قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (7)

0:00 / 0:00

يەتتىنچى قىسىم: «مېنى ئۆزگىرىدۇ دېمەڭلار، مەن ئۆز ئەقىدەم بىلەن ئۆلىمەن!»

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتۈپ 20 يىل بولغاندا ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى دادىسى تۇتۇپ كېتىلگەن مۇدھىش كۈنلەردە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دادىسى ۋاپات بولغان مۇسىبەتلىك كۈنلىرىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىرقانچە ۋەقە ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.

بىر ئائىلىدىكى بىر كىشىدىن «سىياسىي مەسىلە» كۆرۈلسە شۇ ئائىلىنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى قوشۇپ جازالاش، ئاتا-ئانىسىنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىقى سەۋەبلىك بالىلىرى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىمۇ شۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە مەجبۇرلاش كوممۇنىزم سىستېمىسىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلىق ئەنئەنىسىدۇر. جۈرئەت نىزامىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى يېرىم كېچىدە 71 ياشلىق دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى جۈرئەت نىزامىدىننىڭ خىزمەت ئورنىنى مۇخبىرلىق قىلىدىغان بىرىنچى سەپتىن، گېزىتنىڭ ئىملا ۋە باشقا خاتالىقلىرىنى تەكشۈرىدىغان ئىككىنچى سەپكە يۆتكەيدۇ.

دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ، يېرىم يىلغىچە ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردىكى مۇنداق بىر ۋەقە جۈرئەت نىزامىدىننىڭ خاتىرىسىدە ھېلىھەم ساقلانماقتا. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى باشلىقى يۈسۈپجان ئەھمىدى شۇ كۈنلەردە جۈرئەت نىزامىدىننى ئۆز ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ گۇەن فامىلىلىك بىر شېۋە خادىمىنىڭ 71 ياشلىق مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىن ھەققىدە دېگەنلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىدۇ.

شېۋە مىللىتىدىن بولغان گۇەن فامىلىلىك بۇ كىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ، يەنى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ دېلوسىغا ئۆزى بىر قوللۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئۇ شۇ قېتىم «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە مەسئۇل باشلىقى يۈسۈپجان ئەھمىدىگە مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ:

«سىلەر پارتىيەنىڭ ئورگان گېزىتى تۇرۇپ 30-40 يىلدىن بۇيان نىزامىدىن ھۈسەيىندەك كىشىلەرنىڭ بۇنداق مۇھىم بىر ئورۇندا بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قانداقلارچە سۈكۈت قىلدىڭلار؟ ئۇ ئۆلگۈچە ئۆزگەرمەيدىغان كونا ماركىلىق بۆلگۈنچى ئىكەن. شۇنچە قاتتىق سوئال-سوراق قىلساقمۇ ‹مەن ھېچنېمىنى خاتا قىلمىدىم. مېنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار، مەن ئۆز ئەقىدەم ۋە سىياسىي غايەم بىلەن ئۇ دۇنياغا كېتىمەن. مېنىڭ ھاياتىم سىلەرنىڭ تۈرمەڭلەردە ئۆتتى. ئىمكانىيىتىم بولسىلا تۈرمىدىن قاچتىم، ئەركىنلىك ئىزدىدىم. مېنىڭ پۇشايمىنىم يوق، ئەمما ئۆكۈنىدىغان بىرلا نۇقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ بىز 20-ئەسىردە ئۈچ قېتىم تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. بىرىنچى قېتىم 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ساقلاپ قالالمىدۇق؛ ئىككىنچى قېتىم 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئىلى ئىنقىلابى مەزگىلىدە تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. مىللىي ئارمىيەنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەنە يىقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئىنقىلابنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالمىدۇق. ئۈچىنچى قېتىم 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' نىڭ ئاخىرلىرى، يەنى 1970-يىللاردا بىزگە يەنە بىر قېتىم تارىخىي پۇرسەت كەلگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە سەيپىدىن '4 چوڭ ھوقۇق' نىڭ بېشىغا كېلىپ، پۈتۈن ئىشچى-دېھقان ياشلارغا 'خەلق ئەسكىرى' دەپ قورال تارقىتىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، خەلقىمىز بۇ تارىخىي پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلمىدى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانمىدى…› دەپ بىلجىرلىدى. نىزامىدىندەك بۇنداق بىر خەتەرلىك بۆلگۈنچى قانداقلارچە ‹شىنجاڭ گېزىتى› دەك مۇھىم ئاخبارات ئورنىدا ئۆزىنى يوشۇرۇپ كېلەلىدى؟ دېمەك، ئىدارەڭلاردا ناھايىتى ئېغىر سىياسىي مەسىلە مەۋجۇت دېگەن گەپ!. . .»

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتىدە جىمجىتلا دەپنە قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن ئېغىر روھىي بېسىم ئىچىدە قالىدۇ. ئۇ 40 كۈن بولغاندا يېقىن-يورۇقلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن بىرقانچە كىشىنى تەكلىپ قىلىپ ئۆز ئۆيىدە دادىسىنىڭ 40 نەزىرىنى بېرىدۇ. شۇ كۈنى دوستلىرى ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. مۇسابىقە تۈگىگەندە ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى كەچلىك ئۇيغۇر بازىرىغا بارىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارغا بىرقانچە داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئۇچراپ، جۈرئەت نىزامىدىننى چىڭ قۇچاقلىغان پېتى ئۇنىڭغا ئۈنسىز تەسەللى بېرىدۇ. ئۇلاردىن بىرى جۈرئەت نىزامىدىنغا: «دادىڭىزنىڭ ئۆلۈمى شەرەپلىك ئۆلۈم!» دەيدۇ.

(داۋامى بار)