما زامانداشلىرى، ھەتتا ئەڭ يېقىن ئۆتكەن سەپداشلىرى ناۋادا سىياسىي مەۋقە ياكى مىللىي مەپكۇرە جەھەتتىن سىياسىي شاماللارغا ماسلىشىپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلغىنىدا ئۇلارغا ئەڭ مۇرەسسەسىز شەكىلدە ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان پىكىر تارىخىدىكى سەمەرىلىك ئىلىم ئادەملىرىدىن بىرى. نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا «ئوڭچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ شىگوبى (ئوتۇنكوزا) ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا ئەۋەتىلگەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن بىر مەھەل لاگېردىكى قىيىن كۈنلەرنى بىللە كۆرىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىننىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىن ئۆزىنىڭ «تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نىزامىدىن ھۈسەيىن زاماندىشى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن كىتابىنىڭ نامىغا «تاڭ دەۋرى» دېگەن سۆزنى قوشقانلىقىنى كەسكىنلىك بىلەن سورايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ھەبىبۇللا خالىق ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1980-ۋە 1990-يىللاردا تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مەشھۇر زىيالىيلار بىلەن بىلەن بىرلىكتە مىللەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەيدىغان، ئىلىم ساھەسىدە، بولۇپمۇ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆرۈلگەن ئېغىپ كېتىشلەر، خاتالىقلار ۋە سەپسەتەلەرگە دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئىش بىرلىكى ھاسىول قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

1990-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومانلار قىزغىنلىقى ئەۋج ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خوجىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلارغا دائىر تارىخىي رومانلىرىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىگە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ. ھەبىبۇللا خالىق يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئېلىنىڭ «بەدۆۋلەت-يانغىن قاپلىغان زېمىن» ناملىق 3 توملۇق تارىخىي رومانىنى يېزىش جەريانىدا نىزامىدىن ئەپەندىدىن كۆپلىگەن تارىخىي ماتېرىياللارنى ئېلىپ كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ھەبىبۇللا خالىق يەنە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ شۇ يىللاردا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىۋاتقان كۆپ قىسىم گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە خالىسانە تۈرتكە بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» ۋە «ئىلى كەچلىك گېزىتى» گە يازغان مەكتۇپلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ 1980-ۋە 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر زىيالىيلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرى بىلەن ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆيىدە تونۇشقانلىقىنى، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تارىخىي ۋە ئىلمىي تېمىلاردا «مىللىي ۋىجدان» نى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.