قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (8)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە. 1964-يىلى ماي.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە. 1964-يىلى ماي.
RFA/Qutlan

يەتتىنچى قىسىم: قاراقۇرۇمدا ئاپىرىدە بولغان روھ

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار كىشىلەر ئۇنىڭ ھاياتىنى «تەۋەككۈلچىلىككە ۋە تاسادىپلارغا تولغان بىر رىۋايەتلىك ھايات» دەپ قارىشىدۇ. دەرۋەقە، شەخسىي ھاياتى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتكەن مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندى مىلادىيە 1928-يىلى قاغىلىقنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئېتىكىدىكى چوپان يېزىسىغا قاراشلىق ئازغانسال كەنتىدە رىۋايەتلىك بىر مۇھىتتا دۇنياغا كېلىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىگە سۆزلەپ بەرگەنلىرى ۋە تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىگە ئاساسەن مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، يۇرتى ۋە ئاتا-بوۋا نەسەبلىرى ھەققىدە مۇنداق بايان بېرىدۇ: «دادام رەھمەتلىك 1928-يىلى قاغىلىقنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرىغا تۇتۇشىدىغان يىراق تاغلىق كەنتى ئازغانسالدا تۇغۇلغان ئىكەن. دادامنىڭ دادىسى ئابلىزئاخۇن ئازغانسالدىكى باي چارۋىدار قاسىم قارنىيورۇق ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى ئىكەن. ئابلىزئاخۇن 17-18 ياشلىرىدا تۆۋەن تەرەپتە دېھقانچىلىق قىلىدىغان بىر نامرات ئائىلىنىڭ قىزى ھەلىمەخانغا ئاشىق بولغان ئىكەن. كېيىنچە ئائىلىسىدىكىلەر قوشۇلمىغاچقا ئۇ قىزنى ئېلىپ قېچىپ نىكاھلىنىپ دادام تۇغۇلۇپتۇ. دادام تۇغۇلۇپ 4 كۈن بولغاندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۇرت جامائىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى نەتىجىسىدە ئاتا-ئانىسى بوۋاقنى مەسچىتكە قويۇپ، بىر كېچىدە غايىب بولغان ئىكەن…»

1997-يىلى 3-ئايدا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچى 3-تۈرمىگە قامىلىدۇ. 70 ياشتىن ئاشقان بۇ بوۋاي قاماقتىكى ئېغىر كۈنلىرىدە «مېنىڭ كۈنلىرىم» ناملىق ئەسلىمىسىنى يازىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن زىيارىتىمىز داۋامىدا دادىسى قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك ئەسلىمىنىڭ «مەسچىت بالىسى» ناملىق بىرىنچى بۆلىكىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلدى. مەزكۇر ئەسلىمىدىمۇ نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ 4 كۈن بولغاندا مەسچىتكە تاشلاپ قويۇلغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق بېسىم ئاستىدا يۇرتتىن غايىب بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن يەنە كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرى ۋە دادىسى قالدۇرغان ئەسلىمىدىكى بايانلارغا ئاساسەن ئەينى ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا تۇغۇلغىنىغا 4 كۈن بولغان دادىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەسچىتكە تاشلاپ قويۇلغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ نېمىشقا يۇرتتىن كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدىكى جەريانلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلۇش تارىخى ۋە بەختسىز بالىلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالغان جۈرئەت نىزامىدىن يەنە دادىسىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنىدىن ئېتىبارەن رىۋايەتلىك قىسمەتلەرگە ئورىنىپ ياشىغانلىقى، قاراقۇرۇمدىكى تاغلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە يەرلىك خاراكتېرىنىڭ دادىسىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە تامغا بولۇپ بېسىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۆز دەۋرىدە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ھەققىدىكى يالقۇنلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇمنىڭ بىۋاسىتە تەۋسىيەسى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 29 يىل ئىلگىرى، يەنى 1989-يىلى 4-ئايدا جەنۇبقا سەپەر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئالايىتەن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى - قاغىلىقنىڭ چوپان يېزا ئازغانسال كەنتىگە بېرىپ بىر ھەپتە تۇرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا قاراقۇرۇمدىكى تاغلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يەرلىك خاراكتېرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نىزامىدىن ئەپەندىگە بولغان كۈچلۈك ھۆرمەت-ئەقىدىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

1986-يىلى يازدا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى قاغىلىققا، ئۇ يەردىن قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى چوپان ۋە ئازغانسالغا قايتا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىملىق سەپەردە نىزامىدىن ئەپەندىگە ئۇنىڭ ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار غوجا، يەنى بەختىيار بۆرە ھەمراھ بولىدۇ. ئارىدىن 32 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بەختىيار بۆرە ئەپەندى ئاشۇ قېتىملىق سەپەر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلارمەنلەر دىققىتىگە سۇندى: «بۇ سەپەر مېنىڭ ھاياتىمدىكى ۋە ئىدىيە-قاراشلىرىمدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بىر مۇھىم سەپەر بولدى. مەن ئۇستازىم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە قاغىلىق، يەركەن ۋە خوتەنلەردە 3 ئايدەك زىيارەتتە بولدۇم. بولۇپمۇ نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ يۇرتى قازغىلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇغۇلغان جايى بولغان چوپان ۋە ئازغانسالدىكى بىر ھەپتىلىك ھايات مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمەم بولۇپ قالدى. مەن چوپان خەلقىنىڭ ئاددىي-ساددا، ماددىي مەئىشەتتىن ئۇزاق، ئەمما روھىيىتى پاكىز، ئەقىدە-ئىخلاسى ساپ بولغان يەرلىك خاراكتېرىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلچان ئىدىم…»

بەختىيار بۆرە ئەپەندى يەنە ئۆزلىرىنىڭ شۇ قېتىملىق قاراقۇرۇم سەپىرى جەريانىدا چوپان ۋە ئازغانسالدىكى يەرلىك ئۇيغۇر چارۋىچىلارنىڭ نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئىخلاس قىلىدىغانلىقى، ھەتتا نىزامىدىن ئەپەندى ئۇلارنى ئوتقا كىر دېسە ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ كەينىگە يانمايدىغانلىقىدەك كۈچلۈك ئەقىدە-ئىخلاسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت