قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (6)

0:00 / 0:00

ئالتىنچى قىسىم: تەقىب ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمى

تۈرمىدە زەئىپلىشىپ ئاخىرقى كۈنلىرى قالغان 72 ياشلىق نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى 3-تۈرمىدىن داۋالىنىشقا ئېلىپ چىقىلىدۇ. ئۇ شۇ كۈنىلا ئۈرۈمچىدىكى 2-دوختۇرخانىغا، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. دوختۇرلار بىمارنى 20 نەچچە كۈن جىددىي داۋالىغان بولسىمۇ، ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ. ئاخىرى جۈرئەت نىزامىدىن مەسئۇل دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئاخىرقى تىنىقلىرى قالغان دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتۇرۇپ چىقىدۇ.

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن جۈرئەت نىزامىدىن ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تىكقۇدۇقتىكى مەرھۇم ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، دۇئا قىلىپ كەلمەكچى بولىدۇ. ئەمما نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى بىردىنلا تۇراقسىزلىشىپ، بەزىدە ھوشىنى يوقىتىدۇ، بەزىدە ھوشىغا كېلىپ تىنىمسىز ئىڭرايدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى ھوشىغا كەلگىنىدە ئوغلى جۈرئەتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ئۈستىلىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىزدىگەندەك قىلىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ كۆز ئىپادىسىگە قاراپ ئۈستەلدىكى تەۋەررۈك قەلەمنى ئېلىپ كۆرسىتىدۇ. دادىسى قەلەمنى ئوغلىنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ قولى بىلەن چىڭ بېسىپ ئۈنسىز نىدا قىلىدۇ. . .

جۈرئەت نىزامىدىن شۇ كۈنى كەچقۇرۇن تىكقۇدۇقتىن قايتىپ كەلگىنىدە دادىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، گەپ قىلالماس ھالەتكە چۈشكەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇ دادىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، يۈز-كۆزلىرىنى سىيلاپ سۇس ئاۋازدا چاقىرىدۇ، ھالبۇكى، نىزامىدىن ئەپەندى ئوغلىنىڭ قۇچىقىدا ئاخىرقى قېتىم چوڭقۇر بىر نەپەس ئالىدۇ-دە، جان ئۈزىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئارمانلار بىلەن يېلىنجاپ ئۆتكەن يۈرىكى 1998-يىلى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا ئاخشىمى سوقۇشتىن توختايدۇ. بۇ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە تېخىچە ئەتىيازنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقى داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەر ئىدى.

شۇ كۈنى كېچىسى جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ ئېڭەكلىرىنى ئۆز قولى بىلەن چاتىدۇ. مېيىتنى تۇغقانلىرىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن يۇيۇپ-كېپەنلەپ، ئەتىسى پېشىن نامىزىغا كېلىدىغان جامائەت بىلەن جىنازا نامىزىنى ئوقۇشقا ۋە مېيىتنى يەرلىككە قويۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ.

ھالبۇكى، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى شۇ كۈنى كېچىسى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، «داغدۇغا قىلماسلىق، جامائەتكە ئۇقتۇرماسلىق، ئەتىسى سەھەردە بەلگىلەنگەن ئادەملەر بىلەنلا جىمجىت دەپنە قىلىش» نى ئۇقتۇرىدۇ، ئارقىدىن ساقچىلار «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ، كىرگەن-چىققان ئادەملەرنى تەكشۈرىدۇ.

ئەتىسى سەھەردە مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ جىنازا نامىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۈرۈمچى قىزىلتاغ رايونىدىكى كىچىك بىر مەسچىتتە ئازلا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھاپىلا-شاپىلا ئوقۇلىدۇ. ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان نوغاي جامەسىدە ئوقۇتۇش ئارزۇسى رەت قىلىنىدۇ. مەرھۇمنىڭ مېيىتى 10 نەچچە ساقچى ماشىنىسىنىڭ ھىمايىسىدە ئۈرۈمچى تىكقۇدۇقتىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ چىقىلىپ، جىمجىتلا دەپنە قىلىۋېتىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، خەلقىنىڭ ئارمانلىرى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى بەدەل تۆلىگەن بىر ئىنسان بۇ دۇنيادىن كەتكىنىدە ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى، مېيىت نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمى ئۆز خەلقىدىن پىنھان تۇتۇلىدۇ. ھەتتا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ سىياسىي باشقارمىسى مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «نەزىر قىلماسلىق، جامائەتنى چاقىرماسلىق» ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن بۇنىڭدىن 20 يىل ئاۋۋالقى بۇ ۋەقەلەرنى ئەسلىگىنىدە قەلبى لەختە-لەختە بولىدۇ.

(داۋامى بار)