توققۇزىنچى قىسىم: ئۇنتۇلماس بالىلىق ۋە 16 ياشتا پارتىزان بولۇش
1997-يىلى 70 ياشتىن ھالقىغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاخىرقى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى 3-تۈرمىدىكى قاراڭغۇ كامېردا ئۆز ھاياتىدىن ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ مەزكۇر ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئېتىكىدىكى ئازغانسال كەنتىدە ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلماس بالىلىقى ھەققىدە يارقىن خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ يالغۇز ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىنمۇ مەرھۇم دادىسىنىڭ بالىلىق يىللىرىدا ئۆگەيلىك دەردىنى تازا تارتىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇرلا پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، خاراكتېرىدە قاراقۇرۇمدىكى تاغلىق ئۇيغۇرلارغا خاس سەبىر-چىدام، ئىرادە-جاسارەت ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ھەر ۋاقىت ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ھايات خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 1930-يىللاردا پۈتكۈل ئازغانسال كەنتى بويىچە خەت تونۇيدىغان ۋە يازالايدىغان، دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەر بويىچە مەلۇم ساۋاتى بولغان ئۈچىنچى كىشى ئىكەن. جۈرئەت نىزامىدىنمۇ ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم دادىسىنىڭ ئېغىزىدىن بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ھېكايىلەر ئاڭلىغانلىقىنى، نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بوۋىسى قاسىم قارنىيورۇقنىڭ شۇ يىللاردا نەۋرىسىنى ئالۋان ئورنىدا ئازغانسال كەنتىدە ئېچىلغان تۇنجى پەننىي مەكتەپكە تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىمۇ ئۆز ھاياتىدىن قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئېتىكىدىكى ئازغانسالدا بالىلىق يىللىرىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، بوۋىسى قاسىم قارنىيورۇقنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن ئازغانسالدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.
1944-يىلى 9-ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا جەنۇب پارتىزانلىرىمۇ قولىغا قورال ئېلىپ، تاشقورغاندىن تاكى قاغىلىقنىڭ تاغلىق رايونلىرىغىچە بولغان قاراقۇرۇم ئېتەكلىرىدە «تاغ ئىنقىلابى» قوزغايدۇ.
1945-يىلى يازدا 16 ياشقا كىرگەن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆگەي ئانىسى مىنگەن قوتازنى يېتىلەپ ئازغانسالدىن قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى بۇرقۇم مازىرىغا بارىدۇ. ئۇ بۇرقۇمدا 9 نەپەر تاغ پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ، ئىنقىلاب سېپىگە ئاتلىنىدۇ. مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «تاغ ئىنقىلابچىلىرى» سېپىگە قانداق قوشۇلغانلىقى ۋە قانداق قىلىپ تاشقورغان پارتىزانلىرى سېپىدىكى «بالا ئەسكەر» بولۇپ قالغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
1980-يىللاردا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان دولقۇن ئەيسامۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئېغىزىدىن ئۇنىڭ تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقان يىللىرىدىكى سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
بۈگۈن ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار بۆرە ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ 1980-يىللاردا نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلىگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ 16 يېشىدا تاشقورغان ئىنقىلابىغا قاتناشقانلىقىدىن تارتىپ تاكى ئۇنىڭ 1958-يىلى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن تۇتقۇن قىلىنغىنىغا قەدەر ئاجايىپ كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.
1945-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا بۇرقۇم مازىرىدىن پارتىزانلار سېپىگە قوشۇلغان نىزامىدىن ئەپەندى تاشقورغاننىڭ بۇرامسال دېگەن جايىدىكى تاغ ئىنقىلابچىلىرىنىڭ باش شتابىغا بارىدۇ. ئۇ بۇ يەردە قايتا تەشكىللەنگەن تاجىك جانەك ئىزۋوتىدىكى 31-ئەسكەر بولۇپ قالىدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق جەڭگە 1945-يىلى 9-ئايدا كوسراپتا قاتناشقانلىقىنى، تاغ ئىنقىلابچىلىرىنىڭ كوسراپتىكى بىر باتاليون گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، دۈشمەننى تارمار قىلغانلىقىنى يازىدۇ.
شۇ يىلى 10-ئايدا ياش تاشقورغان ئىنقىلابچىلىرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ياش نىزامىدىن ھۈسەيىن جانەك ئىزۋوتىنىڭ تەركىبىدە لەشكەر پولكى بىلەن قادىرقۇل پولكىدىكى 2000 دەك پارتىزانغا ھەمدەم بولۇپ، يەكەن، يېڭىسار ۋە قاغىلىق ناھىيەلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ 3 ناھىيەنىڭ كۆپ قىسىم يېزا-قىشلاقلىرى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا جانەك ئىزۋوتىنىڭ ئادەم سانى كۆپەيگەچكە مەزكۇر ئىزۋوت قايتىدىن تەشكىللىنىپ ئىسكادرونغا ئۆزگەرتىلىدۇ. تاجىك كوماندىر جانەك مەزكۇر ئىسكادروننىڭ قوماندانى بولىدۇ. ياش نىزامىدىن ھۈسەيىن جانەك ئىسكادرونىنىڭ كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىپ، «مىرزا يىگىت» دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ.
(داۋامى بار)