ئونىنچى قىسىم: چوپان-قاغىلىق ئۇرۇش سېپىدە
1945-يىلى 10-ئايدا مىللىي ئارمىيە غەلىبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كېلىدۇ. دەككە-دۈككىدە قالغان گومىنداڭ قىسىملىرى بار كۈچىنى توپلاپ ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاشقان مىللىي ئارمىيىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرىنىڭ ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپىسى ئاران 180 كىلومېتىر قالىدۇ. مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ بىر تارىخىي پەيتتە سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى نەنجىڭدىكى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان شەرقىي يۆنىلىشتىكى ئاساسلىق كۈچى بىلەن مۇزداۋان ئارقىلىق ئاقسۇغا چۈشكەن جەنۇبىي فرونتى ئۇرۇش توختىتىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ مەزگىلدە جەنۇبتىكى «تاغ ئىنقىلابچىلىرى» نىڭ كۈچى بارغانسېرى زورىيىپ تاشقورغان تەۋەسىدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ ھەمدە پۈتۈن سەپ بويىچە قاغىلىق، پوسكام ۋە يەكەننى ئازاد قىلىش يۈرۈشىگە ئاتلىنىدۇ. 11-ئاينىڭ باشلىرىدا يەكەن كوسراپنى ئىشغال قىلغان تاغ پارتىزانلىرىدىن جانەك ئىسكادرونى بۇيرۇق بويىچە قاغىلىقنىڭ چوپان يېزىسىنى ئازاد قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدە بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن پارتىزانلار چوپاننى ئالىدۇ. مەزكۇر ئىسكادروننىڭ كاتىپى، يەنى «مىرزا يىگىت» نىزامىدىن ھۈسەيىن پارتىزانلار بىلەن بىرلىكتە ئانا يۇرتى چوپانغا كىرىپ ئورۇنلىشىدۇ ۋە يېڭى بۇيرۇق كۈتىدۇ.
چوپان ئازاد قىلىنغان كۈنى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۈچۈن قوش خۇشاللىق بولىدۇ. يەنى ئۇ تۇغۇلغاندىن بۇيان كۆرۈش نېسىپ بولمىغان ئۆز ئانىسى ھەلىمەخان بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشىدۇ. ئانىسى ھەلىمەخان ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشىنى يېتىلەپ پارتىزانلار باش شتاب قىلىۋالغان قورۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. «مىرزا يىگىت» نىزامىدىن ھۈسەيىن ھەربىيچە چاس بىلەن سالام بېرىپ تۇغقان ئانىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ.
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ھاياتىدىن قالدۇرغان تارىخىي ئەسلىمىدە ئەينى ۋاقىتتىكى چوپاننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن ئولجا ئالغان قورال-ياراغ ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلەرنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ: «چوپان داۋان تۈۋىدە گومىنداڭنىڭ ھەربىي لاگېرى بار ئىدى. بىز بۇ يەرنى ئالغاندا 13 ئۆلۈك، 7 تاغار ئاشلىق، 4 تېڭىق ھەربىي كىيىم، 3 پىلىموت، 3 قۇچاق توققۇز ئاتار مىلتىق، 4 ساندۇق ئوق، 20 پارچىدەك كىگىز ۋە 5 ئات ئولجا ئالغان ئىدۇق.»
چوپان ئازاد قىلىنىپ 4 كۈندىن كېيىن، يەنى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى يەكەن ۋە قاغىلىق تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر پولك گومىنداڭ ئەسكىرى چوپاننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغايدۇ. پارتىزانلار بىلەن تولۇق قوراللانغان بىر پولك گومىنداڭ ئەسكىرى ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك جەڭ بىر كېچە-كۈندۈز داۋام قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن خېلى ساندا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش كۆرۈلىدۇ. چوپاننىڭ يەر شارائىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان پارتىزانلار ئاخىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى 41 ئۆلۈكنى قالدۇرۇپ قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا چېكىنىدۇ. مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق چوپان ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
1945-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى يەكەن كوسراپتىكى لەشكەر پولكىنىڭ باش شتابىدىن چوپاننى بازا قىلىپ تۇرغان جانەك ئىسكادرونىغا قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا تېگىش ھەققىدە جىددىي بۇيرۇق كېلىدۇ. ئۇلار شۇ كۈنى كېچىدە ئاتلىنىپ 3 كۈنلۈك جىددىي يۈرۈشتىن كېيىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدە قاغىلىقنىڭ شاخاپ دېگەن جايىغا يېتىپ بارىدۇ ۋە بۇ يەردە لەشكەر پولكىنىڭ بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى ئىسكادرونى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇلار 11-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچىدە قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا يېقىنلىشىپ بۇيرۇق كۈتىدۇ.
شۇ كۈنى كېچىسى تاڭ ئېتىشقا يېقىن سائەت 4:00 بىلەن پارتىزانلار 3 تەرەپتىن قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغايدۇ. نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا گومىنداڭنىڭ خىللانغان بىرقانچە پولكى بىلەن بىرقانچە يۈز ساقچى قىسىملىرى بار بولۇپ، قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرىدۇ. جانەك ئىسكادرونى يار كوچا تەرەپتىن قاغىلىق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە قاراپ قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.
قاغىلىق سېپىلىنىڭ يار دەرۋازىسى قېشىدىكى ساقچى ئىدارىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان جانەك ئىسكادرونى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ شىددەتلىك ئوت كۈچىگە دۇچ كېلىدۇ. دەسلەپكى ھۇجۇمدىلا پارتىزانلاردىن 14 نەپىرىگە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. شۇنداقتىمۇ پارتىزانلار بوشاشماستىن ئالغا ئىلگىرىلەپ سېپىل تۈۋىدىكى ئاتخانىنى ئىگىلەپ يار دەرۋازىسىغا ئوت قويىدۇ. ياش نىزامىدىن ئاتخانىنىڭ ئىچى بىلەن دەرۋازىغا يېقىنلىشىپ ئوت قويۇۋاتقاندا قولىغا ئوق تېگىدۇ. دەرۋازىغا قويۇلغان ئوت سېپىل ئۈستىگە ئۆرلەپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى ھودۇقتۇرۇپ قويىدۇ. قويۇق ئىس-تۈتەكتىن پايدىلىنىپ شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان پارتىزانلار ئاخىرى ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ساقچىلىرى 97 دەك ئۆلۈكنى قالدۇرۇپ ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ قاچىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە شۇ كۈنىدىكى قاغىلىق ئۇرۇشىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
(داۋامى بار)